تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ «ئۈچ مېلودىيە»سىنى ياڭرىتىش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ جىلى

ئەگەر ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ بىر پارچە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش «لىنىيە خەرىتىسى» سىزىپ چىقىلسا، بۇ چېگرادىكى تاغلىق رايون ناھىيەسىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ ئاياغ ئىزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئوندىن ئارتۇق ئۆلكە، شەھەرلەرگىچە تارقالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

«ئىشقا ئورۇنلىشىشنى خالىماسلىق»تىن «مەن ئىشقا ئورۇنلىشىمەن»گىچە، «تارقاق ئىشقا ئورۇنلىشىش»تىن يىراقتىكى ئىچكىرى رايونلارغا بېرىش ياكى ئىشىكى ئالدىدا «ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش»قىچە، «سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش»تىن پۇل تاپقاندىن كېيىن «يۇرتقا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش»كىچە، قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ «ئۈچ مېلودىيە»سىنى ياڭراتتى، بۇلتۇر 21 مىڭ 500 كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئەمگەك كۈچى 9000 كىشى.

بىرىنچى قەدەم بېسىلدى كىرىمدە زور ئۆزگىرىش بولدى

چاغان ئالدىدا، ئوتبېشى يېزىسى سۆگەتلىك كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن مامۇت مۇخبىرغا جىنەندە ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئوغلى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى، ئۇنىڭ چېھرىدە ئىپتىخارلىق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئوغلى جىنەنگە ئىشلەمچىلىك قىلغىلى بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇنىڭغا 10 مىڭ يۈەن ئەۋەتىپ بەرگەنىدى، تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بەك ياخشى ئىكەن! مېنىڭ بالام شۇنچە كۆپ پۇل تاپالىدى، ئۆيدىكىلەر كېيىن قانداقلا ئىش قىلىشتىن غەم قىلمايمىز».

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى قايتا - قايتا تەشۋىق قىلىش؛ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنى ئۆز كەچۈرمىشىنى مىسال قىلىپ سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىش؛ كەنتتە ئۇششاق ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى قۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەكلىپ قىلىش يىغىنىنى دېھقانلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئېچىش... سۆگەتلىك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلىرى تېخىمۇ كۆپ ياشنى ئۆيىدىن چىقىرىپ، خىزمەت ئورنىغا چىقاردى.

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ سۆگەتلىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «پۈتۈن كەنتتە 727 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئائىلە بېشىغا 1.3 ئادەم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 2000 يۈەن بولدى، ئىشلەمچىلىك كىرىمى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى».

يېڭى ماھارەت ئۆگىنىلدى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچى بار بولدى

جىنشاۋ مېۋىچىلىكى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىرگۈزگەن يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا بولۇپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاچاتاغ يېزىسىدا ئىككى ھەمراھ زاۋۇت قۇرۇپ، شۇ جايدىكى 200دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچىسى يېزا ئاياللىرى ئىدى.

«ئىلگىرى نۇرغۇن كىشى سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى خالىمايتتى، چۈنكى دۆلەت ئورتاق تىلىنى بىلمىگەنلىكى، ئىشلەمچىلىك قىلىش ماھارىتى كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن، سىرتقا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى» دېدى جىنشاۋ مېۋىچىلىكى ئاچاتاغ يېزىسى بوغان كەنتىدىكى ھەمراھ زاۋۇتنىڭ سېخ مۇدىرى تۇردى تۇرسۇن. ئىشىك ئالدىدا ھەمراھ زاۋۇت قۇرۇلغاندىن كېيىن، كەنتتىكى بىر قىسىم ئائىلە ئاياللىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش سۇپىسىغا ئىگە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىسى يار قوتان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇنىياز تۇرسۇننىڭ قارىشىچە، ئىگىلىگەن ماھارەت قانچە كۆپ بولسا، ئالدىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى شۇنچە كۆپ بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىلگىرى نامرات ئائىلە بولۇپ، كەنت پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئىش ئورنىنى دەل جايىدا كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغاندا، ئۇنى دۆلەت ئورتاق تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرگەنىدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە بىر قار تېيىلىش مەيدانى قۇرۇلۇپ، ئۇ قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىقىغا تەكلىپ قىلىندى.

ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يېتەرلىك بولدى كەسىپ تاللاش تېخىمۇ جانلىق بولدى

سوغۇق شامالدا، نەچچە ئىشچىنى باشلاپ كالىلارغا يەم بېرىپ بولغان ئالىمجان بارات يان تېلېفونىنى چىقىرىپ مۇخبىرغا سۈرەتتىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ سۈرەتلەردىكى ئاشخانىلارنىڭ ھەممىسىگە «ئالىمجان مەززىلىك تائاملار ئاشخانىسى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان بولۇپ، ئىچكىرى جايلاردىكى ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەرگە تارقالغانىدى، ئۇلار ئالىمجاننىڭ ئىچكىرى جايلاردا ئىشلىگەن ئون نەچچە يىلىغا گۇۋاھ ئىدى.

ئالىمجان سۆگەتلىك كەنتىدىن، ئۇ شىجياجۇاڭ شەھىرىدە ئاشخانا ئاچقان چاغدا، بىر يىلدا 500 مىڭ يۈەن تاپالايتتى، ئەمما 2016 - يىلى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشنى تاللاپ، ئاكىسى بىلەن كالا فېرمىسى قۇردى. دوستلىرى ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق تاللىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئاشخانا تىجارىتىمنىڭ يەنە زورىيىپ تەرەققىي قىلىش بوشلۇقىنىڭ بولۇشى قىيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز، ئۆيگە قايتىپ كالا باقسام ئۇنداق بولمايدۇ».

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، ئالىمجان بىلەن ئاكىسى قۇرغان كالا فېرمىسىدىكى كالا 400دىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 70 كالا ھاۋالىلىك بېقىلىدىغان نامراتلارنى يۆلەش كالىسى. نامرات ئاھالىلەرگە ھەر يىلى 1000 يۈەن پايدا ئايرىپ بېرىلىدۇ، يەنە بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، يەنە بىر كىشىلىك ئارتۇق كىرىم قىلالايدۇ.

پۈتۈن كەنتنىڭ 2019 - يىلى نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىغانلىقىنى كۆرۈپ ئالىمجان ئىشلىگەنسېرى غەيرەتكە كەلدى. تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بۇ يىل فېرما يەنە ئىككى قوتان كۆپەيتتى، كالا بېقىش كۆلىمىنى 1000غا يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2019 - يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى شارائىتى بار نامرات كەنتلەر كىچىك ئاشخانا، كىچىك ماگىزىن، كىچىك ساتىراشخانا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە كىچىك كەچلىك بازاردىن ئىبارەت «بەش كىچىك، بىر بازار» ئەندىزىسى بويىچە، كەنت دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇرغان، 340تىن ئارتۇق ئەمگەكچىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە موتوسىكلىت قۇراشتۇرۇش، ياڭاق پىششىقلاش، پايپاق ئوراپ - قاچىلاش، ئائىلە جابدۇقلىرى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق كەسىپلەرنى ئاساس قىلغان ھەمراھ زاۋۇتلارنى قۇرۇپ، 1200دىن ئارتۇق ئەمگەكچىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ