تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كارخانىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى ئىلى ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، غۇلجا شەھىرىدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشى، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىقلارنى يېتەرلىك توك ئىشلىتىش كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

(لەي يۈنىڭ فوتوسى)

ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىۋاتىدۇ. باش باھار ئۆتكەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كارخانىلار پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلىدى. نۇرغۇن كارخانا تولۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى ياكى كەينى - كەينىدىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىدى.

ۋاقىت قوغلىشىش سۈرئەت تالىشىش

شىنجاڭ جيانىڭ 84 دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىككى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ، 30دىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچى نۆۋەت بىلەن ئىسمېنا ئالمىشىپ، 24 سائەت توختىماي ئىشلەپچىقىرىپ، ۋاقىت قوغلىشىپ، سۈرئەت تالىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرۇۋاتىدۇ. «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ئەگىشىپ، بىز بىرىنچى ۋاقىتتا ئۆيىگە قايتمىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مۇددەتتىن بۇرۇن خىزمەت ھالىتىگە كىرىپ، مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشتۇق» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى ئەي يۈنچاۋ.

ئەي يۈنچاۋ مۇنداق بىلدۈردى: كارخانا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، يېپىق شەكىلدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى، ھەر كۈنى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى، ئارقا - ئارقىدىن قايتىپ كەلگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر زاۋۇتقا قايتقان كۈندىن باشلاپ 14 كۈن كۆزىتىلىپ، غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلمىگەندىن كېيىن ئاندىن ئىش ئورنىغا چىقسا بولىدۇ.

شىنجاڭ ئەيدىئېر بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچى - خىزمەتچىلەر فورما كىيىپ، ماسكا تاقاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىسپىرت ئىشلەپچىقىرىشقا ئاتلاندى. ئىشلەپچىقىرىش، قاچىلاش، تەكشۈرۈش قاتارلىق تارماقلار كۈچەپ ماسلىشىپ، پۈتۈن سۈرئەت بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى، ھەربىر ھالقا ناھايىتى تەرتىپلىك بولدى، %75لىك دېزىنفېكسىيە ئىسپىرتى قاچىلانغان بوتۇلكىلار تېز سۈرئەتتە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە «مېڭىش»قا باشلىدى. «شىركەت نۆۋەتتە تولۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى، ئەسلىي بىر ئىسمېنىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 1000دىن ئارتۇق بوتۇلكىغا قاچىلىغىلى بولاتتى، ھازىر ئون ھەسسىگە يېقىن كۆپەيدى. نۆۋەتتە كارخانا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن يەنە بىرنى كۆپەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشنى ماسلاشتۇرۇپ، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.» بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ يىبىڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، شىركىتىمىز ئىشلەپچىقارغان داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرت تېز سۈرئەتتە سېتىلىپ تۈگىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىركەت چاقىرىققا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، دەرھال ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تەشكىللىدى، نۆۋەتتە شىركەتنىڭ كۈندىلىك ئىسپىرت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئون توننىغا يەتتى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئاراتۈرۈك ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ گۇاڭخۇي يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدە، بۇ شىركەتنىڭ خادىمى تيەن جۈنپېڭ تىرانسپورت ئاپتوموبىلى شوپۇرىغا تاماق يەتكۈزۈپ بېرىۋاتاتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، ئاراتۈرۈك ناھىيەسى نوم بازىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاشخانىلارنىڭ ھەممىسى تىجارەتنى توختاتتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە يۈك تىرانسپورتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىركەت تىرانسپورت ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنى ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلىدى».

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بولمايدۇ. بۇ يىل 1 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، گۇاڭخۇي ئېنېرگىيەسىنىڭ نومدا تۇرۇشلۇق كارخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە مەخسۇس قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، توققۇز كارخانىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇردى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش ئۈچۈن، كارخانا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. زاۋۇتقا مال ئالغىلى كېلىدىغان ئاپتوموبىللارغا بەلگىلەنگەن رايونغا كىرگەندىن كېيىنلا پۈتۈن مۇساپىدە قوغداپ مېڭىشقا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، شوپۇر، توشۇشقا نازارەت قىلغۇچىلارنى ئاپتوموبىلدىن قەتئىي چۈشۈرمەي، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى توسىدى.

2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونىدىكى جۇڭتەي خىمىيە سانائىتى باغچىسىدا ئىشچىلارنىڭ ھەرقايسى ئىش ئورۇنلىرىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ باكقا قاچىلانغان دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتى سۇيۇقلۇقىنى زاۋۇت رايونىدىن ئېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قارىمىقىدىكى خۇاتەي شىركىتى نۆۋەت بىلەن دەم ئېلىشنى جىددىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. «چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتىن باشلاپ، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئىش ئورنىغا چىقىپ، تۆت بەن - گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن 24 سائەت ئۈزۈلدۈرمەي دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقاردى» دېدى جۇڭتەي گۇرۇھى خۇاتەي شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت مەركىزىنىڭ نۆۋەتچى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى جىن ۋېي.

شىنجاڭ لەنشەن تۈنخې پولىئېستېر چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كارخانا جايلاشقان باغچە رايونى ئىچىدە مەخسۇس ئىجارىگە ئېلىنغان زاۋۇت ئۆيىنى ياتاققا ئۆزگەرتىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرۇشىغا بەردى، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم تۇرمۇش رايونىنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىپ، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى تولۇق سەپلەپ بېرىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

بىخەتەرلىكنى تۇتۇش تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش

سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى فۇجيەن سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ خېڭئەن قەغەزچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا 13 ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تولۇق سۈرئەتتە ئايلىنىپ، تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك قەغەزلەرنى جىددىي ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ چۈەنخۇي مۇنداق دېدى: «بىز بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇردۇق. 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن ئاپتوماتىك ساندۇققا قاچىلاش ئۈسكۈنىسىنى كىرگۈزدۇق، بۇ يىل 1 - ئايدىكى مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشتى».

2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، شىنجاڭ زىجىڭ چۈەنسو يۇقىرى، يېڭى يېزا ئىگىلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق LED ئۆسۈملۈك زاۋۇتىنىڭ ئىچى باھاردەك ئىللىق ئىدى، تۈرلۈك كۆكتاتلار ياپيېشىل ئۆسكەن بولۇپ، ئۆسۈش ھالىتى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. «ئۆسۈملۈك زاۋۇتىمىزنىڭ قوللانغىنى پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتىكى پاكىز ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتى بولۇپ، مۇداپىئەلىنىش، دېزىنفېكسىيەلەش ئۆلچىمى تېببىي دورا ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، يىل بويى يېڭى ئورگانىك كۆكتات ئىشلەپچىقىرىپ بازارنى تەمىنلىيەلەيمىز.» بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ شىزې مۇخبىرغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، بۇ شىركەتنىڭ كۆكتاتنىڭ باھاسىنى%50 چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

شىنجاڭ سانجى ۋاخاخا سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى نورمال ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە قارىتىلغان يۇقۇم بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە تەشۋىق - تەربىيەنى پائال ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە مەھسۇلات تازىلىقى بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت ئىككى ئۆتكەلنى چىڭ تۇتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلىشىغا ياخشى تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، كۆمۈر، توك، نېفىت، گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، رايون ئىچىدىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىچكى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشنىڭ بىخەتەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ جىددىي تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسى ۋە كۆمۈرنى تەرتىپلىك ئىشلىتىش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نۇقتىلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنى زاپاس كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ يۈجاۋ، جاۋ يۆ، يۈەن لېي، ما يىنىڭ، گې يوۋجۈن، مېھرىگۈل ناسىر، لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ شياڭيىڭ، سۇڭ خۇامىن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ