تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يۇقۇم»غا قارشى جەڭدە، ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئىللىقلىققا تولغان ياردىمى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

«يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىس - تۈتەكسىز جەڭ مەيدانىدا، ئۇلار ئەزەلدىن تونۇشمىسىمۇ، لېكىن مېھىر - مۇھەببەت كۆپچىلىكنىڭ «زىمىستان قىش»تا قول تۇتۇشۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، ئەتراپىمىزدىكى ھەربىر ئاددىي كىشىنىڭ پىدائىي ھەرىكىتى، ئىللىقلىققا تولغان ياردىمى، غەمخورلۇق قىلىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشىدەك ھېكايىلەر «قىش»نىڭ قاتتىق سوغۇقىنى ھەيدەپ، باھارنىڭ يېتىپ كېلىشىنى چاقىرماقتا.

1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى تىيانشان شىمالىي يولىدىكى بىر تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ خىزمەتچىسى لى داچېن سىرتقا تاماق توشۇغۇچى ئېلىپ كەلگەن ئالاھىدە سوۋغات − شاكىلاتنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇنى قالدۇرۇپ كۆزىتىلگۈچى يۈ ئەپەندى سوۋغا قىلغانىدى. «ئۇلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ھەر كۈنى بىزنى تاماق يەتكۈزۈپ بېرىش، بەدەن تېمپېراتۇرىمىزنى ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، بىزگە ياردەم قىلىپ قىيىنچىلىق، تەلەپلىرىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى. مەن قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەي، بۇيرۇتما سۇپىسىدىن شاكىلات بۇيرۇتۇپ رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم» دېدى يۈ ئەپەندى. «بىز ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 16 سائەت خىزمەت قىلىمىز، ئون نەچچە سائەت مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ تۇرىمىز. قالدۇرۇپ كۆزىتىلىدىغانلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشەلىسەك، ھەرقانچە چارچىساقمۇ ئەرزىيدۇ» دېدى لى داچېن.

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى سائەت 8دە، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى دوستلۇق شىمالىي يولى تەۋەلىك رايونى تەيخۇا مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ما لياڭلياڭ بالدۇرلا مەھەللە ئاشخانىسىغا كەلدى. كۆكتات يۇيۇش، كۆكتات تەييارلاش... بىردەمدىلا، مول ناشتىلىق تەييار بولدى. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، تەيخۇا مەھەللىسىدىكى 27 نەپەر تىجارەتچى، ئاھالە ئۆزلۈكىدىن مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ھەرىكەت ئەترىتى تەشكىللىدى، ئۇلار مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشى - تىزگىنلىشىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئېھتىياجلىق ئاھالىلەرگە كۆكتات، تاماق يەتكۈزۈپ بەردى، ئاشخانىدا ئىشلەيدىغان ئاشپەز ما لياڭلياڭ ئۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

«مەھەللە خىزمەتچىلىرى كېچە - كۈندۈز بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتىدۇ، مەن ئارتۇقچىلىقىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئەتىگەن - كەچتە ئىسسىق تاماق يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلماقچى بولدۇم» دېدى ما لياڭلياڭ. «بىزنىڭ يېرىم كېچىگىچە ئالدىراش يۈرۈپ ئۆيگە قايتالمىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ، تەۋەلىك رايوندىكى مېھمانخانا يەنە ئارام ئېلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى ھەقسىز ياتاق بىلەن تەمىنلىدى. كۆپچىلىكنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشى بىزگە تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى!» دېدى تەيخۇا مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فۇ سۇۋېن.

ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى شىگۇ يېزىسىنىڭ خۇاشۇلىن مەھەللىسىدىكى كوچا باشلىقى لى چاۋجۈن شۇ جايدا نامى چىققان قىزغىن ئادەم ئىدى. مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتا ئادەم كەمچىل بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى پۈركۈش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى. 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندە مەھەللىگە ۋاقتىدا بېرىپ، مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، ماسكا تاقاپ، دېزىنفېكسىيەلەش ئۈسكۈنىسىنى يۈدۈپ، كۈنبويى ئالدىراش ئۆتمەكتە. «2 < 1 + 1، بىر نىيەتتە ھەمكارلاشساق، ئۆتكىلى بولمايدىغان يالقۇنتاغ يوق!» دېدى لى چاۋجۈن.

غۇلجا ناھىيەسى خۇدىيايۈزى بازىرىنىڭ تۆۋەنكى خۇدىيايۈزى كەنتىدە، قىزىل جىلىتكىلىق پىدائىيلارنىڭ سىيماسى بىر يارقىن مەنزىرىگە ئايلانغانىدى. «كۆپچىلىك قانداق تۇرمۇش بۇيۇملىرى، دورىغا ئېھتىياجلىق بولساڭلار، بىزگە يۈزتۇرا ياكى تېلېفون بېرىپ ئېيتساڭلار بولىدۇ، بىز كۆپچىلىك ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمىز.» 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئەتىگەندىلا، پىدائىي مېھرىنىسا ھاشىم بىلەن گۈزەلنۇر نەبىجان تولۇق غەيرەتكە كېلىپ كوچا - كويلارنى ئارىلاپ توۋلاۋاتاتتى. توۋلىغان ئاۋازنى ئاڭلىغان كەنت ئاھالىسى پاتىمە قەمىردىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، يۇقىرى قان بېسىم دورىسى ۋە ئاشقازان دورىسى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مېھرىنىسا بىلەن گۈزەلنۇر دەرھال شىپاخانىغا بېرىپ ئۇنىڭغا دورا سېتىۋېلىپ ئەكېلىپ بەردى. «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش باشلانغاندىن بۇيان مەن ئاساسەن سىرتقا چىقمىدىم، دورا سېتىۋېلىشتىن غەم قىلىۋاتقىنىمدا، قىزىل جىلىتكىلىق قىزلار پەيدا بولۇپ، ماڭا چوڭ ياردەم قىلدى» دېدى پاتىمە.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، سۇ لۇپىڭ، جاۋ يۆ، رايىدە، جەزىرە نېسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىر لى مىڭجۇ يازغان، رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى