تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 8000 دىن ئارتۇق دورا دۇكىنى چاغاندا نورمال تىجارەت قىلىپ، مال تولۇقلاپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: (مۇخبىر يۈ جياڭيەن) پۇقرالارنىڭ دورا ۋە مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پۇجىتاڭ دورىخانىسىنىڭ شىنجاڭدىكى 327 دورا دۇكىنى چاغان مەزگىلىدە نورمال تىجارەت قىلىپ، مال تولۇقلاپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

   ئاپتونوم رايونىمىزدا پۇجىتاڭغا ئوخشاش چاغان مەزگىلىدە داۋاملىق تىجارەت قىلىۋاتقان دورىخانا 8000 دىن ئاشىدۇ.

    مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ پۇجىتاڭ تېببىي دورا زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، بۇ شىركەتتىكى 1500 دىن ئارتۇق خىزمەتچى ئىزچىل خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرغان.

    شىنجاڭ پۇجىتاڭ تېببىي دورا زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتى باش مۇدىرىنىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى ياڭ جۈننىڭ ئېيتىشىچە، بازار تەمىناتىنى داۋاملىق تولۇقلاش ئۈچۈن، سېتىۋېلىش ئىش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەر ئەسلىدىكى 20 نەچچىدىن كۆپىيىپ يۈزدىن ئاشقان.

    مۇخبىر شىنجاڭ پۇجىتاڭ تېببىي دورا پارچە سېتىش زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتىدە، بۇ يەردىكى ئامبارلارنىڭ ھەر خىل دورىلار بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى، تۈرلەر بويىچە ئايرىلىپ، رەتلىك، تەرتىپلىك تىزىلغانلىقىنى، دورىخانىلار تولۇقلاشقا تېگىشلىك دورىلارنىڭ پەتنۇسقا قاچىلىنىپ، يۆتكەپ ئامباردىن چىقىرىشقا تەييارلانغانلىقىنى كۆردى.

    «چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدىن باشلاپ دەم ئالمىدۇق، چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئامبارغا كىرگۈزۈلگەن دورىلارنىڭ ناھايىتى كۆپلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە. بىز كەچ سائەت 10 غىچە ئالدىراش بولۇپ ئاندىن ئۆيگە قايتتۇق.» بۇ شىركەتنىڭ ئەشيا ئوبوروت باش نازارەتچىسى خې شىنپىڭ مۇنداق دېدى.

    شىنجاڭ پۇجىتاڭ تېببىي دورا پارچە سېتىش زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭ بويىچە 327 دورا دۇكىنى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدە 188 دورا دۇكىنى بار. ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى سودا چەمبىرىكىگە جايلاشقان پۇجىتاڭ خۇاشيا دۇكىنىدا 25 خىزمەتچى بار، «بۇيىل چاغان بىر قەدەر ئالاھىدە بولغاچقا، 1ـ ئاينىڭ 23ـ كۈنىدىن باشلاپ بىز ئارام ئالمىدۇق، ماسكا، ئىسپىرتقا بولغان ئېھتىياج بىر قەدەر چوڭ، بىزمۇ ئامال بار ماسلاشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى سېتىۋالالايدىغان قىلدۇق.» دېدى پۇجىتاڭ خۇاشيا دۇكىنىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ شيۇچىن.

    بۇنىڭدىن باشقا، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ جىكاڭ چوڭ دورىخانىسى دورا زەنجىرسىمان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، چاغان مەزگىلىدە بۇ شىركەتنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 200 دىن ئارتۇق دورا دۇكىنىنىڭ ھەممىسى تىجارەت قىلغان، 1200 دىن ئارتۇق خىزمەتچى 1ـ ئاينىڭ 24ـ كۈنىدىن ھازىرغىچە ئىزچىل ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرغان.

    شىنجاڭ بەيساۋتاڭ تېببىي دورا زەنجىرسىمان سېتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭ بويىچە 302 بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى بار، شىركەت بۇ يىلقى بۇ ئالاھىدە ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، بارلىق خادىملارنىڭ ئىش ئورنىدا تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى ھەم 1ـ ئاينىڭ 25ـ كۈنىدىن باشلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، ھەر تەرەپ بايلىقىنى يىغىپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى دورىخانىلارغا تولۇقلاپ تەمىنلىدى.

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 8000دىن ئارتۇق دورا دۇكىنى نورمال تىجارەت قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ قوماندانلىق قىلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 200 دىن ئارتۇق تېببىي دورا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت كارخانىسى مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، 8000دىن ئارتۇق دورا دۇكىنىنى دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەپ، مۇداپىئە بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى