تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېز ھەرىكەتكە كېلىش كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلار مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تولۇق ئادا قىلدى، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىدى −

تېز ھەرىكەتكە كېلىش كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ T3 ئايروپورت بىناسىنىڭ كۈتۈۋېلىش زالىدا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خىزمەتچى - خادىملىرى يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى)

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلار تېز ئاۋاز قوشۇپ، پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تولۇق ئادا قىلىپ، پۇختا ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈردى. يۇقۇمغا قارشى جەڭدە، بۇ يەردە ئەڭ قەتئىي ئىجرا قىلىش، ئەڭ تېز ھەرىكەتكە كېلىش، ئەڭ كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش بار!

كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ماددىي ئەشيا تەمىناتى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ خام ماتېرىيال قىس بولۇش، ئەمگەك كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

كارخانىلار ئىنكاس قىلغان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى تۈرگە ئايرىپ رەتلەپ، ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ماسكا، ئايرىش كىيىمى، دېزىنفېكسىيە قىلىپ مىكروب يوقىتىش بۇيۇملىرى قاتارلىق جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالارنى نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشكىللىدى. 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۈچ كارخانا جەمئىي 967 توننا ئىشلەپچىقاردى؛ %75لىك دېزىنفېكسىيە ئىسپىرتى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىككى كارخانا جەمئىي 57.49 توننا ئىشلەپچىقاردى؛ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا (مىكروبسىزلاندۇرۇلمىغان) قاتارلىق مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىككى كارخانا داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا (مىكروبسىزلاندۇرۇلمىغان)دىن جەمئىي 235 مىڭ 300نى، بىر قېتىملىق ئايرىش كىيىمى (مىكروبسىزلاندۇرۇلمىغان)دىن جەمئىي 18 مىڭ 900نى ئىشلەپچىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ سولياۋ پىششىقلاش سانائىتى كارخانىلىرى جەمئىيىتى بىلەن سولياۋ ئورۇ تۇڭى(بوتۇلكا) تەمىنلەش ئىشلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئورۇ خام ئەشياسى قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون بىر قېتىملىق مۇداپىئەلىنىش ماسكىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە قۇرۇشنى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ كۈنىگە 200 مىڭ ماسكا ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولۇشىنى قارار قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار بىلەن پائال ئالاقىلەشتى، نۆۋەتتە ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەش سودىگەرلىرى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى، دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، يېڭى قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش يېشىل يوللىرىنى جىددىي ئېچىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۈچ كارخانىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 200دىن ئارتۇق تېببىي دورا ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت كارخانىسىنى تەشكىللەپ، ئىشقا سېلىپ، تۈرلۈك مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە دورا دۇكانلىرىغا سالدى. ھازىرغىچە، جەمئىي 8 مىليون 930 مىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا سېتىۋېلىنىپ بازارغا سېلىندى، ئۈچ كارخانا 700 مىڭغا يېقىن ماسكا ئىشلەپچىقاردى.

ئاممىنى قەلبىگە پۈكۈش خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەش

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراش، ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سەھىيە - ساغلاملىق تارماقلىرىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. بىر قولدا «ئالدىنى ئېلىش»نى تۇتۇش، بىر قولدا «داۋالاش»نى تۇتۇش. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سەھىيە - ساغلاملىق تارماقلىرى داۋالاش - قۇتقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرىنى ۋاقتىدا قۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى 100دىن ئارتۇق داۋالاش مۇتەخەسسىسىدىن تەركىب تاپقان مۇتەخەسسىسلەر قۇتقۇزۇش - داۋالاش گۇرۇپپىسى قۇردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق يەتتە داۋالاش ئاپپاراتى باش بولغان كۆپ پەنلىك دىياگنوز قويۇش - داۋالاش كوللېكتىپىدىن ئوننى تەشكىللەپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنى ئىلمىي قۇتقۇزۇشى - داۋالىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل قىلدى؛ خەتەرلىك ئېغىر كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇش - داۋالاش كوللېكتىپىدىن بىرنى ھەر ۋاقىت ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەييارلىدى؛ روھىي ساغلاملىق پىسخىكىلىق تەسىر قىلىش كوللېكتىپىدىن ئىككىنى تەشكىللەپ قۇردى.

قۇتقۇزۇش - داۋالاش تورىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز 16 داۋالاش ئاپپاراتىنى تۇنجى تۈركۈمدىكى بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش دوختۇرخانىسى قىلىپ بېكىتىپ، يۇقۇمنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن يەنە توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە ئون بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش دوختۇرخانىسىنى كۆپەيتىپ ۋە تەڭشەپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش دائىرىسىنىڭ قاپلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يولدا ئالماشتۇرۇپ توشۇش ۋە يۇقۇمنىڭ كېڭىيىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەت تەرتىپى ۋە دىياگنوز قويۇش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يىراق مۇساپىلىك سۇپا بەرپا قىلىپ، پىسخىكىلىق تەسىر قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھەركۈنى ئامانلىق مەلۇم قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىدىن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تارقاتقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۆرسەتمىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېقىش، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان كۈتۈنۈش، بالىلار، روھىي ساغلاملىق قاتارلىق پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىغا قارىتا يېپىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگانلىرى كىرگەن - چىققانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى ياخشى ئىشلەپ، مۇلازىمەت سورۇنلىرىدا ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە دېزىنفېكسىيەلەشنى باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى تاقاشتۇرماي بېجىرىشكە يېتەكلەپ، كىشىلەرنىڭ توپلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى؛ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى بىرىنچى ۋاقىتتا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، بازار تەمىناتى ۋە ئوبوروت ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ گۆش بازارلىرىدا تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سودا ئىشلىرى سىستېمىسىدىكىلەر بازارنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، يوللاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، ئۇدۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بازار ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلدى. 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق سودا سارايلار، تاللا بازارلىرى، كارخانىلار جەمئىي 264 مىڭ ماسكا، 710 مىڭ 700 بوتۇلكا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ساتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭغا ئەۋەتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى، بازاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش، ساختا، «ئۈچ يوق» مەھسۇلات، ساختا تەشۋىق قىلىش، قانۇنسىز يوللار بىلەن سېتىۋېلىش - سېتىش، ئېنىق باھا يازماسلىق قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ بىر تۈركۈم دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بازار تەرتىپىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.

بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇش زىچ ماسلىشىپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ زىچ ماسلىشىشىغا، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلىشىگە توغرا كېلىدۇ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى كۈندىلىك تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان يۇقۇمغا ۋاقتىدا، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى تەرتىپ، ۋاقىت چەكلىمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يۇقۇم ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ھەر كۈنى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىن سىستېمىسى ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كەسپىي خادىملىرىغا قارىتا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى ھەم قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرگە قارىتا يېتەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تارقىلىشچان كېسەللەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى تېزلىكتە تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلدى.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يولۇچىلار ۋوگزالغا كىرگەندە، پويىزغا چىققاندا، مەنزىلگە يېتىپ بېرىپ ۋوگزالدىن چىقىدىغان چاغدا بىردەك بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى يولغا قويدى؛ پويىز يۈرۈش جەريانىدا قىزىغان يولۇچىلار بايقالسا، دەرھال پويىزدا ئايرىۋېتىشكە تەشكىللەپ ھەم قىزىغان يولۇچىلارنى ئالدى تەرەپتىكى قالدۇرۇپ كۆزىتىش پونكىتى تەسىس قىلىنغان ۋوگزالغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، پويىزنى جىددىي دېزىنفېكسىيەلەش ۋە يېقىن ئۇچراشقانلارنى تىزىملاشنى ياخشى ئىشلىدى؛ پويىز خادىملىرى ھەر ئىككى سائەتتە يولۇچىلار دائىم ئۇچرىشىدىغان ئورۇنلارغا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب يوقىتىش سۇيۇقلۇقىنى پۈركۈدى ۋە سۈرتتى، ۋاگون ئىچىنىڭ پاكىزلىقىغا، تازىلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ پويىز ئاخىرقى ۋوگزالغا يېتىپ بېرىپ ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى پۈتۈن پويىزنى تولۇق، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماي دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب يوقىتىپ ۋە ھاۋانى دېزىنفېكسىيەلەپ ساپلاشتۇرۇپ، پويىزنىڭ «ئاغرىق» ئالماي يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش كاپالەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئەسلىدىكى چاغانلىق توكقا كاپالەتلىك قىلىش دەسلەپكى لايىھەسى ئاساسىدا، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، جىددىي رېمونت قىلىش 2 - پەلەمپەيسىمان ئەترىتى قۇرۇپ، تېلېفوننىڭ 24 سائەت راۋان بولۇشىنى ساقلاپ، تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەرگە بىرىنچى ۋاقىتتا ئىنكاس قايتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى، داۋالاش - قۇتقۇزۇشتىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانا، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا قاتارلىق مۇھىم سورۇنلارغا بولغان توك بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى كاپالىتىنى كۈچەيتتى؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش پىرىنسىپى بويىچە، ئورنىتىشقا يوللاش، سىغىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن توك بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ تېلېفون ئۇرۇش، قىسقا ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ خېرىدارلارنى ھەق تاپشۇرۇشقا ئەسكەرتىپ، ئاپتوماتىك توك ھەققى تاپشۇرۇش تېرمىنالىنىڭ پۈتۈن كۈن نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ھەرقايسى جايلاردىكى شەھەر باشقۇرۇش، ئۆي - مۈلۈك باشقۇرۇش، سۇ ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، شەھەر - بازارلاردىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش، شەھەر مۇھىتى تازىلىقى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شەھەر - بازارلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى يۈرۈشتۈرۈش - باشقۇرۇش كارخانىلىرى، مۈلۈك ھوقۇقى ئورۇنلىرى، مۈلۈك باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، سۇ سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. تاشلاندۇق ماسكىلارنى يىغىۋېلىش، توشۇش، بىر تەرەپ قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى توشۇش قوراللىرى، بىر تەرەپ قىلىش مەيدانلىرى ھەمدە شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىق ئاپتوموبىل ۋە ئورۇنلارنى دېزىنفېكسىيەلەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. بۇنىڭدىن باشقا، مۈلۈك باشقۇرۇش كارخانىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۈلۈك ئىگىلىرىنىڭ ئۆزى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە، مۈلۈك باشقۇرۇش كارخانىلىرىنىڭ ئولتۇراق رايونلاردىكى بىنالارنىڭ ئىچىدىكى لىفىت، كارىدور قاتارلىق ئاممىۋى رايونلارنىڭ تازىلىقى، پاكىزلىقى ۋە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب يوقىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

(مۇخبىرلار شى شىن، ما يىنىڭ، رېن خۇا، چاۋ جىن، لى لىن، خېي خۇڭۋېي، لۇ فېڭباۋ، چېن چياڭۋېي، ۋاڭ يۈجاۋ، يۈەن لېي يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى