تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ 3 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى يولغا چىقتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى يۇەن لېي، چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، شىنجاڭنىڭ 3 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى 142 ئەترەت ئەزاسى ئۈرۈمچىدىن ئايروپىلان بىلەن ۋۇخەنگە بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.

2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سائەت 19 لار ئەتراپىدا، داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئايروپورتنىڭ T3 ئاۋىياتسىيە بىناسى كۈتۈش زالىدا سەپ بولۇپ يىغىلىپ، يۈك - تاقلىرىنى تەييارلاپ يولغا چىقىشقا ھازىرلاندى. كۆپچىلىك تولۇپ تاشقان ئىشەنچ، يۈكسەك جەڭگىۋارلىق بىلەن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، بۇرچنى ئادا قىلىپ، دادىللىق بىلەن جەڭ قىلىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە قەسەم بەردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم يولغا چىققان 142 ئەترەت ئەزاسىنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پارتىيە ئەزاسىدىن 78ى بار ئىكەن. داۋالاش ئەترىتىدە ئارقا سەپ كاپالىتىدىن باشقا، 75 سېسترا، 60 دوختۇر بولۇپ، نەپەس يولى، ئېغىر كېسەللەر ئىلمى، يۇقۇملىنىش، دوختۇرخانا ئىچىدىكى يۇقۇملىنىش، ناركوز قاتارلىق 15 كەسىپتىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، داۋالاش ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەترەت ئەزالىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ھەم ئەترەت ئەزالىرى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ 3 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ۋۇخەنگە ياردەمگە بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يۇقۇم − بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەت» دېگەن سۆزىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت بولۇپ، يۈكسەك ئاڭلىقلىقتىكى چوڭ ۋەزىيەت ئېڭى ۋە ئارمانسىز تۆھپە قوشۇش روھىنى نامايان قىلىدۇ، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىپتىخارى ۋە پەخرى.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، مېھىر - مۇھەببەتنىڭ چېكى بولماسلىقتەك كەسىپ روھى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خۇبېي خەلقى بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشتەك قېرىنداشلىق مېھرى، شىنجاڭدىكى تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ ئېلىشىش روھى، كەسپىي ئەخلاقى ۋە كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى ئارقىلىق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، داۋالاش - قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياردەم بېرىلىدىغان جايغا بارغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزى مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئالدىنقى سەپ بىلەن ئارقا سەپنىڭ ئالاقىلىشىشى، ماسلىشىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، قوماندانلىققا بويسۇنۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، ئىش ئورنىغا تېزدىن كىرىپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى ئىلمىي يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەمدە پۈتۈن شىنجاڭ خەلقى باشتىن - ئاخىر كۆپچىلىكنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەر ھالدا، زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىشىنى كۈتىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن يولغا چىقىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ