تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قورغاس ناھىيەسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەشۋىقاتىنى خەلق تۇرمۇشىغا سىڭدۈردى

شىنجاڭ گېزىتى، قورغاس، 2-ئاينىڭ 5-كۈنى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى تاڭ كەندۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ شياۋخۇي خەۋىرى): يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسىتى، بىلىملىرىنى ھەممە ئائىلىلەرگىچە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، قورغاس ناھىيەسى تەڭشەلمە چاستوتىلىق رادىيونىڭ 23 پىروگرامما ۋاقىت بۆلىكىدە «ساغلاملىقنى مەندىن ئاڭلاڭ» ئالاھىدە پىروگراممىسى، دوۋيىن كىچىك ئاۋاز چاستوتىسى قاتارلىق يەتتە چوڭ تۈر بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە دائىر 17 خىل پىروگرامما مەزمۇنى تەييارلاپ، ھەر قايسى يېزا-بازار (مەركەز) ، كەنت (مەھەللە)لەردىكى 456 «ھەممە كەنتكە يەتكۈزۈش» كانىيىدا ھەر كۈنى تەكرار قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى ئاشۇردى.

مول مەزمۇنلۇق نومۇرلار قويۇلغاندىن بۇيان، ھەر مىللەت ئامما بۇ نومۇرلارنى ياقتۇرغانلىقىنى ھەم ناھايىتى چۈشىنىشلىك بولغانلىقىنى بەس-بەستە بىلدۈردى.

قورغاس ناھىيەسى لۇساۋگۇ بازىرى چاڭشەنلياڭزى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاۋ شيۇپىڭ مۇنداق دېدى: «كەنتىمىزنىڭ چوڭ كانىيىدا ئاۋازلار شۇنچىلىك ئېنىق ئاڭلىنىدۇ، يېقىندا قويۇلغان كۇەيبەن بەكلا ياخشى ئىشلىنىپتۇ، بولۇپمۇ  <سىرتقا چىققاندا چوقۇم ماسكا تاقاڭ، ئادەم كۆپ جايلارغا بارماڭ، تاماقتىن بۇرۇن، تەرەتتىن كېيىن پات-پات قولىڭىزنى يۇيۇڭ، ئەگەر قىزىتمىڭىز ئۆرلەپ قالسا بالدۇر دوكلات قىلىڭ> دېگەن مىسرالىرى، مەن بۇنى نەچچە قېتىم ئاڭلاپلا ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم، كادىرلار ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتىمەن!»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى