تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پىدائىي قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى بىر ئۇچۇر تارقىلىپ بىر سائەت ئىچىدىلا 160 ئادەم تىزىملاتتى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر خەۋىرى): «بىز ھازىر ۋاقىت بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ، كۆپرەك ماسكا ئىشلەپچىقىرىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇخبىر ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سۈي ۋېنجىڭ بىلەن ئالاقىلەشكەندە ئالدىراش جاۋاب بېرىپ.

پىدائىي قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى بىر ئۇچۇر تارقىلىپ بىر سائەت ئىچىدە 160 ئادەم بەس-بەستە تىزىملاتتى... 1-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى پارتيە كومىتېتى شىنجاڭ لېبيېر سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى، ماسكا ۋە ئايرىش كىيىمى ئىشلەپچىقىرىشقا جىددىي ئادەم كۈچى ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، شىركەتكە بېرىپ ياردەملىشىشىكە پىدائىي قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.

ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، سۈي ۋېنجىڭ دەرھال بىر پىدائىي قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى يېزىپ ئۈندىدار خىزمەت توپىغا يوللىدى، ئوقۇتقۇچىلار تېزدىن ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ توپىغا يوللىدى.

سۈي ۋېنجىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز ئاساسلىقى ئۆيى ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلدۇق. بىر سائەت ئىچىدىلا 160 نەپەر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى تىزىملاتتى. يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ تېلېفون قىلىپ، بىرلىكتە قاتناشسا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى ھەققىدە مەسلىھەت سورىدى، قاتنىشىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى».

1-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن كارخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، 10 نەپەر پىدائىي شىنجاڭ لېبيېر سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مىكروبسىز سېخىغا كىرىپ، كېسىش، ياپىلاقلاش قاتارلىق ماسكا ياساش خىزمىتىگە قاتناشتى.

«ئالدى بىلەن ئۇستامغا ئەگەشتۇق، ئاندىن ئۆزىمىز قىلدۇق، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بىز مىكروبسىز سېختا تۆت سائەت ئىشلىدۇق، ئاساسلىقى ماسكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا مەسئۇل بولدۇق» دېدى بۇ مەكتەپنىڭ قوللىنشچان قۇرۇلۇش شۆيۈەنى قۇرۇلۇش باھاسىنى بېكىتىش كەسپىنىڭ ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئەزىزە تۇرسۇن. ئۇ تۇنجى تۈركۈمدىكى پىدائىينىڭ بىرى بولۇپ، پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، گەرچە مەن دوختۇر-سېسترالارغا ئوخشاش يۇقۇم ئەھۋالى بىلەن كۈرەش قىلالمىساممۇ ، لېكىن پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىپ، ئۆپكە يۇقۇمى ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە تۆھپە قوشالىغىنىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن».

«بۇ بىر مەيدان ئىس-تۈتەكسىز جەڭدە ھەممە ئادەم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، كىشىلىك ھاياتىنىڭ قىممىتىنى يارىتىشى كېرەك» دېدى بۇ مەكتەپنىڭ چەت ئەل تىلى شۆيۈەنى كورىيە تىلى كەسپىنىڭ ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ جيەنگو. ھازىر ھەر كۈنى يېڭى پىدائىيلار تولۇقلىنىپ ئىش ئورنىغا چىقماقتا، ئالدىنقى بىر نەچچە تۈركۈمدە ئىش ئورنىغا چىققان پىدائىيلار «ئۇستاز شاگىرتنى يېتەكلەش» مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، كېيىنكى ئىش ئورنىغا كەلگەن پىدائىيلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئىش ئورنى بويىچە تەربىيىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

«پىدائىيلار شىركەتنىڭ ياتىقىدا ياتىدۇ، ھەر كۈنى شىركەت تۇرمۇش رايونىنى ئىككى قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ، پىدائىيلار زاۋۇت بىناسىغا كىرىپ-چىققاندىمۇ دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش مەزگىلىدە بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە پىدائىيلار پۈتۈن مۇساپىدە مىكروبسىز كىيىم كىيىپ، ماسكا تاقاپ، قالپاق كىيىدۇ. ئەتىگەن سائەت 10دا مىكروبسىز سېخقا كىرىپ خىزمەت قىلىپ، چۈش سائەت 2دە سېختىن ئايرىلىپ چۈشلۈك تاماق يەپ، ئارام ئالىدۇ. ئەمما نۇرغۇن پىدائىي چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىدىن ۋاز كەچتى، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي كۆپرەك ماسكا ئىشلەپچىقىرىشنى ئۈمىد قىلدى. مىكروبسىز كىيىمدىن ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن ساۋاقداش سېخقا كىرىپ-چىققاندا دۈمبىسى ھۆللىشىپ كېتەتتى. گەرچە ئىنتايىن جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما ھەممەيلەن تىرىشىپ ئۆز خىزمىتىنى تاماملىماقتا» دېدى سۈي ۋېنجىڭ بۇ پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ناھايىتى تەسىرلەنگەن ھالدا.

پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا تىزىملىتىش ھەققىدە، بۇ مەكتەپنىڭ قوللىنىشچان قۇرۇلۇش شۆيۈەنى بىناكارلىق قۇرۇلۇشى تېخنىكىسى كەسپىنىڭ ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى جوۋ كەيياڭ قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «دەۋرىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇنداقلا يەنە بىر پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپ بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپە ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم».

ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىدىكى 21 پىدائىي ئىشلەپچىقىرىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى