تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىلمىي كېسەل كۆرسىتىپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىڭ

نەپەس كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى:

ئىلمىي كېسەل كۆرسىتىپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىڭ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى فۇ شياڭلۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: كۆپچىلىكتە قىزىش ئالامىتى كۆرۈلسە، قانداق ئىلمىي دىياگنوز قويغۇزۇش، قانداق كېسەل كۆرسىتىش كېرەك؟ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا نەپەس كېسەللىكلىرى 1 - بۆلۈمىدىكى مۇدىر ۋىراچ ۋاڭ جىڭ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەردى.

ۋاڭ جىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئېلان قىلغان «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسى (سىناق 5 - نۇسخا)»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەھەللىدىكى قىزىپ قالغان ئاغرىقلارنى بەلگىلەنگەن ئامبۇلاتورىيەگە يۆتكەپ دىياگنوز قويغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن قىزىپ قالغان ئاغرىقتىن تارقىلىشچان كېسەللىك تارىخى بار - يوقلۇقىنى سوراش ھەم مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىش كېرەك. «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسى(سىناق 5 - نۇسخا)»دىكى تەلەپ بويىچە، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرىكى 14 كۈن ئىچىدە ۋۇخەن شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ساياھەت قىلىش تارىخى ياكى باشقا كېسەللىك مىسالى دوكلات قىلىنغان مەھەللىلەردە تۇرۇش تارىخى بولغان، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرىكى 14 كۈن ئىچىدە ۋۇخەن شەھىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن كەلگەن ياكى كېسەللىك مىسالى دوكلات قىلىنغان مەھەللىلەردىن كەلگەن قىزىپ قالغان ياكى نەپەس يولى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن ئاغرىقلار، توپلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك قوزغالغان ئاغرىقلار بىلەن ئۇچراشقان، شۇنداقلا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى بولغان ئاغرىقلارنىڭ ھەممىسى تارقىلىشچان كېسەللىك تارىخىنى ھازىرلىغان دەپ قارىلىدۇ.

ۋاڭ جىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىيوخىمىيەلىك، ئۆپكە CT، PCR، كىسلاتا - ئىشقار مۇۋازىنىتى ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك دەرىجىسى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە تەكشۈرۈلىدۇ، تەكشۈرۈشتە بايقالغان قىزىپ قالغان ئاغرىقلاردىن ئەگەر كىلىنىكىلىق ئىپادىسى ۋە رېنتىگېن قاتارلىق تەكشۈرۈشلەردىكى نەتىجىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشقا ئۇيغۇن كەلمىگەن ئاغرىقلار قىزىتما كېسەلخانىسىدا قالدۇرۇپ كۆزىتىلىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان دەپ گۇمان قىلىنغان ئاغرىقلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كېسەلخانىدا قالدۇرۇپ كۆزىتىلىپ، تېزدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس نۇكلېئىك كىسلاتا تەكشۈرۈشى ياكى ۋىرۇس گېنىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، دوختۇرخانىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ بېكىتىشى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ؛ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان دەپ ئېنىق بېكىتىلگەن ئاغرىقلار بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا يۆتكەپ كېلىنىپ كېيىنكى قەدەمدىكى داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ۋاڭ جىڭ كۆپچىلىككە ئادەتتىكى زۇكام، تارقىلىشچان زۇكام ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى. ئادەتتىكى زۇكامدا دائىم بۇرۇن پۈتۈپ قالىدۇ، بەزىدە بىر كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە تۆۋەن، ئوتتۇرا دەرىجىدە قىزىيدۇ، ئادەتتە پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى بىرقەدەر ئاز كۆرۈلىدۇ؛ تارقىلىشچان زۇكامدا ئومۇمەن قىزىش ئالامەتلىرى بىللە كۆرۈلىدۇ ھەم ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە روشەن يۇقىرى قىزىتما ئالامىتى كۆرۈلىدۇ؛ ئەمما، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە 38.5 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەيدۇ ھەم قىزىش، يۆتىلىش، قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىللە كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن ئىلمىي كېسەل كۆرسىتىش، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە توپلىشىپ بېرىۋالماسلىق، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ۋاڭ جىڭ مۇنداق دېدى: بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37.3 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمىگەن ھەم روشەن ھالدا نەپەس سىقىلىش، ھاسىراش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن، شۇنداقلا بىر قىسىم باشقا ئاساسىي كېسەللىرى بولغان ئاغرىقلار ھازىرقى يۇقۇم بىرقەدەر ئېغىر بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن ئۆيدە ئارام ئېلىشى ۋە كۆزىتىشى، سۇنى كۆپ ئىچىشى، ئىمكانقەدەر كۆپرەك چېنىقىشى كېرەك، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىدىغان بىر قىسىم زۇكام دورىلىرىنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماسكا تاقاش، قولىنى پات - پات يۇيۇش، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى پات - پات ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ ئەگەر ئىككى قېتىم ئۆلچىگەن بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37.3 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشانغانلار قاتارلىق ئاساسىي كېسىلى بار ۋە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەن كىشىلەر مۇناسىۋەتلىك مەھەللىگە ئۇقتۇرۇپ، مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەخسۇس ئاپتوموبىلى بىلەن بەلگىلەنگەن قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە دىياگنوز قويۇش - داۋالاشقا بېرىشى، دوختۇرخانىغا بېرىش يولىدا ماسكا تاقىشى، يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە ئاغزىنى قول بىلەن ئەمەس قەغەز ياكى جەينىكى بىلەن توسۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى