تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ (بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىدىن ئۈچى يېڭىدىن كۆپەيدى

تىيانشان تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، ئاپتونوم رايون(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان يەنە ئۈچ ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى دوكلات قىلدى. بۇ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئۈچ كېسەللىك مىسالى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كېسەللىك مىسالى ئىكەن.

2- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 24 كىچە، ئاپتونوم رايون (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن جەمئىي 39نى دوكلات قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 32سى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇنىدە يەتتىسى بار ئىكەن. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىساللىرى ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 18 ى، ئىلى ئوبلاستىدا توققۇزى، تۇرپان شەھىرىدە بىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بىرى، سانجى ئوبلاستىدا ئىككىسى، بايىنغولىن ئوبلاستىدا بىرى، بىڭتۇەن 7-شىسىدە بىرى، بىڭتۇەن 8-شىسى شىخەنزە شەھىرىدە بىرى، بىڭتۇەن 9-شىسىدە تۆتى، بىڭتۇەن 6-شىسىدە بىرى بار ئىكەن. ھازىر ئېغىر كېسەللىك مىسالىدىن يەتتىسى، خەتەرلىك كېسەللىك مىسالىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەن كېسەللىك مىسالى يوق ئىكەن.

نۆۋەتتە، 2392 كىشى تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى