تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇم چېكىندۈرۈلمىگۈچە، پارتىيە ئەزالىرى چېكىنمەيدۇ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى −

يۇقۇم چېكىندۈرۈلمىگۈچە، پارتىيە ئەزالىرى چېكىنمەيدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

«يۇقۇم ئالدىدا، بىز ئالغا ئىلگىرىلەيمىز؛ يۇقۇم چېكىندۈرۈلمىگۈچە، پارتىيە ئەزالىرى چېكىنمەيدۇ!» بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ جاراڭلىق قەسىمى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ ئىس - تۈتەكسىز جەڭ مەيدانىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئەڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئەڭ خەتەرلىك جايدا تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىدۇ!

«پارتىيە ئەزالىرى بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىشى، ئالدىدا مېڭىشى كېرەك»

ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى ئاۋىياتسىيە بىناسى پورتقا كىرىش - چىقىشتىكى يولۇچىلار توپلىشىدىغان ئاممىۋى رايون بولۇپ، تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش خىزمىتى ئىنتايىن مۇھىم. ھەر كۈنى سائەت 5تە سۇڭ جوياڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم پارتىيە ئەزالىرى ئايروپورت ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئىچى - سىرتىدا بىر كۈنلۈك دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى باشلايدۇ. شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورت شۆبە شىركىتى ئاۋىياتسىيە رايونى باشقۇرۇش بۆلۈمى ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ يۈرۈشۈشىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۇڭ جوياڭ ئۆيىدىكى ئىككى بالىسى بىلەنمۇ ھېسابلاشماي، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن باشلاپ ئىزچىل خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى.

ھەر كۈنى قەرەللىك ھالدا 198 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە بىناسىدىكى ھەرقايسى رايونلار دېزىنفېكسىيەلىنىدۇ ۋە ھاۋا ئالماشتۇرۇلىدۇ، 35 كارىدور كۆۋرۈك، 104 ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىش پوكىيى، 49 بىخەتەر يول، 4387 يولۇچىلار ئورۇندۇقى قاتارلىقلار كەم دېگەندە ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيەلىنىدۇ... سۇڭ جوياڭ ئاۋىياتسىيە رايونى باشقۇرۇش بۆلۈمىدىكى باشقا پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىللە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورمال ئۇچۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، ئايروپورتتىكى ئەڭ بالدۇر ئىشقا چىقىپ، ئەڭ كەچ ئىشتىن چۈشىدىغان كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. سۇڭ جوياڭ مۇنداق دېدى: «بىز پارتىيە ئەزاسى، ئاچقۇچلۇق پەيتتە چوقۇم ئەڭ ئالدىدا مېڭىپ، يولۇچىلارنى پاكىز، بىخەتەر سەپەرگە چىقىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك».

بۇ چاغاندا، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرى ياڭ جيادۇڭ بولغۇسى خوتۇنى فاڭ لىلى بىلەن ئەسلىدە ئەنخۇيدىكى يۇرتىغا قايتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچى ئىدى. 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى يۇرتىغا قايتىش سەپىرىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشتا ئادەم كەملىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئىككىيلەن كېچىلەپ چەرچەن ناھىيەسىگە قايتىپ كەلدى. ياڭ جيادۇڭ مۇنداق دېدى: «پارتىيە ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرى ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش مېنىڭ بۇرچۇم، توي مۇراسىمىنى كېچىكتۈرۈشكە بولىدۇ، لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە بىز جەزمەن ئاتلىنىشىمىز كېرەك».

84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاساسلىق خام ماتېرىيالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ناترىي گىپوخىلورىت بۇ مەيدان تاسادىپىي يۇقۇمدا بازارلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندى. خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قارىمىقىدىكى شىنجاڭ يائوۋ ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار پاي چەكلىك شىركىتى يېپىق مەشغۇلات قىلىشنى يولغا قويدى، 13 كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق، بىر بەلگە خادىسى بولۇشتەك ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باشقا خادىملارنى يېتەكلەپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئىسمېنا قوشۇپ، ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ ئىشلەپ، دېزىنفېكسىيە خام ماتېرىيالىنى تولۇق نورمىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت جەمئىيەتنى 1400 توننىدىن كۆپرەك ناترىي گىپوخىلورىت بىلەن تەمىنلىدى.

ئاممىنىڭ ياخشى «ئىش بېجىرگۈچىسى» بولۇش

«مەن بۈگۈن 30 كىلو بەسەي، 20 كىلو چىڭسەي... سېتىۋالدىم، سىز بۇ تىزىملىك بويىچە ئائىلىلەرگە بۆلۈپ قاچىلاپ بېرىڭ...» 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سەھەردە، ماناس ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئەشيا ئوبوروت باغچىسىدىكى بىر دۇكاندا، بۇ ناھىيەنىڭ لياڭجوۋخۇ بازىرى غەربىي لياڭجوۋخۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى تاڭ يىخۇ كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن كۆكتات قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋالدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پەۋقۇلئاددە مەزگىلىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىشى قولايسىز ئىدى، تاڭ يىخۇ كەنتتىكى يەتتە پارتىيە ئەزاسىغا چاقىرىق قىلىپ «مېھىر - شەپقەت مۇلازىمەت ئاپتوموبىلى ئەترىتى»نى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئۇلارنى دورا سېتىۋېلىش - داۋالىنىش گۇرۇپپىسى، يېمەكلىك ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش گۇرۇپپىسى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى گۇرۇپپىسىغا بۆلۈپ، ھەر كۈنى شەخسىي ئاپتوموبىلى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنى تۈرلۈك مۇلازىمەت بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. گەرچە بۇ خىزمەتلەر مۇرەككەپ، ئۇششاق - چۈشەك ھەم جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما تاڭ يىخۇ ۋە «مېھىر - شەپقەت مۇلازىمەت ئاپتوموبىلى ئەترىتى»دىكى پارتىيە ئەزالىرى ئاغرىنمىدى. «ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ياخشى ئىش بېجىرگۈچىسى بولۇپ، كۆپچىلىك بىلەن جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز» دېدى تاڭ يىخۇ.

ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىنىڭ مەكىت ناھىيەسى بازار جەمى بازىرى بېلىقچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى دۇەن خۇڭبىن ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى يېتەكلەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى. «بىز پارتىيەلىك كادىرلارنى سەككىز گۇرۇپپىغا بۆلدۇق، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى 30 نەچچە ئائىلىنى ھۆددىگە ئالدى، دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، قەرەللىك زىيارەت قىلىپ، تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، دېزىنفېكسىيەلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەر ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى مۇداپىئە سېپىنى ياخشى ساقلىدۇق.» دۈەن خۇڭبىن: گەرچە ھەركۈنى ناھايىتى چارچىساقمۇ، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ كۈرەش ئىرادىسى كۆتۈرەڭگۈ، دېدى.

ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئونسۇ بازىرى مىنشېڭ مەھەللىسىدە، پارتىيە ياچېيكىسى بىر نەچچە مېھىر - شەپقەت «پارتىيە ئەزالىرى - ئىتتىپاق ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى» قۇردى، مەھەللىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار بىر تەرەپتىن ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى، بىر تەرەپتىن كۆپچىلىككە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى. ئاھالە ئابدۇمىجىت رۇسۇل مەھەللىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئالدىراش سىيماسىنى كۆرۈپ، چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە قوشۇلدى. «مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئۆز ئائىلىسىدىكى ياشانغانلار ۋە بالىلار بىلەنمۇ ھېسابلاشماي، ئالدىدا ئاتاكىغا ئۆتتى، مەنمۇ ئۇلار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، كۆپچىلىك ئۈچۈن بىرەر خالتا گۈرۈچ، بىرەر باغلام كۆكتاتنى بولسىمۇ كۆپرەك يەتكۈزۈپ بېرىمەن» دېدى ئۇ.

مېھىر - شەپقەت «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى

150 مىڭ يۈەن، بۇ، ئالتاي شەھىرى ئاۋىيتان بازىرىنىڭ شىڭىراۋ كەنتىدىكى 77 ياشلىق پارتىيە ئەزاسى يېلسىز مۇرسالىنىڭ بارلىق يىغقان پۇلى. 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، 54 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بۇ موماي 150 مىڭ يۈەن پۇلىنىڭ ھەممىسىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئىشلىتىشكە ئىئانە قىلدى.

«مەن بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، مەن پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى چىڭىتىمەن!» يېلسىزنىڭ سۆزى ئاددىي - ساددا بولسىمۇ ناھايىتى ۋەزىنلىك ئىدى. يېلسىز مۇنداق دېدى: مەن بىر يېتىم ئىدىم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنى بېقىپ قاتارغا قوشتى، بۈگۈنكى كۈندە ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، بالىلار ئوقۇيالايدىغان، ياشلار بېيىيالايدىغان بولدى، ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، بۇنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم. «مۇشۇ كۈنلەردە، ھەر كۈنى تېلېۋىزوردىن خەۋەرلەرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، بىرىنچى سەپتىكى يولداشلار خۇددى مېنىڭ بالامغا ئوخشاش. ئېرىممۇ پارتىيە ئەزاسى، ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈمىدىدە بارلىق يىغقان پۇلىمىزنى ئىئانە قىلدۇق.» يېلسىز مۇنداق دېدى: «گەرچە مەن بىر ئادەمنىڭ كۈچى ئاجىز بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىلا بولىدىكەن، بۇ جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلالايمىز».

«بۇ بىزنىڭ ئازراق كۆڭلىمىز، پۇل كۆپ ئەمەس، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئازراق كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلدۇق.» 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سەھەردە، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئىككىئۇتبۇلاق چارۋىچىلىق فېرمىسى ئىككىئۇتبۇلاق كەنتىدىكى چارۋىچى قادىرقان جۇماقان ئوغلى يېستاي قادىرقان بىلەن چارۋىچىلىق فېرمىسىغا كېلىپ، قوينىدىن 10 مىڭ يۈەن نەق پۇل چىقىرىپ، فېرما باشلىقى گۇەن خەيتاۋنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

قادىرقاننىڭ ئائىلە ئەھۋالى ئادەتتىكىچە بولۇپ، يېقىندا، يۇقۇم ئۇنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى، بولۇپمۇ ھەر كۈنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئۆيمۇئۆي كىرىپ تەشۋىق قىلىشى، «چوڭ كاناي»دىكى ئۈزۈلمەي ئاڭلىتىشتىن قادىرقان نۆۋەتتە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەشيالىرىنىڭ قىس بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئوغلى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، بۇ 10 مىڭ يۈەننى ئىئانە قىلىشنى قارار قىلدى.

«مەن ھەربىي ھەم پارتىيە ئەزاسى، مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىم كېرەك. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغانلا بولساق، يۇقۇمغا قارشى بۇ جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز» دېدى يېستاي.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، ما يىنىڭ، جاڭ تىڭ، ۋاڭ يۈجاۋ، گې يوۋجۈن، شى شىن، جاۋ شىيا، يۈ مېڭرەن، پەرىزات ئابدۇل، مېھرىگۈل ناسىر، ئىختىيارىي مۇخبىرلار دۇ پېڭفېي، جى جيېفاڭ، ۋارىسجان ئۆمەرجان، جاڭ تۇڭتۇڭ، خې چېڭچياڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى