تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرغاندا قانداق قىلغاندا تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ

مۇتەخەسسىس:

ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرغاندا قانداق قىلغاندا تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئېلان قىلغان «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئۆيىدە ئايرىپ تېببىي كۆزىتىپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۆرسەتمىسى (سىناق نۇسخىسى)»غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تارقىلىشچان كېسەل ئىلمى بويىچە مۇدىر ۋىراچى نى مىڭجيەن ئۆيىدە ئايرىلىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان خادىملار، تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان خادىملارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ياكى ياتاقداشلىرى، كۆزىتىلىۋاتقانلارنى زىيارەت قىلغۇچى قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك خادىملارنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى چۈشەندۈردى ھەم ئاممىغا يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى: ئايرىۋېتىش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.

نى مىڭجيەن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆيىدە ئايرىلىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان خادىملار تولۇق دەم ئېلىش ۋاقتى ۋە يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلىشى، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئائىلىدىكى باشقا ئەزالار ياكى ياتاقداشلىرىدىن ئايرىۋېتىپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئامال بار ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى ئازايتىشى، ئۇچرىشىش زۆرۈر بولغاندا بىر مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق ساقلاپ، ئامال بار شامال ئۇرۇلۇۋاتقان تەرەپتە تۇرۇشى كېرەك. ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرغان مەزگىلدە، تاماق يېيىش، سۇ ئىچىش جەزمەن ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان يالغۇز ئۆيدە بولۇشى، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن قاچا - قۇچىلارنى دېزىنفېكسىيەلەشكە دىققەت قىلىشى كېرەك. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى قەرەللىك ئۆلچەپ، ناۋادا قىزىش، يۆتىلىش، گال ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، قورساق ئاغرىش، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بىرىنچى ۋاقىتتا مەھەللىگە ھەم ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقانلارنى باشقۇرىدىغان مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا دوكلات قىلىشى، مەھەللە مەخسۇس قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى ياكى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈشى كېرەك. ئۆيىدە ئايرىلىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان خادىملارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ياكى ياتاقداشلىرى ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندا، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللەر ماسكىسى تاقىشى، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى، ئامال بار ئايرىلىپ كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ ئۆيىگە كىرمەسلىكى كېرەك قاتارلىقلار.

نى مىڭجيەن مۇنداق دېدى: ئائىلە تەۋەلىرى ياكى ياتاقداشلارمۇ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان خادىملار بىلەن بىر مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق ساقلىشى، بىللە غىزالانماسلىقى، پاراڭلاشماسلىقى، قويۇق ئۇچراشماسلىقى كېرەك؛ ئايرىۋېتىلگۈچى ئالماشتۇرغان كىيىم - كېچەكلەرنى ئاۋۋال دېزىنفېكسىيەلەپ، ئاندىن يۇيۇشى؛ كۆزىتىلىۋاتقان خادىم تاشلىۋەتكەن نەرسىلەرنى ھىم سولياۋ خالتىغا سېلىپ ئاغزىنى چىڭ بوغۇپ، مەھەللە بەلگىلەپ بەرگەن ئەخلەت يىغىش ئورنىغا تاشلىشى كېرەك.

مەھەللە كادىرى، تازىلىق ئىشچىسى، ئامانلىق ساقلىغۇچى قاتارلىق ئۆيىدە ئايرىلىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان خادىملار بىلەن ئۇچرىشىدىغان كۆزەتكۈچى، زىيارەت قىلغۇچىلارغا قارىتا، نى مىڭجيەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: بۇ بىر قىسىم كىشىلەر ئالدى بىلەن ئۆزى ياخشى مۇداپىئەلىنىشى، چوقۇم داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا تاقىشى ھەمدە ئايرىلىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان خادىملار بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشۈشنى ئازايتىشى كېرەك، سالامەتلىك ئەھۋالىنى سوراش توغرا كەلسە، ئىمكانقەدەر تېلېفون ياكى سىن شەكلىنى قوللىنىشى كېرەك؛ چوقۇم يۈزتۇرا زىيارەت قىلىش ھەم ئەۋرىشكە ئېلىشقا توغرا كەلسە، ئامال بار ئۆينىڭ ھاۋاسى ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇشى، زىيارەت ئوبيېكتى شامال ئۇرۇلۇۋاتقان تەرەپتە تۇرۇشى كېرەك؛ ئايرىلىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان خادىملار بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ ئالدى - كەينىدە ياكى ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسىدىن ئايرىلغاندا، قولنى يۇيۇپ، ئىسپىرتلىق تېز قۇرۇيدىغان قول دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى بىلەن ئىككى قولىنى تا قۇرغىچە ئۇۋۇلىشى كېرەك. قولى بىلەن ئۆزىنىڭ تېرە، كۆز، ئېغىز، بۇرۇن قاتارلىق ئەزالىرىنى تۇتماسلىقى، چوقۇم تۇتۇشقا توغرا كەلسە ئالدى بىلەن قولىنى يۇيۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى