2-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ سېستىراسى گو يۈتىڭ خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. (ياڭ گۇاڭ فوتوسى)
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز كاڭ يەنيەن خەۋىرى، ياڭ گۇاڭ فوتوسى): 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرلا بۇيرۇقىدىن 2-ئاينىڭ 6-كۈنى رەسمىي يولغا ئاتلانغانغا قەدەر، شىنجاڭنىڭ ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى 142 خادىم پارتىيە ۋە دۆلەت ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى.
«يولغا چىقىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، تۈنۈگۈن مەخسۇس بىر تونۇشۇمنى چاقىرىتىپ دۇلامغا چۈشۈپ تۇرىدىغان چېچىمنى كەستۈرۋەتتىم، بۇنداق بولغاندا بىرىنچى سەپكە بېرىپ مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىشكە تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ سېستىراسى شۈ شۇتىڭ. ئۇنىڭ «چاچ پاسونى» ئەترەتتىكىلەر ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، ئارقا تەرىپىدىكى چېچى قىسقا بوغۇقلۇق بولۇپ، تۆۋەنكى يېرىمى پۈتۈنلەي كېسىۋېتىلگەنىدى. شەخسىي قوغدىنىش تەربىيەلىنىشگە قاتناشقاندا، ئۇ ئۇزۇن چاچلارنىڭ ئاسانلا پوسمىدىن چىقىۋالىدىغانلىقىنى، رەتلەشكە ۋاقىت كۆپ كېتىدىغانلىقىنى، مۇداپىئە ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىغان، شۇڭا يولغا چىقىشتىن بۇرۇن كەسكىن «بىرتەرەپ قىلىش» قارارىغا كەلگەن.
2-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ سېستىراسى گو يۈتىڭ خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. (ياڭ گۇاڭ فوتوسى)
«بۇ مېنىڭ 30 يىللىق سېستىرالىق ھاياتىمنىڭ نامايەندىسى! يۇقۇم ئالدىدا، مەن پەرۋىش خادىمى، مەن پارتىيە ئەزاسى، ھەرگىز چېكىنىشكە بولمايدۇ، مانا مۇشۇنچىلىك ئاددىي» دېدى 47 يېشىغىچە كۆپلىگەن بۆلۈمنىڭ سېسترالار باشلىقى بولغان سۈي پىڭ، بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ ئۆزى قىلالايدىغان ھەم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىش ئىزچىل ئۇنىڭ ئارزۇسى ئىدى، شۇڭا بۆلۈم مۇدىرىغا قايتا-قايتا جەڭگە ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلدى. ئاتا-ئانىسى ياشىنىپ قالغاچقا، سەپەرگە ئاتلىنىش خەۋىرىنى ئۇلارغا ئېيتمىدى، 24 ياشلىق قوشماق قىزلىرى يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، بوۋا-مومىسىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇمۇ خاتىرجەم ھالدا بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىشقا ئاتلاندى.
2-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭنىڭ ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىگە قاتناشقان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ ئەر سېستىرالىرى ئايروپورتقا قاراپ ماڭغان ئاپتومولىدا. (ياڭ گۇاڭ فوتوسى)
ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا بېسىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىمىز. شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكىلەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ئۈزلۈكسىز «ساپ قان» يەتكۈزدى، بۇ قېتىمقى جەڭگە ئاتلانغان ئەزالار سەپداشلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، كوممۇنستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قۇربان بېرىشتىن قورقماي سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان قورقماس روھى، ئاق خالاتلىق جەڭچىلەرنىڭ ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان چەكسىز مېھىر-مۇھەببىتى ئارقىلىق بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە تېزدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى بەس-بەستە بىلدۈرۈشتى.