تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، شىنجاڭ جىخۇا 7555 كەسپىي فورما چەكلىك شىركىتىنىڭ تىككۈچىلىك سېخىدا، خىزمەتچى خادىملار ئۈچ تۇتاش تەنلىك مۇداپىئە خىزمەت كىيىمىنى جىددىي تىكمەكتە.

(خې لۇڭ فوتوسى)

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئالاقىدار نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار - ئامما بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندى، تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى، يۆنىلىشنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەزمەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.

 يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسىمىز

«باش شۇجى شى جىنپىڭ: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، دەپ تەكىتلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ليۇ جيەنگو مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق تارماقلىرى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىۋېتىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئەتراپلىق، دەل، تېخىمۇ كارغا كېلىدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈش» پىرىنسىپى بويىچە، ئاپتونوم رايون ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى داۋاملىق تەڭشەپ سەرخىللاشتۇرىدۇ.

«ھازىرقى ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئەمەلىي تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «1 - ئاۋغۇست» تەۋەلىك رايون باشقۇرۇش كومىتېتى تېلېگراف مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى جېڭ بىن مۇنداق دېدى: «بىز تېخىمۇ كۆپ زېھنىمىزنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە قارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئەمەلىي ئىشلەپ، ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك».

كوچا، مەھەللىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، كۆزىتىپ ئۆلچەش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىم ھالقا. تېلېگراف مەھەللىسىدە كۆچمە نوپۇس بىرقەدەر كۆپ، مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ۋە پىدائىيلار ئۆز خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسىنى قەتئىي مۇستەھكەملىدى، ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ مال سېتىۋېلىشى، توپلىشىپ قېلىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىش ئۈچۈن، مەھەللە كادىرلىرى ئولتۇراق رايوندىكى تەكسە باھالىق كۆكتات دۇكىنىنىڭ نورمال تىجارىتىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، «ئۈندىداردا ئالدىن كېلىشىش، ئىشىك ئالدىغىچە كۆكتات يەتكۈزۈش»تەك خەلققە قولايلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

 ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ كېسەللىك بىلەن ئېلىشىمىز

«باش شۇجى شى جىنپىڭ: پەرقلەرنى تېزدىن تېپىپ چىقىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەللىك بىلەن ئېلىشىپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى ئىستېمال بۇيۇملىرى سانائىتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ چىڭ مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت بۇ تارنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇشىمىز، ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك. ھازىر، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ماسكا، ئايرىش كىيىمى، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب يوقىتىش بۇيۇملىرى قاتارلىق جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالارنى نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشكىللىدى، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب يوقىتىش بۇيۇملىرىنىڭ كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى ئېھتىياجنى ئاساسىي جەھەتتىن قامدىيالايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىشى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

«جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىشىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ يۇقۇمنى تىزگىنلەش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مۇلازىمىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن قاتناشتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە، توشۇشنىڭ راۋانلىقىغا، تەڭشەپ يەتكۈزۈشنىڭ ۋاقتىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى مەردان مۇقىيت.

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالىيە نازارىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەبلىغىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەبلىغىگە كاپالەتلىك قىلىش جىددىي تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، ھەقىقىي تۈردە مەبلەغ توپلاش سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەبلىغىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىنى كۈچلۈك مەبلەغ كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

 يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھەر تەرەپلىمە قوللاش بىلەن تەمىنلەيمىز

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىر مەيدان توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى، شۇنداقلا بىر مەيدان ئومۇمىي جەڭ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ بىر مەيدان كەسكىن كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى قوللاش بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىدىكى 6000دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى - كادىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ساھە بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ 24 سائەت توختاپ قالماسلىقىنى، ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇردى. 15 مىڭ پارچە «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە خادىملار تىرانسپورتىنى تەكشۈرۈش ئاپتوموبىل يۈرۈش كىنىشكىسى»نى بېسىپ، يۈرۈش كىنىشكىسى بار ئاپتوموبىللارنىڭ يېشىل يولدىن ئاۋۋال ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا جىددىي تاقابىل تۇرۇپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى يېشىل يولىنى ئاچتى، پۈتۈن جەمئىيەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش ۋە تاشيولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلدى... «قاتناش - تىرانسپورت تارمىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى ھەم تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ توشۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ھەسەنجان ئەخمەت.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى يۈرۈشتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى باھارگۈل ئابلا مۇنداق بىلدۈردى: «بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ تەدبىر قوللىنىپ، ھەرقايسى جايلاردا زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازار تەمىناتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشى، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بىز مەسىلە ھەل قىلىشنى يۆنىلىش قىلىپ، بازارنى كۈندىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مېخانىزمىنى ۋاقتىدا ئورنىتىپ، بازارنىڭ تەمىنات - ئېھتىياج ئەھۋالىنى ۋاقتىدا تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا توغرا يوللاپ، بازارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەيمىز».

ھازىر، شىنجاڭ شۆفېڭ مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى توشۇشقا مەسئۇل بولغان ئالدىنى ئېلىش - مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرى ئۇلۇغچات ناھىيەسى، نىلقا ناھىيەسى قاتارلىق جايلارغا يەتكۈزۈلدى. شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر كاڭ جيەن مۇنداق بىلدۈردى: شىركىتىمىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئالدىنى ئېلىش - مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شى شىن، چاۋ جىن، يۈەن لېي، ياڭ شۇخەن، ما يىنىڭ، مېھرىگۈل ناسىر، چېن چياڭۋېي، لۇ فېڭباۋ، خېي خۇڭۋېي يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى