تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قومۇل شەھىرى شىنجاڭنىڭ «شەرقىي دەرۋازىسى»نى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر راھىدە، قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاۋ يۈۋېي خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىك تەكشۈرۈش پونكىتىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىۋاتقان ئادەم ۋە ئاپتوموبىللارنى قاتتىق تەكشۈردى. «چاغاندىن بۇيان بارلىق كىشىلەر بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش زالىغا كىرىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تىزىملىتىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك تارىخىي تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇدېدى شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىك تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى جاڭ لېي.

  قۇمۇل شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليۇرۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-بىرلىشىپ تىزگىنلەش مىخانىزمى ئورنىتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ «شەرقىي دەرۋازىسى»نى چىڭ ساقلدى.

  قۇمۇل شەھىرىدە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە قۇماندانلىق ئىشتابى قۇرۇلۇپ، بىر تۇتاش قۇماندانلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش، كۆپ تارماقلار تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىش، ئۇنىۋېرسال كاپالەت، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، تېببىي داۋالاش-قۇتقۇزۇش، ئۇچۇر تەشۋىقاتى، ئامانلىق باشقۇرۇش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئالدىنى ئېلىپ داۋالاشنى نازارەت قىلىش قاتارلىق يەتتە مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-بىرلىشىپ تىزگىنلەش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكىلىنى پۇختا ئىگىلىدى.

  ئىككىنچى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتىدىن يەتتىسى تەلەپ بويىچە ئۆلچەملىك قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىپ، ئالدىن تەكشۈرۈپ ئايرىپ دىياگنوز قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى، قۇمۇل شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى نۇقتىلىق داۋالاش-قۇتقۇزۇش دوختۇرخانىسى قىلىپ بېكىتىلدى، يۆتكەپ داۋالاش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇلدى. شىڭشىڭشيا ۋە شەھەر رايونىدا مەركەزلىك ئايرىۋېتىش رايونى تەسىس قىلىپ، گۇمانىي كېسەللەر ۋە قويۇق ئۇچراشقانلار تېببىي تەلەپ بويىچە ئايرىۋېتىلدى ھەم تەكشۈرۈلدى. ۋوگزال، ئايرودروم، سودا ساراي قاتارلىق ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلار دېزىنفېكسىيە قىلىنىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش قاتارلىق تەدبىرلەر قوللىنىلدى. ھەر قايسى رايون(ناھىيە)لەر كۆپ دەرىجىلىك بىرلەشمە ھەرىكەت ئارقىلىق ۋۇخەن قاتارلىق يۇقۇم رايونىدىن كەلگەن ئاھالىلەرنى ئائىلىلەرگىچە بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ساياھەت، ئولتۇراقلىشىش تارىخى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلدى. شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىك تەكشۈرۈش پونكىتى قاتارلىق جايلاردا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش، ئىلغاپ تەكشۈرۈش نۇقتىسى تەسىس قىلدى. قۇمۇل شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا خادىملارنى تاللاپ تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  ليۇيۈەن ۋوگزالى يولۇچىلارنىڭ تۆمۈريول ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرىشىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بېكەت، 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، قۇمۇل شەھىرى تېببىي خادىم قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بىرىنچى تۈركۈمدىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى جىددىي تەڭشەپ، ليۇيۈەن ۋوگزالىغا ئەۋەتىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغان. 1-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 18دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى لەنجوۋنىڭ غەربىدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان D2711 قېتىملىق تېز پويىزغا چىقىپ، بارلىق يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتورىسىنى ئۆلچىگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، قۇمۇل شەھىرى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى قۇرغان بولۇپ، «قۇمۇل شەھىرى ئاھالىلىرىگە بىر پارچە خەت»تىن 150 مىڭنى بېسىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشىنى ئازايتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە پائال ماسلاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى