تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىزىپ قالسىڭىز ھودۇقماڭ، دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەندە قېلىپلاشقان يېتەكلەشكە بويسۇنۇڭ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېغىزىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئالدىن ئۆلچەش − قىزىپ قالمىغان ئاغرىقلار ئامبۇلاتورىيەگە كىرىپ ئالدىن تەكشۈرتۈپ ئايرىپ دىياگنوز قويدۇرۇش، قىزىپ قالغان ئاغرىقلار قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە كىرىپ، قېلىپلاشقان تەرتىپ بويىچە دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش، مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش − گۇمانىي ئاغرىقلار ئايرىم كېسەلخانىغا ئايرىۋېتىلىپ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۈتۈش... 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە، بۇ دوختۇرخانىنىڭ ھەرقايسى كېسەل كۆرۈش ئۆيلىرى ۋە قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە خىزمەتلەرنىڭ قېلىپلىشىپ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىدىن كىرگەندە، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېغىزىدىكى بىرىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈشتە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەيدىكەن. بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال بولسا، ئامبۇلاتورىيە بىناسىغا كىرىپ ئالدىن تەكشۈرۈش - ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ئورنىدا ئۇچۇرنى تىزىملايدىكەن ھەم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئىككىنچى قېتىم ئۆلچەيدىكەن، قىزىپ قالمىغانلار كېسىلىگە قارىتا مۇناسىپ بۆلۈمگە بېرىپ كېسىلىنى كۆرسىتىدىكەن. ئەگەر قىزىپ قالغان ئاغرىق بولسا، دەرھال سول تەرەپتىكى قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن. قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى بۇ دوختۇرخانا ئايرىم ئاجراتقان ئىككى قەۋەتلىك بىنا بولۇپ، بىرىنچى قەۋىتى ئامبۇلاتورىيە رايونى ۋە تېببىي خادىملار يولى قىلىپ ئايرىلغان، ئىككىنچى قەۋىتى قالدۇرۇپ كۆزىتىش - داۋالاش رايونى قىلىپ ئايرىلغان. قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ ئالدىن تەكشۈرۈش ئورنىدا، دوختۇر قىزىپ قالغان ئاغرىقنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارقىلىشچان كېسەللىك تارىخى ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى سوراپ، بويۇن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەيدىكەن ھەم تىزىملايدىكەن.

بۇ دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لېي ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇناسىۋەتلىك يۇقۇم رايونى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى بولمىغان ھەم كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولغان قىزىپ قالغان ئاغرىقلارنى دوختۇر ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەگە ياكى جىددىي داۋالاش بۆلۈمىگە بېرىپ كېسىلىنى كۆرسىتىشكە يېتەكلەيدۇ؛ ئەگەر يۇقۇم رايونى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى بولمىغان، لېكىن قىزىپ قېلىش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ياكى قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىك ئالامەتلىرى بولغان، مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىش تارىخى بولغان ئاغرىقلارنى دوختۇر ئايرىۋېتىش كېسەلخانىسىغا يۆتكەپ، كېيىنكى قەدەمدىكى تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئەگەر يۇقۇم رايونى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئاغرىقلار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى بولغان، قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق نەپەس سىستېمىسى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن، لېكىن ھەزىم قىلىش سىستېمىسى قاتارلىق باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى بارلار ياكى كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان مەسلىھەت سورىغۇچىلار بولسا، دوختۇرخانا مۇداپىئە تەدبىرى كاپالىتى ئاساسىدا ئايرىم رايوندا ئايرىپ دىياگنوز قويۇپ داۋالايدىكەن؛ ياكى ئۇچۇرلىرىنى ياخشى تىزىملاپ، ئائىلىسىدە ئايرىلىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيدىكەن ھەم ھەر ۋاقىت ئەھۋال ئىگىلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىكەن. ئەگەر قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە قىزىش تەرتىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىكەن.

قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى بىرىنچى قەۋىتىنىڭ سول تەرىپىدە ئالتە كېسەل كۆرۈش ئۆيى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، قان تەكشۈرۈش ھەم كۆكرەك قىسمىنى سۈرەتكە ئېلىش، سىنغا ئېلىش، شىنديەنتۇ قاتارلىق تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرىنچى قەۋەتتە تاماملىغىلى بولىدىكەن. ئوڭ تەرەپتە دوختۇر ئىشخانىسى ۋە تېببىي خادىملار يولى بولۇپ، تېببىي خادىملار ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىكتىن كىرىپ ئايرىش كىيىمىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئاغرىقلار رايونىغا كىرىدىكەن. قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتى يالغۇز كىشىلىك كۆزىتىش ئۆيى بولۇپ، ئېلىپ قېلىپ كۆزىتىلىدىغان ئاغرىقلار بۇ يەردە مۇناسىۋەتلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۈتىدىكەن.

«كۆكرەك لېنتىسى ۋە قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، دوختۇر ئاغرىقنى قالدۇرۇپ كۆزىتىش ياكى كۆزەتمەسلىكنى بېكىتىدۇ ھەم ئۇنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرىدۇ.» لېي ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىرمۇ ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دوختۇرخانا نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە مەنپىي چىققان ئاغرىقنى ئېلىپ قېلىپ كۆزىتىدۇ، 24 سائەتتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ، يەنە بىر قېتىم مەنپىي ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن كۆزىتىشنى بىكار قىلىدۇ، بۇ چاغدا دوختۇرخانا مەھەللە بىلەن ئالاقىلىشىپ ئائىلىسىدە داۋاملىق 14 كۈن ئايرىلىپ تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان ئاغرىقنى دەرھال كېسەللىكنى كونترول قىلىش تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىدۇ ھەم تېزدىن مەركەزلەشتۈرۈپ يىغىپ داۋالايدىغان نۇقتىلىق دوختۇرخانىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ داۋالىشىغا ئاپىرىپ بېرىدۇ.

«قالدۇرۇپ ئايرىپ كۆزىتىش مەزگىلىدە، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپى كۆزدە تۇتۇلغانلىقتىن، ئاغرىقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يوقلاپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. شۇڭا، دوختۇرخانا مەخسۇس تېببىي داۋالاش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، ئېلىپ قېلىپ كۆزىتىلىۋاتقانلارنى يېمەك - ئىچمەك، دورا ئېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، كۆپچىلىك ئېلىپ قېلىپ كۆزىتىش مەزگىلىدىكى تۇرمۇش مەسىلىسىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ.» لېي ۋېي مۇنداق دېدى: دوختۇرخانا پۈتۈن كۈن دوختۇرخانىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاغرىققا بىخەتەر داۋالىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى