تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ 5 مىليارد يۈەن مەخسۇس تۈر تەكرار قەرز پۇلى بىلەن تەمىنلەپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى 《يېشىل يول》ىنى راۋانلاشتۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما بېي خەۋىرى): يېقىندا، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى قاتارلىق ئالتە ئورۇن بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 5 مىليارد يۈەن مەخسۇس تۈر تەكرار قەرز پۇلى، 2 مىليارد يۈەن تەكرار دىسكونت چېكى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كىرىدېت قوللىشىنى كۈچەيتىشى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاشقا ئېرىشتۈرۈلدى، زۆرۈر تېپىلغاندا سومما يەنە كۆپەيتىلىدىغان بولدى.

  2-ئاينىڭ 5-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ھەر دەرىجىلىك خەلق بانكىلىرى كۆپ خىل پۇل سىياسىتى قورالىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى يېتەرلىك ئېقىشچانلىق بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئۆسۈم نىسبىتىدە تەلەپچان بولۇش مېخانىزمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆسۈم نىسبىتى بازىرى تەرتىپىنىڭ مۇقملىقىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ بولۇپمۇ يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار ساھەلەردىكى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىنى تەڭشەش سەۋەبىدىن قەرز بولۇپ قالغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا قارىتا، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىنى تەكشۈرۈپ باھالاشتىكى يول قويۇش دەرىجىسىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئۆستۈرىدىكەن. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى 《ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش، جىددىي ئىشنى تېز بېجىرىش》 تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېز تەكشۈرۈپ تەستىقلاش يولىنى ئېچىپ ۋە قوزغىتىپ، كەسپىي تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، يۇقۇم مۇداپىئە ۋەزىپىسى ئېغىر رايونلار ۋە نامرات رايونلار، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مايىللاشتۇرۇپ قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ساھەسى ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇۋاپىق كىرېدىت ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، كىرېدىت مەبلىغىنىڭ ئەمەلىيلىشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىكەن.

  جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ خىزمەتچىسى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى، ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېقىن ئەتراپتا ئىش بىجىرىش، تېلېفون، كۆرۈنمە چاستوتا  قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇلى تارقىتىش، تەكشۈرۈش ۋە قەرز پۇل بەرگەندىن كېيىنكى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، نامراتلارنى يۆلەش قەرزىنى نورمال قايتۇرالمىغان كارخانا ۋە شەخسلەرگە بەلگىلىمە بويىچە قەرەلىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتىنى بېجىرىدۇ؛ يېزا ئىگىلىكىدە ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش  مەبلەغ ئېھتىياجىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، ئاز سوممىلىق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ قەرز پۇلىنىڭ راۋان تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، بولۇپمۇ يۇقۇم ئەھۋالى ئالاھىدە مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئالدىغا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈۋېلىش، كېپىللىك شەرتىنى سەۋەبسىز ئۆستۈرۈۋېلىش قىلمىشلىرى مەنئىي قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى