تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى، شۇنچە ئالدىدا ماڭىمەن

− ئۇلۇغچات ناھىيەسى ئۇلۇغچات يېزىسىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ئىسمائىل ئىساقنى خاتىرىلەش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيا چىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار سارىگۈل مۇرسايى، ۋۇ دەن، خۇاڭ جىنفېڭ

يۇقۇم ھۇجۇم قىلىپ كەلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشماقتا. 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى ئۇلۇغچات يېزىسى قورغان كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىسمائىل ئىساق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش يولىدا چېپىپ يۈرەتتى، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ مەڭگۈ ئاشۇ دەقىقىدە توختاپ قالىدىغانلىقىنى ھېچكىممۇ ئويلىمىغانىدى.

«پارتىيەلىك كادىرلار بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىشى كېرەك، مەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەشۋىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، تەشۋىق قىلىشنى چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، كۆپچىلىككە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەتكۈزۈشۈم كېرەك» ئىسمائىل ئىساق شۇنداق دېدى ھەم شۇنداق قىلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، 13 يىللىق يېزا خىزمىتى كەچۈرمىشى بولغان ئىسمائىل ئىساق ئالدىدا ئاتاكىغا ئۆتۈپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياش ھاياتى ئارقىلىق، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلىدى، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتە، چۈشلۈك تاماق يېمەكچى بولۇۋاتقان ئىسمائىل ئىساق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يىغىنى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال كەنت كومىتېتىغا ماڭدى، كەينىدىن كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ تەشۋىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئادەتتە تەشۋىق قىلىشتا ئاپتوموبىللىق غول يولنى بويلاپ ئاستا مېڭىپ، كاناي بىلەن تەشۋىق قىلىناتتى، چوڭ يول بويىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئىگىلەپ بولغانلىقىنى ئويلىشىپ، شۇ كۈنى ئىسمائىل ئىساق مەخسۇس چىغىر يولنى تاللاپ، ئاتقا مىنىپ تېخىمۇ يىراقراق بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈشنى ئويلىدى.

ئويلىمىغان يەردىن، ئىسمائىل ئىساق ئەمدىلا بىر ئائىلىلىكنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، كاناينى ئېچىپ تەشۋىق قىلاي دەپ تۇرغاندا، ئات ئۈركۈپ كەتتى، قىلچە تەييارلىقسىز تۇرغان ئىسمائىل ئىساق يەرگە قاتتىق يىقىلىپ ھوشىدىن كەتتى. 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سەھەر سائەت 2دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىسمائىل ئىساقنىڭ يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، 41 يېشىدا ۋاپات بولدى.

«شۇ كۈنى، مەن تاماقنى يەۋېلىپ مېڭىڭ، دەپ قايتا - قايتا ئېيتقان بولساممۇ ئۇ قۇلاق سالمىغانىدى...» ئىسمائىل ئىساقنىڭ خوتۇنى چىپارگۈل جۇمالى سۆزلەۋېتىپ يىغلاپ كەتتى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە، ئىسمائىل ئىساق يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، كەنت كادىرلىرىنى يېتەكلەپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئۇ كەنت كادىرلىرى، «تۆت پېشقەدەم»لەر قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات گۇرۇپپىسىدىن بەشنى قۇرۇپ، يول ئېغىزىدا چارلاش، نۆۋەتچىلىك قىلىش، سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرنى سۈرۈشتۈرۈش، نەسىھەت قىلىپ توسۇش، كىرىپ - چىقىۋاتقان ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش، داۋالاش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇردى. دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ پىلاكات ئېسىش، ئاپتوموبىلغا كاناي ئورنىتىش، ئاتلىق تەشۋىق قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە بولغان تونۇشىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

«مەن كەنت كادىرى، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيە ئەزاسى، خەتەرلىك پەيتتە بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىشىم كېرەك.» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئىسمائىل ئىساق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇقۇمنىڭ داۋاملىشىش ئەھۋالىغا يۈكسەك دىققەت قىلىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش يېڭى بىلىملىرىنى ئۆگەندى ھەم تەشۋىقات قوللانمىسىنى تەرجىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، يۇقۇمنىڭ خەۋپلىكلىكى، مۇداپىئە تەدبىرلىرى قاتارلىقلارنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك «زاغرا» تىل ئارقىلىق ھەربىر ئائىلىلىك، ھەربىر ئاھالىگىچە تەشۋىق قىلدى. ئۇنىڭ ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇش نىسبىتى %100كە يېتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتى.

«يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، بىز ئىسمائىل ئىساقنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىش ئورنىمىزدا 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئەمەلىيلەشتۈردۇق. بىزنىڭ تەشۋىق قىلىپ يېتەكلىشىمىز ئارقىلىق، «ماسكا مەدەنىيلىكى» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى» دېدى كەنت ئاھالىسى قۇرمانبېك توختىقۇل.

كەنت كادىرى مەمەتروزى ناسىئالى مۇنداق دېدى: «ئىسمائىل ئىساق ئادەتتە خىزمەتنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدۇ، جاپادىن، تاپا - تەنىلەردىن قورقمايدۇ. ئۇ پارتىيەنى سۆيىدىغان، خەلقنى سۆيىدىغان ياخشى كادىر، بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ».

قورغان كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى پەرىزايىم ئىلىيازنىڭ روھىي كېسىلى بار ئىدى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى راھەت ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇش ئۈچۈن، ئىسمائىل ئىساق ئۇلارغا ئاستىدىن ئىسسىيدىغان پار ئورنىتىپ بەرگەنىدى، ھويلا - ئارانلىرىنى رەتلەپ بەرگەنىدى. ئىككى كېچە - كۈندۈز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئارقىلىق، ئوت - چۆپ بېسىپ كەتكەن ھويلا پاكىز، رەتلىك ھالەتكە كەلتۈرۈلگەنىدى.

ئىسمائىل ئىساق باشتىن - ئاخىر ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان بۇ يۇرت - ماكانىنى چوڭقۇر سۆيۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: «مەن بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى، شۇنچە ئالدىدا مېڭىپ، كەينىمدىكى ئامما ئۈچۈن بىر بىخەتەر يول ئېچىپ بېرىشىم كېرەك.» ئۇ قورغان كەنتىدىكى ھەممە دېھقان ئائىلىسىنى ئايلىنىپ چىققان، ئاممىنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىپ، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇشقا يېتەكلىگەنىدى. مۇشۇ يىللاردا، ئىسمائىل ئىساق ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى ئارقىلىق، قورغان كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 2019 - يىلى كەنتتىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 10 مىڭ 75 يۈەنگە يەتتى.

پارتىيەگە كىرگەنگە 15 يىل بولدى، پارتىيەگە كىرگەن ۋاقىتتىكى جاراڭلىق قەسەم يەنىلا شۇنداق ياڭراپ تۇراتتى − «كوممۇنىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىمەن، ھەر ۋاقىت پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى بېغىشلايمەن...» ئىسمائىل ئىساق ھاياتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، خەلق ئۈچۈن كەسىپنى سۆيۈش قەسىدىسىنى پۈتتى. ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتىدە، ئۇ يەنىلا ئاممىغا رىشتە باغلاپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى شەرھلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى