تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقە راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر مىھرىگۈل غۇپۇر خەۋىرى): يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە پائال ئاۋاز قوشۇپ، تېزدىن تەدبىر قوللىنىپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشى، قاتناش ئەھۋالى، ئاممىۋى تازىلىق ئەسكەرتمىسى شۇنداقلا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرى قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ئاممىۋى پاراۋانلىق ئۇچۇرلىرىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، ئالاقە راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شىركىتى جىددىي خەۋەرلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، يۇقۇمغا قارشى بىرىنچى سەپتىكى ئورۇنلار، تارماقلار، خۇبېيغا ياردەم بېرىۋاتقان تېببىي خادىملارنى تېلېفون توختىمايدىغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلدى؛ ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن شۇنداقلا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابلىرىنىڭ ئالاقە تورىنى تۇنجى بولۇپ ئاچتى ھەمدە يىراق مۇساپىلىك داۋالاش، كۆرۈنمە چاستوتا يىغىنى، يىراق مۇساپىلىك يوقلاش قاتارلىق تۈرلۈك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلدى، ھەر دەرىجىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتلىرىغا ھەمكارلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ تىنچ مەھەللە كومىتېتى قاتارلىق ئۈندىدار كىچىك ئەپلىرىنى ئېچىپ، يۇقۇم ئەھۋالى ئۇچۇرىنى بىر كۇنۇپكا بىلەن يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ھەر دەرىجىلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەسكەرتمىسىنى قانات يايدۇرۇشقا ماسلاشتى؛ بۇلۇت دەرسخانا مۇلازىمىتىنى ئېچىپ، توردا بىۋاستە ئوقۇتۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى؛ كۆپ خىل ئۆزىگە ياردەم بېرىش-قوبۇل قىلىش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلۇپ، كەڭ ئابۇنىچىلار ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا كەسپ بېجىرەلەيدىغان بولدى.

  جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى چاغان مەزگىلىدە تور كاپالىتى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق تۈگۈن ۋە مۇھىم ئەسلىھەلەرنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تور بىخەتەرلىكىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى؛ خۇبېي ئۆلكىسىگە ياردەم بېرىۋاتقان تېببىي خادىملارنى تېلېفون توختىماسلىق مۇلازىمىتى، ئابونتلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە ئالدىن ئۇلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلدى؛ بۈگۈندىن باشلاپ 2-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت نۆلگىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئالدىن تېلېفون پۇلى تاپشۇرمىغان تور ئابۇنىچىلىرىنىڭ تېلېفونى توختىماسلىق مۇلازىمىتى بىلەن، 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 24 سائەتلىك تېلېفوننى جىددىي ئېچىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى؛ ھەر دەرىجىلىك سەھىيە-يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تارماقلىرى، دوختۇرخانا، مەھەللە كومىتېتى، ۋوگزال قاتارلىق نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش رايونلىرىنى 24 سائەت ھەر تەرەپلىمە خەۋەرلىشىش كاپالىتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى؛ «بۇلۇت كۆرۈنمە چاستوتا»سىنى ھەقسىز ئېچىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش، يىراقتىن كېڭىشىپ دىياگنوز قويۇش، سوراپ دىياگنوز قويۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا قاندۇردى.

  جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شىركىتى خېرىدارلار مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، خۇبېي ئۆلكىسىگە ياردەم بېرىۋاتقان تېببىي خادىملارنى كۆچمە كەسپ، ئائىلە تورى، ھۆكۈمەت، كارخانا مەخسۇس لىنىيەسى 10086 قىزىق لىنىيەسىگە ئالدىن ئۇلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قۇلايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلدى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋەرلىشىش تورىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ، نۇقتىلىق كاپالەتلەندۈرۈپ، كاشىلا كۆرۈلسە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلدى؛ «شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش» ئۈندىدار سۇپىسىدا توردا ھەق تۆلەش، كەسىپ بېجىرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە «يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇپ، ھەقسىز كېسەل كۆرۈش» مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئېچىپ، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ھەمكارلىق سۇپىسىنى ھەقسىز ئېچىۋەتتى؛ بۇلۇت خەۋىرى APPسىنىڭ يىغىن مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ھەقسىز ئېچىپ، يەككە قېتىمدا 300 ئادەم بىرلا ۋاقىتتا تورغا چىقسا ۋاقىت، قېتىم سانى چەكلەنمەيدىغان كۆرۈنمە چاستوتىلىق يىغىن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى جەمئىيەتكە يۈزلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لېبو TV ھەر كۈنى ئابونتلارغا ئالقىشقا ئېرىشكەن كىنو مەنبەسى ۋە پىروگراممىلارنى يوللاپ، مىگۇ تەنتەربىيەسى، مىگۇ ئوقۇشلۇقىنىڭ ھەقسىز مەزمۇنلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئابونىچىلارنىڭ ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ