تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«كۆك - تاق» «ئاشلىق» بىلەن تەمىنلەشتە مال يېتەرلىك، باھا مۇقىم

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى زاپىسى يېتەرلىك، تەمىنلەش راۋان بولماقتا

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، نورمال ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنىڭ تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىنى تىرىشىپ ساقلىدى. ھەرقايسى جايلار كۆكتات قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشنى پائال تەشكىللەپ، كۆكتات، گۆش، تۇخۇم، سۈت، ئاشلىق قاتارلىق ئاھالىلەرنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، «كۆك - تاق» «ئاشلىق» بىلەن تەمىنلەشتە مال يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولدى. ھازىر، ھەرقايسى جايلاردا زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ بازار تەمىناتى ئومۇمىي جەھەتتىن يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولۇۋاتىدۇ.

ئاقسۇ ۋىلايىتى:

پارنىك قۇرۇلۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى

«قاراڭ، شۇنچە كۆپ پارنىكلىرىمىزدا خىلمۇخىل كۆكتاتلار ئىشلەپچىقىرىلىۋاتىدۇ، بازار ئېھتىياجلىق بولسىلا، بىرنەچچە كۈن ئىچىدە بازارنى 763 توننا تۈرلۈك كۆكتات بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز» دېدى 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىسى لاڭجۇڭ يۇقارقى چوغتال كەنتىدىكى كۆكتات تېرىقچىلىق بازىسىدا ئاقسۇ شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ئاقنىياز باقى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

كۆكتاتچى لى كاڭ باشقۇرۇۋاتقان پارنىكقا كىرگىنىمىزدە، تال - تال خاڭگالار ياپيېشىل باراڭدا ساڭگىلاپ تۇراتتى، چوققىسىدىكى رەڭدار سېرىق چېچەكلەر سۇس خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى. «خاڭگانى ئۈچ - تۆت كۈندە بىر قېتىم ئۈزگىلى بولىدۇ، ھەر قېتىملىق ئۈزۈش مىقدارى 400 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولۇپ، بازار ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ.» لى كاڭنىڭ دېيىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كۆكتات بىلەن تەمىنلىشى ۋە باھاسىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماپتۇ، ئادەتتىكى چاغلارغا ئوخشاش ئىكەن.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، پارنىكتا كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۇتۇپ، بازار تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى ماددىي ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ جيەن مۇنداق دېدى: پارنىكلارنىڭ ئاساسىي سانىنى ۋە ناھىيە(شەھەر)لەرنى كۈندىلىك كۆكتات بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ۋىلايەت ھەرقايسى جايلارنى پارنىك قۇرۇلۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پائال تەشكىللەپ، كۆكتاتچى دېھقانلارنى تۈرلۈك كۆكتاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىشكە سەپەرۋەر قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخنىك خادىملارنى كەنتلەرگە بېرىپ، پارنىكلارغا كىرىپ كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللەپ، بىر تۈركۈمى يىغىۋېلىنسا، يەنە بىر تۈركۈم مايسىنى يېتىشتۈرۈپ تېرىش پىرىنسىپى بويىچە، ھەر كۈنى 75 توننىدىن 100 توننىغىچە كۆكتات ئىشلەپچىقىرىپ، بازار ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇردى.

ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ھازىر ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى پارنىك سانى 9028گە، كۆلىمى 18 مىڭ موغا يەتكەن بولۇپ، تېرىلغان تۈرلۈك كۆكتاتلار ۋىلايەت بازىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگىچە سېتىلىدىكەن.

قاراماي شەھىرى:

تەمىنلەش يېتەرلىك، باھا تەكشى، مۇقىم بولدى

قاراماي شەھىرىدىكى چوڭ كېچىلىك بازار توپ سېتىش بازىرىدا، قاراماي شەھىرى لۈفېڭ تۇزچىلىق، كۆكتات چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى تيەن رۇڭ مۇنداق دېدى: «1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى بىز 110 توننا كۆكتات كىرگۈزدۇق، 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى كۆكتات كىرگۈزۈش مىقدارىمىز 170 توننىغا يەتتى، 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يەنە يەتتە توننىدىن ئارتۇق كالا، قوي گۆشى كىرگۈزدۇق، يەنە 2000 توننىغا يېقىن بەسەي، ياڭيۇ، سەۋزە قاتارلىق قىشلىق كۆكتاتلارنى زاپاس ساقلىۋالدۇق».

بۇ توپ سېتىش بازىرى قاراماي شەھىرىدىكى بىرقەدەر چوڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى بولۇپ، ئادەتتە كۈندىلىك كۆكتات سېتىش مىقدارى 100 توننا ئەتراپىدا ئىكەن، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاممىنىڭ «كۆك - تاق» ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكان ئېچىش نىسبىتى %100كە يېتىپتۇ.

«تىجارەتچىلەر پائال تۈردە مال تەييارلىدى، تۈرلىرى شەھەر ئاھالىلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئېھتىياجلىق بولغان بەسەي، ياڭيۇ، لوبو، خاڭگا ھەم تۈرلۈك يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەمىنلەش يېتەرلىك، باھا تەكشى، مۇقىم بولۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ نىشانىمىز پۈتۈن شەھەر خەلقىنى خاتىرجەم كۆكتات يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش» دېدى تيەن رۇڭ.

كۆكتات سېتىۋالغىلى كەلگەن تىجارەتچى لى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بازاردا مال مەنبەسى يېتەرلىك بولۇۋاتىدۇ، گۆش، تۇخۇم، كۆكتات قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ، سۈپىتىمۇ يامان ئەمەس، خېرىدارلارنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى تامامەن قامدىيالايدۇ».

ھازىر، قاراماي شەھىرىدە ئاشلىق، ياغ، كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرىنىڭ زاپىسى يېتەرلىك، باھانىڭ يۈرۈشۈشى ئاساسىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇپ، بازارغا سېلىنىش مىقدارى ۋە سودا مىقدارىدا كۈندىن - كۈنگە ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلمەكتە.

غۇلجا شەھىرى:

200 بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى شەھەر ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلدى

بىرقانچە كۈندىن بۇيان، غۇلجا شەھىرى زاپاس ساقلىغان نەچچە ئون مىڭ توننا تۈرلۈك كۆكتاتنى ئارقا - ئارقىدىن بازارغا سېلىپ، كۆكتاتنى بىۋاسىتە سېتىش شەكلىنى قوللىنىپ، مال باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، بازار تەمىناتىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، غۇلجا شەھىرىدىكى ئاۋلىن جيايۈەن، بېييۈەن ئولتۇراق رايونى، ليۇشىڭجيې مەيدانى قاتارلىق جايلاردىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىدا، تۈرلۈك كۆكتات، كالا، قوي گۆشى ھەم تۇخۇم، مېۋىلەرنىڭ تۈرلىرى تولۇق، باھاسى تەكشى، مۇقىم بولدى.

ھازىرغىچە غۇلجا شەھىرى يېزا - سودا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەرقايسى كوچا باشقارمىسى، مەھەللىلەرنىڭ ماسلىشىشىدا، بەش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، 200 يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى ۋە 100 كۆچمە مال سېتىش ئاپتوموبىلىدىن تەركىب تاپقان ماددىي ئەشيا تەمىنات كاپالىتى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

شەھەر ئاھالىسى سانىيە مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاھالىلەرگە بولغان غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، يېڭى كۆكتات ھەر كۈنى ئىشىكىمىزنىڭ ئالدىغىچە يەتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، باھاسىمۇ مۇۋاپىق».

شۇنىڭ بىلەن بىللە، غۇلجا شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بازار تەرتىپىنى كۈچەپ قېلىپلاشتۇرۇپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى ھەم نۇقتىلىق مەيدان - سورۇنلارنى چارلاپ تەكشۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»گە كاپالەتلىك قىلدى.

چۆچەك شەھىرى:

ئۇن پىششىقلاش كارخانىسى ئاشلىق تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى

يېقىندا شىنجاڭ چۆچەك چۇلۈ ئاشلىق - ياغ گۇرۇھى ئۇن پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ، چۆچەك شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى، چۆچەك شەھەرلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان خىزمەتچى خادىملاردىن ھال سورىدى، ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان چۇلۈ ئۇنى ھەم كالا سۈتى، قوي گۆشى، مېۋە - چېۋە، قېتىق قاتارلىق 4500 يۈەن قىممىتىدىكى ھال سوراش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزدى.

يۇقۇم ئالدىدا، بۇ شىركەتنىڭ پۈتۈن خادىملىرى ئۇن پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇردى. شىركەت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋەن جىنگو مۇنداق دېدى: «جەمئىيەت ئېھتىياجلىق بولغاندا، بىز كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ كۈچ قوشىمىز. بىز چۆچەك شەھىرىدە ئۇن تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە بېرىمىز».

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيا چىڭ، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ خۇڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار بالغىن، گو جۈنسەي، ۋاڭ فېي، چېن شياۋدەن، جوۋ فاڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل