تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2 - تۈركۈمدىكى شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى يولغا چىقتى

بىڭتۇەن جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتى ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشكە ئاتلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چاۋ جىن، يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، 2 - تۈركۈمدىكى شىنجاڭنىڭ خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى 102 ئەترەت ئەزاسى ئۈرۈمچىدىن ئايروپىلان بىلەن ۋۇخەنگە بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.

تيەن ۋېن 2 - تۈركۈمدىكى شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسىگە بايراق بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: داۋالاش ئەترىتى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان مەسئۇلىيەتچانلىقنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، مېھىر - مۇھەببەتنىڭ چېكى بولماسلىقتەك كەسىپ روھىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ خۇبېي خەلقى بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان قېرىنداشلىق مېھرىنى نامايان قىلىپ، چىن قەلبى، چېن ھېسسىياتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىشى كېرەك.

تيەن ۋېن مۇنداق دېدى: ياردەم بېرىلىدىغان جايغا بارغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك ئىش ئورنىغا تېز كىرىپ، ئىلمىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى تاماملاپ، يۇقۇمنى ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشكە پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئۆزى مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئالدىنقى سەپ بىلەن ئارقا سەپنىڭ ئالاقىسى، ماسلىشىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن شىنجاڭ خەلقى سىلەرنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكىڭلار، كۆپچىلىكنىڭ بۇرچنى ئادا قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭى تۆھپە قوشۇپ، بالدۇرراق زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى داۋالاش ئەترىتىنىڭ 102 ئەترەت ئەزاسى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، قاراماي شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى كۆپلىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى تايانچ پەرۋىش خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن.

شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتى ۋۇخەنگە ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشتى. قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتى 100 تېببىي خادىم، ئارقا سەپ كاپالىتى خادىمى ۋە 12 جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئاپتوموبىلىدىن تەشكىللەنگەن.

ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن مەڭلىك سىيىت، كۇڭ شىڭلۇڭ ئۇزىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى