تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوقۇم كۆرۈڭ! ئائىلىدىكى بۇ يەتتە خىل دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ھەممىسى خاتا! تۆۋەندىكىدەك قىلغاندا ئاندىن بىخەتەر بولىدۇ

   ئۆينى ھەر كۈنى دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك؟ (خاتا)

  ئەگەر ئۆيگە سىرتتىكى كىشىلەر زىيارەتكە كەلمىگەن، ئۆزىنى ئايرىۋېتىدىغان گۇمانىي كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمىسا، ھەر كۈنى دېزىنفېكسىيە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، قولنى پاكىز يۇيۇپ، تازىلىقنى ياخشى قىلسىلا بولىدۇ، دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

  مۇبادا ئاممىۋى ئاپتوبۇس، مېترو، تاكسى قاتارلىقلارغا ئولتۇرغان بولسا بولۇپمۇ دوختۇرخانا قاتارلىق كىشىلەر زىچ توپلاشقان جايلاردىن قايتىپ كەلگەن بولسا، كىيىم-كېچەكلەرنى دېزىنفېكسىيە دورىسى بىلەن يۇيۇش كېرەك.

  ئاچچىقسۇ قاينىتىش ئارقىلىق مىكروپ ئۆلتۈرۈپ دېزىنفېكسىيە قىلغىلى بولىدۇ؟(خاتا)

  ئېيتىلىشىچە، ئاچچىقسۇ تەركىبىدىكى سىركە كىسلاتاسى ۋىرۇس قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ، ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمى پەيدا قىلىدىكەن. ئەمما ئاچچىقسۇ تەركىبىدىكى سىركە كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، مىكروپ ئۆلتۈرۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىش رولىنى ئوينىيالمايدۇ. ھورلاندۇرۇلغان ئاچچىقسۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا نىسبەتەن ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە ئەمەس.

  دېزىنفېكسىيە دورىسىنىڭ قويۇقلۇقى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى؟(خاتا)

  نۇرغۇن كۈچلۈك دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنىڭ غىدىقلاشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، قويۇقلۇقى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولسا ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا دېزىنفېكسىيە دورىسىنىڭ قويۇقلۇقى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى بولمايدۇ.

  ئۆي ئىچىدە پۈركۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك؟ (خاتا)

   75% قويۇقلۇقتىكى ئىسپىرت دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ ئوت ئېلىش نۇقتىسى تۆۋەنرەك بولۇپ، ئوت ئاپىتى خەۋپ-خەتىرى A تۈرگە تەۋە.

  ئۆي ئىچىدە پۈركۈپ دېزىنفېكسىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش مەنئىي قىلىنىدۇ، سۈرتۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ھەمدە ئېقىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ئۆي سىرتىغا پۈركۈپ دېزىنفېكسىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، جەزمەن ئوت يېقىشنى مەنئىي قىلىش كېرەك، قىسمەن جايلارغا قويۇق پۈركۈلۈپ كېتىپ، ئوت كېتىش خەتىرى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى قىلىپ تەڭشىسە ياكى ئىسسىق سۇدا يۇيۇنسا ۋىرۇسنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ؟ (خاتا)

  مېدىتسىنادا ئىسپاتلىنىشىچە، ۋىرۇس ئىسسىقلىققا سەزگۈر ئىكەن، لېكىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس 56 سېلسىيە گىرادۇسلۇق سۇدا 30 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغاندا ئاندىن يوقىلىدىكەن.

  قىش پەسلىدە ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى 23 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولغاندا ياكى يۇيۇنىدىغان ئىسسىق سۇنىڭ  تېمپېراتۇرىسى 40 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولغاندىمۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى يوقاتقىلى بولمايدۇ.

  يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئېقىن سۇدا يۇيۇشنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟ (خاتا)

  بازاردا باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش تەركىبى بولغان نۇرغۇنلىغان يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز  قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ بەلگىلىك غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى بار بولۇپ، تېرىگە رېئاكسىيە قىلىشى مۇمكىن.

    تېز قۇرۇيدىغان يۇيۇشتىن خالىي قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئاسان ئوت ئالىدىغان ماددىغا تەۋە بولۇپ، ئىشلەتكەندە ئوت يالقۇنىدىن يىراق تۇتۇپ، بالىلارنىڭ يالغۇز ئىشلىتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  ئامال بار ئېقىن سۇدا قول يۇيۇش، سوپۇن ياكى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن بارماقنىڭ ئۇچلىرىنى، ئالقاننى ۋە بېغىش  قاتارلىق قولنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنى يۇيۇش كېرەك.

  قول يۇيۇش بۇيۇملىرى ئۈچۈن ئىسپىرت تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىلا ئىشلىتىش كېرەك؟ (خاتا)

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىقلار ئېلان قىلغان ئالاقىدار كۆرسەتمىلەردە، قول يۇيۇشقا دىققەت قىلىش كېرەكلىكى ھەمدە قول يۇيغاندا ئادەتتىكى سوپۇن ۋە سۇ ئىشلىتىش كېرەكلىكى تىلغا ئېلىنغان.

      سوپۇن ۋە سۇ بولمىغان ئەھۋالدا، ئىسپىرت تۈرىدىكى دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

  ئىسپىرتنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟

  1. ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇقى %75 بولسا ئەڭ ياخشى. ئەگەر قويۇقلۇقى %90 بولغان ئىسپىرت سېتىۋالغان بولسا، ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چۈشەندۈرۈلۈشى بويىچە سۇيۇلدۇرۇش كېرەك.

  2. ئىشىك تۇتقۇچى، ئۈستەل يۈزى، لىفىت كۇنۇپكىسى، يان تېلېفون قاتارلىقلارغا ئىسپىرت پۈركىسە ياكى سۈرتسە بولىدۇ، ھاۋاغا ياكى بەدەنگە كۆپ مىقداردا ئىسپىرت پۈركۈمەسلىك كېرەك.

  3. ئۆي ئىچىدە ئىسپىرت ئىشلەتكەندە، ھاۋانىڭ ياخشى ئۆتۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىشلىتىلگەن لۆڭگە قاتارلىق تازىلاش بۇيۇملىرىنى پاكىز سۇدا يۇيغاندىن كېيىن شامال ئۆتۈشىدىغان ئورۇنغا قويۇپ قۇرۇتۇش كېرەك.

  4. ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئەتراپتىكى ئاسان ئوت ئالىدىغان نەرسىلەرنى تازىلاپ، ئوت كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ سىرتقى يۈزىنى دېزىنفېكسىيە قىلىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال توك مەنبەسىنى ئېتىۋېتىش كېرەك.

  5. ئۆيدە كۆپ مىقداردا ئىسپىرت ساقلاشقا بولمايدۇ، يەككە ئورالمىلىقىمۇ 500 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  6. ئىسپىرت ساقلىغان بوتۇلكىلارنىڭ ئاغزىنى ھىم ئېتىش كېرەك، قاپقاقسىز قاچىلارنى ئىشلىتىش مەنئىي قىلىنىدۇ. ئوچاق قاتارلىق ئىسسىقلىق مەنبەسى مۇھىتى ۋە توك مەنبەسى روزېتكىسىنىڭ ئەتراپىغا قويۇشقا، تامنىڭ يېنى، ئۈستەل پۇتى قاتارلىق ئاسان ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان يەرلەرگە قويماسلىق، خاتا ھالدا تېگىپ كېتىپ ئۆرۈلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق خىلورلۇق دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟

  1. چوقۇم ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈلۈشى بويىچە سۇيۇلدۇرغاندىن كېيىن ئىشلىتىش كېرەك.
  2. ھاجەتخانا تازىلىق سۇيۇقلۇقى قاتارلىق دېزىنفېكسىيە قىلىش، تازىلاش مەھسۇلاتلىرى بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا زەھەرلىك گاز ھاسىل قىلىپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
  3. ئىسپىرت بىلەن بىللە ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
  4. ئىشلەتكەندە تېرە، كۆز، ئېغىز، بۇرۇنغا تېگىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، ماسكا، رېزىنكە پەلەي ۋە سۇ ئۆتمەس پەرتۇق تاقاش كېرەك.
  5. شامال ئۆتۈشۈشى ياخشى بولغان رايونلاردا تەڭشەش ۋە ئىشلىتىش، سوغۇق سۇدا تەڭشەش كېرەك، ئىسسىق سۇدا تەڭشەلسە دېزىنفېكسىيەلەش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ.

  ماتېرىيال مەنبەسى: خەلق گېزىتى، خەلق تورى سۈرەتلىك خەۋىرى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى، جۇڭگو ئاخبارات تورى قاتارلىقلار

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى