تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىنى ئەۋجىگە كۆتۈرەيلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇيلى! يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلايلى! بۇ، چەتتە قاراپ تۇرغۇچىلار يوق بىر مەيدان ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتى، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىدىغان بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى.

«ھەرقايسى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلات ئورگانلىرى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىقلار جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، كۈچىنىڭ بارىچە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى، كەڭ تېببىي خادىملار شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، باتۇرلارچە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى، كەڭ خەلق ئاممىسى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئومۇمىي جېڭى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى، پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.» دېھقانلار كالېندارى بويىچە يېڭى يىلنىڭ ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، كېيىنكى قەدەمدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ بۇ مەيدان خەلق ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى ۋە سەپەرۋەر قىلدى.

ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا! خەلق ھەممىدىن ئەلا! بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشكە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، كۆپ قېتىم دوكلات ئاڭلاپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەم ئالاقىدار تارماقلاردىن ئەتراپلىق لايىھە تۈزۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى تەشكىللەپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. دېھقانلار كالېندارى بويىچە يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى كۈچلۈك قانات يايدۇرۇلماقتا، تۈرلۈك تەدبىرلەر كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلماقتا، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەنمەكتە.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى، بىز كۈچىمىزنىڭ بارىچە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتىمىز. يۇقۇم − بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەت. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە يولۇققان جىددىي مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى، ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى، ئارمىيە يەرلىكنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىگە پائال ياردەم بەردى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ئېنىق، توغرا ئىگىلەپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلدى، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلدى، بىرتۇتاش ھەرىكەت قىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلدى. ھەرقايسى پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلات ئورگانلىرى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى، بىز قەھرىمانلارچە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتىمىز. يۇقۇمنىڭ بىرىنچى سېپى دەل جەڭ مەيدانى، كەڭ تېببىي خادىملار خەۋپ - خەتەردىن قورقمىدى، ھەققانىيەت يولىدىن قايتمىدى. چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە، ھەرقايسى جايلاردىن ياردەمگە كەلگەن داۋالاش ئەترەتلىرى جىددىي يىغىلىپ، ۋۇخەنگە قاراپ يولغا چىقتى. يۇقۇم ئالدىدا كەڭ تېببىي خادىملار: «دۆلەتتە جەڭ بولسا، چاقىرغان ھامان كېلىمىز، جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلىمىز!» دېگەن ئېتىقاد بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ۋىرۇسقا قارشى كۈرەش قىلىپ، ھاياتلىق ئۈچۈن كۈچ ئۇلاپ، سانسىزلىغان تېببىي خادىملار شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، قورقماس، چىدامچان قەھرىمانلىق خىسلىتىنى نامايان قىلدى. كېسەللىكنى ھۇجۇم بىلەن يېڭىش ئۈچۈن، زور بىر تۈركۈم پەن تەتقىقات خادىملىرى «ئۇرۇش ۋاقتىدىكى ھالەت» بويىچە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتتى. كەڭ تېببىي خادىملار باتۇرلۇق بىلەن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ۋىرۇس ئالدىدا خەلق ئاممىسى ئۈچۈن قاتمۇقات ساغلاملىق مۇداپىئە سېپى قۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن قوغدىدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى، بىز ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتىمىز. جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھىغا ئىگە. بۇ مەيدان خەلق ئۇرۇشىدا، شەھەرلەردىن يېزا - كەنتلەرگىچە، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن چېگرا رايونلارغىچە، 1 مىليارد 400 مىليون خەلق بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، كېسەللىك بىلەن ئورتاق ئېلىشىشنى قانات يايدۇردى. كەڭ خەلق ئاممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ھەرىكەتكە كېلىپ، تەشكىللىنىپ، ئۇيۇشۇپ، ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش - ئامما تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق رايونلاردىكى قېرىنداشلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەلبىگە پۈكۈشتىن، بەس - بەستە پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىپ مېھىر - مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشكىچە، يەنە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن قۇربىنىڭ يېتىشىچە تۆھپە قوشۇشقىچە، كەڭ خەلق ئاممىسى «بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش»تەك ئۇلۇغ سۆيگۈسى، مېھىر - مۇھەببىتىنى نامايان قىلىپ، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈردى.

جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ خەلق، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ مىللەت. رەھىمسىز يۇقۇملۇق كېسەل ئالدىدا، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، داۋاملىق كۈچىمىزنىڭ بارىچە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، قەھرىمانلارچە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، بىز بۇ مەيدان خەلق ئۇرۇشىدا چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز!

(2 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى