تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ماسكا تاقاشتا ئىلمىي، تېجەشلىك بولۇش كېرەك

مۇتەخەسسىس مۇنداق ئەسكەرتتى:

ماسكا تاقاشتا ئىلمىي، تېجەشلىك بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: ماسكا تاقىغاندا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، مۇتەخەسسىس مۇنداق ئەسكەرتتى: ئاددىي ئامما ماسكىنى بىر قېتىم تاقاپلا ئالماشتۇرمىسىمۇ بولىدۇ، ماسكىنى ئىلمىي، تېجەشلىك تاقاش كېرەك.

«سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاش، ئۆيگە كىرگەندە قولنى يۇيۇپ تۇرۇش» ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى، بىراق نۇرغۇن كىشى نەگىلا بارسا ماسكا تاقىۋالىدىغان، بەزىلەر يالغۇز ئاپتوموبىل ھەيدىگەندىمۇ ياكى ئۆيدە ئولتۇرغاندىمۇ ماسكا تاقىۋالىدىغان بولدى. شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا يۇقۇملۇق كېسەللەر 1 - بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تاڭ لى مۇنداق چۈشەندۈردى: ماسكا تاقاشتا، ئالدى بىلەن شۇ كىشىدە كېسەللىكنىڭ بايقىلىش خەتىرى ئويلىشىلغان. ئاممىۋى سورۇنلارغا بارغاندا ياكى ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرغاندا، جەزمەن ماسكا تاقاش كېرەك. يالغۇز تۇرغاندا ۋە ئادەملەر بىلەن قويۇق ئۇچراشمىغان ئەھۋالدا، ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدۇ.

تاڭ لى مۇنداق تەكلىپ بەردى: يۇقۇم رايونىدىن باشقا رايونلاردىكى ئوچۇقچىلىق ھەم ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان سورۇنلاردا ماسكا تاقاش ھاجەتسىز، ئادەملەر كۆپ يىغىلمايدىغان ئاممىۋى سورۇنلاردا، داۋالاشتا بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان ماسكىنى تاقىسا بولىدۇ. يۇقۇم كۆپ يۈزبەرگەن رايونلاردىكى ئوچۇقچىلىق ھەم ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان سورۇنلاردا داۋالاشتا بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان ماسكا تاقىسا بولىدۇ؛ ئادەملەر زىچ ياكى يېپىق ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرگەندە، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللەر ماسكىسى ياكى دانچە ماددىلاردىن مۇداپىئەلىنىش ماسكىسىنى تاقاش كېرەك.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ بىۋاسىتە ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان تېببىي خادىملارنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، قەتئىي ھالدا دوختۇرخانىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ماسكا ۋە باشقا ئۆز مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى تاقىشى كېرەك.

تاڭ لى مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاددىي كىشىلەر ماسكىنىڭ پاكىز - مەينەتلىكىگە ئاساسەن ئالماشتۇرۇش ياكى ئالماشتۇرماسلىقنى بېكىتىپ، ماسكىنى تاقاش قېتىم سانىنى بىخەتەر، مۇۋاپىق ئۇزارتسا بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللەر ماسكىسى ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان N95 ماسكىسىنىڭ ھەممىسى بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان ماسكا، بىراق لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، دوختۇرخانىغا، چوڭ تىپتىكى تاللا بازىرىغا ياكى گۇمانىي كېسەللەر بىلەن ئۇچرىشىش قاتارلىق خەتىرى يۇقىرى سورۇنلارغا بارمىسىلا، ئاددىي كىشىلەرنىڭ مۇداپىئە ماسكىسىنى بىر قېتىم تاقاپلا تاشلىۋېتىشى ھاجەتسىز، ئىككى - ئۈچ قېتىم تاقىسا تامامەن بولىدۇ. ئايلىنىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ماسكىنى قۇلاق سۇپرىسىدىن ئىككى قولى بىلەن ئېلىۋېتىپ، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان مۇھىتتا ماسكىدىكى سۇ تەركىبىنى تەبىئىي قۇرۇتۇپ ياكى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، سىرتقى قەۋىتىدە باكتېرىيە توپى يىغىلىۋېلىشىدىن ساقلانسىلا، يەنە بىر قېتىم ئۆزى تاقىسا بولىدۇ.

تاڭ لى مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى: بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا، ئاۋام ماسكىنى ئىلمىي، تېجەشلىك تاقاپ، ھەربىر ماسكىنىڭ ئەڭ زور ئۈنۈملۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئاددىي ئامما ئادەتتە N95 ماسكىسىنى تالىشىپ سېتىۋالمىسىمۇ بولىدۇ، چەكلىك N95 ماسكىسى ئارقىلىق ئالدى بىلەن تېببىي خىزمەتچىلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى