تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بايىنغولىن ئوبلاستى: پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى

  شىنجاڭ گېزىتى، كورلا، 2-ئاينىڭ 5-كۈنى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي، بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن جوۋ خەيشيا خەۋەر قىلىدۇ): يۇقۇم ئالدىدا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاممىنىڭ يۆلەنچۈكى بولۇشقا تىرىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇدى.

  2-ئاينىڭ 3-كۈنى، باغراش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى، مۇدىر ۋراچ ۋاڭ دېمىڭ ۋە باشقا تېببىي خادىملار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە ئۇدا توققۇز كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلدى. «بۇ ئالاھىدە مەزگىلدە، پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەدەمگە ئەمەل قىلىدىغان ۋاقىتتا، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چوقۇم چىڭ تۇرۇشۇم كېرەك» دېدى ۋاڭ دېمىڭ.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، باغراش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تېببىي خادىملىرى پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى بولۇپ تەشكىللىنىپ، 20 نەپەر داۋالاش تايانچىنى ئاجرىتىپ داۋالاش مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش، دەل جايىدا دىياگنوز قويۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

  لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسىدا يېزا-كەنت كادىرلىرى، دوختورلاردىن بولۇپ 332 نەپەر پارتىيە ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان ئاۋانگارتلار ئەترىتى ھەر قايسى كەنتلەرگە بېرىپ ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  «تۇغقان يوقلىماسلىق، يىغىلىش قىلماسلىق، ئادەم توپلاشقان سورۇنلارغا بارماسلىق...» ھەر كۈنى سەھەردە، چاقىلىق ناھىيەسى ئۇتام يېزىسى ئېگىزئۆستەڭ كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئۆيمۇئۆي كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى ھەمدە ئۇلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى.

  «سىرتقا چىقمىغىنىمغا نەچچە كۈن بولدى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى چۈشىنىمەن ۋە قوللايمەن، ئۆيدە ئولتۇرۇشمۇ جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقانلىق. شۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنىمەنكى، بىز چوقۇم بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىمىز.» دېدى كورلا شەھىرى ئاھالىسى گۇ فېڭ.

  بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستلىق  پىسىخىكا ساغلاملىقى جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ قايتا تەكلىپ قىلغان پىسىخىكىلىق كېسەل كۆرۈش مۇتەخەسسىسى جاڭ جۈنلىڭ تېلېفون ئارقىلىق ئېھتىياجى بار شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ پىسىخىكىلىق مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىش بىلەن ئالدىراش بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەر كۈنى تېلېفوندا ئون نەچچە كىشىگە پىسىخىكىلىق مەسلىھەت بېرىپ، ئۇلارغا يۇقۇمغا توغرا قاراشنى، ئىلمىي تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىتىمەن.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى