تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«مەن باراي، چوقۇم غەلىبە قىلىمىز!»

− 2 - تۈركۈمدىكى شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ يولغا چىقىش خاتىرىسى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن

بىر خىل تەسىرلىنىش بار، ئۇ بولسىمۇ «مەن تىزىملىتاي، مەن باراي»!

24 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر)نىڭ دوختۇرخانىلىرىدىكى 102 پەرۋىش خادىمىدىن تەشكىللەنگەن 2 - تۈركۈمدىكى شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى يىغىلىپ يولغا چىقتى.

2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سائەت 22دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا، ئەترەت ئەزالىرى: «شىنجاڭ بىلەن خۇبېينىڭ مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرىمىز» دەپ جاراڭلىق قەسەم بەردى.

«ۋۇخەن بىز كەلدۇق!» سائەت 23تە، 2 - تۈركۈمدىكى شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ئايرودۇرۇمدىن يولغا چىقتى. بۇ چاغدا، تۇنجى تۈركۈمدىكى شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ۋۇخەنگە يېتىپ بارغىنىغا يەتتە كۈنمۇ بولمىغانىدى.

سائەت 20دە، تولۇق جابدۇنۇپ يولغا چىقىشقا ھازىرلانغان ئالتە تېببىي خادىم ئەڭ ئاۋۋال ئايرودۇرۇمغا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار قاراماي شەھىرى مايتاغ خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تايانچ پەرۋىش خادىملىرى ئىدى. ئەتىگەندە ئىشقا چىقىپ ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن تارتىپ، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ يولغا چىققۇچە بولغان ۋاقىت ئۈچ سائەتكىمۇ يەتمىگەنىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەمدىلا كېچىلىك ئىسمېنىدىن چۈشكەن، بەزىلىرى ئەمدىلا ئىدارىگە كەلگەن بولۇپ، تېزدىن ۋۇخەنگە ياردەمگە بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۆيگىمۇ قايتماي، يولدىلا ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇچۇر ئەۋەتىپ قويۇپلا ئايرودۇرۇمغا كەلگەنىدى. بىر نەچچەيلەن بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر 2 - بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى شۈ چۈنمېينى ئورىۋېلىپ ئۆزئارا مەدەت بېرىشىۋاتاتتى.

«بۇ قېتىم يولغا چىققان ئەترەت ئەزالىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى 10 - 20 يىللىق خىزمەت ئىستاژىغا ئىگە پەرۋىش خادىملىرى بولۇپ، كىلىنىكىلىق كېسەل ئەھۋالىنى كۆزىتىشتە مول تەجرىبىگە ئىگە، بولۇپمۇ شەخسىي مۇداپىئەلىنىش بويىچە كۆپ قېتىم كۈچەيتىپ تەربىيەلەنگەن، بۇ مەيدان جەڭدە غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچىمىز بار!» قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى دەي ۋېننىڭ ئېيتىشىچە، 50 ياشقا كىرگەن ئۇ پەرۋىش ئىش ئورنىدا 30 يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەن، بۇ قېتىم قاراماي شەھىرىدىكى تۆت دوختۇرخانا 20 پەرۋىش خادىمىنى تېزدىن ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەتتىسى سېسترالار باشلىقى ئىكەن، كۆپىنچىسى نەپەس يولى ئېغىر كېسەللىكى، ئىچكى بۆلۈم پەرۋىشى قاتارلىق كەسىپلەردىكى تەجرىبىسى مول تايانچ كۈچلەر ئىكەن.

قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ نەپەس يولى ۋە ئېغىر كېسەللىكلەر تېببىي 2 - بۆلۈمىنىڭ سېستراسى خەن لىن تېخى بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ئانا، ئۇ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بالىسىنى ئۆيىدە تاشلاپ قويۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملىتىپ ۋۇخەنگە ئاتلاندى. خەن لىن مۇنداق دېدى: «مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن ئاۋۋال بېرىپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرىمەن!»

خېجىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يىن لىڭخۇي 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن باشلاپ شۇ جايدا قۇرۇلغان تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىشلەپ، ئىزچىل ئۆيگە قايتمىغانىدى. «ۋۇخەن ئانامنىڭ يۇرتى، مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بېرىپ كۆرۈپ كېلەي.» گەرچە مۇشۇنداق ھېسسىياتتا بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ۋۇخەنگە ئاتلىنىش خەۋىرىنى سالامەتلىكى ياخشى بولمىغان ئانىسىغا ئېيتمىدى.

«كۈچ بېرەلەيدىغان ۋاقتىمدا، مەن ھەرگىز كەينىمگە داجىمايمەن، مەن ئالدىغا ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايمەن.» يىن لىڭخۇي ئايرودۇرۇمدا ئەترەت فورمىسىنى كىيىپ، پارتىيە ئىزنىكىنى ئىچىدىكى كىيىمدىن ئېلىپ، تەنتەنىلىك ھالدا ئەترەت فورمىسىنىڭ مەيدە تەرىپىگە تاقىدى.

ئەترەتتىكى 23 ياشلىق كامىلجان ئالىم يېتەكچىنىڭ ھەربىر ئېغىز تاپشۇرۇقىنى ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتاتتى. ئۇ خوتەن ۋىلايەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەخسۇس بۆلۈمى دوختۇرخانىسىدىكى ئەر سېسترا. پەقەت بىر يىللىق سېسترالىق ئىستاژىغا ئىگە ئۇ، مۇخبىرغا، دوختۇرخانا رەھبەرلىرىنىڭ ئەتىگەنلىك چېنىقىش ۋاقتىدا ئاتلىنىش چاقىرىقى چىقارغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تۇنجى بولۇپ «مەن تىزىملىتىمەن» دەپ توۋلىغانلىقىنى ئېيتتى، «دوختۇرخانا رەھبەرلىرى مېنىڭ تەجرىبەمنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىدىن ئەنسىرىگەندە، مەن قەتئىيلىك بىلەن مېنىڭ پۇختا پەرۋىش ئاساسىم بار، يەنە جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىممۇ بار، مەن باراي، چوقۇم غەلىبە قىلىمەن! دېدىم».

«سالامەت قايتىپ كەل!» مېڭىش ئالدىدا ئاتا - ئانىسى ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدى، كامىلجان ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ياش جىسمىغا دادىسىنىڭ قىيالماسلىق ياشلىرىنىڭ تۆكۈلگەنلىكىنى ھېس قىلدى.

«مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن تىزىملىتىمەن!» قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئايتۇرسۇن ئىسمايىل 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئەتىگەندىلا ئىدارىنىڭ ئاتلىنىش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، قىلچە ئىككىلەنمەي تىزىملاتقاندىن كېيىن، جىددىي داۋالاش بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى غۇنچەم مەمەتكە تېلېفون قىلدى، «غۇنچەممۇ پارتىيە ئەزاسى، بۇنداق چاغدا پارتىيە ئەزالىرى ئەڭ ئالدىدا تۇرۇشى كېرەك.» بۇ چاغدا يولغا چىقىشقا بىر سائەتمۇ ۋاقىت قالمىغانىدى.

«قىيىنچىلىق ۋاقىتلىق، ھەممىمىز ياخشى بولۇپ كېتىمىز!» ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ۋاقىتلىق خوشلاشقاندىن كېيىن، ئىككىيلەن قول تۇتۇشۇپ ئەترەتكە قوشۇلۇپ يولغا چىقتى.

يەنە قەشقەر. «سائەت 13تە مەن ۋۇخەنگە ماڭىمەن.» «نېمىشقا سىز بارىسىز؟» «مەن پارتىيە ئەزاسى.» «غەيرەت قىلىڭ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى سىزنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتىشىڭىزنى كۈتىمىز.» بۇ بىر بۆلەك دىيالوگ قەشقەر ۋىلايەتلىك 2 - خەلق دوختۇرخانىسى ICUسىنىڭ سېسترالار باشلىقى يۈ شياۋيەننىڭ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئىككى جايدا ئايرىلىپ تۇرغىنىغا ئون يىل بولغان ئېرى بىلەن قىلغان قىسقىغىنا ئۈندىدار دىيالوگى.

«ئۆيگە قايتىپ ئىككى بالام بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىدىغان ۋاقىت يوق، چۈنكى مەن سېسترالار باشلىقى، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بۆلۈمگە بېرىپ بەزى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرمىسام بولمايدۇ.» يۈ شياۋيەن ماڭغاندا، بۆلۈمدىكى سېسترالار ئۇنى بەس - بەستە قۇچاقلىدى: «سېسترالار باشلىقى، بىز چوقۇم گېپىڭىزنى ئاڭلاپ، ئائىلىمىزنى ياخشى قوغدايمىز!»

2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سەھەردە، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى كېچىلەپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، سائەت 6دە لايىھە بېكىتىپ، سائەت 8دە ئەترەت يېتەكچىسى ھەم ھەرقايسى دوختۇرخانىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلدى. ھەممە ئىش جىددىي ھەم تەرتىپلىك بولدى.

«تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەتئىي بويسۇنىمەن، ئەترەتنى ياخشى يېتەكلەپ، تىنچ - ئامان قايتىپ كېلىمەن!» دېدى خەتەرلىك پەيتتە بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغان 2 - تۈركۈمدىكى شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى چېن خۇي جاراڭلىق ھالدا.

«ھەممىڭلار ئەڭ قالتىس! غەيرەت قىلىڭلار!» بۇ ۋاقىتتا، مۇخبىرنىڭ ئارقىسىدىكى ناتونۇش بىر ساياھەتچى بۇ «ئاق خالاتلىق جەڭچى»لەرنىڭ ئۇزاپ كېتىۋاتقان سىيماسىغا قاراپ، قولىنى ئېگىز كۆتۈرگىنىچە يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى