تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ قاتناش ساقچى تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش كاپالەت مۇلازىمىتى تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي يۈنيەننىڭ 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىدىن ئۇقۇشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش تىرانسپورت كاپالەت مۇلازىمىتى مەخسۇس لىنىيە تېلېفونى تەسىس قىلىپ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاپتوموبىللىرى ھەم تېببىي خادىملار، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، نۇقتىلىق تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن.

كاپالەت مۇلازىمىتى ئوبيېكتى قاتناش - تىرانسپورت تارماقلىرىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ھەم خادىملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش خېتى» بار ئاپتوموبىللار؛ يول يۈرۈش خېتى بولمىسىمۇ، لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ھەم خادىملارنى توشۇيدىغانلىقى، خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇيدىغانلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئاپتوموبىللار.

مۇلازىمەت كاپالىتى تېلېفون نومۇرلىرى: ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى 3682007—0991، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تارماق ئەترىتى 4801783—0991، قاراماي شەھەرلىك تارماق ئەترىتى 6882306—0990، شىخەنزە شەھەرلىك تارماق ئەترىتى 2099170—0993، تۇرپان شەھەرلىك تارماق ئەترىتى 8611150—0995، قومۇل شەھەرلىك تارماق ئەترىتى 2509341—0902، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تارماق ئەترىتى 5303700—0994، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق تارماق ئەترىتى 7658826—0909، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق تارماق ئەترىتى 8626521—0996، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تارماق ئەترىتى 2511898—0997، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق تارماق ئەترىتى 4220621—0908، قەشقەر ۋىلايەتلىك تارماق ئەترىتى 8888122—0998، خوتەن ۋىلايەتلىك تارماق ئەترىتى 2522108—0903، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق تارماق ئەترىتى 8127261—0999، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تارماق ئەترىتى 6296959—0901، ئالتاي ۋىلايەتلىك تارماق ئەترىتى 2100791—0906، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تارماق ئەترىتى 12122.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى