تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن ئاتلىنىمەن!»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جېڭىدە، ئۇلار ئەڭ قەيسەر جەڭچى بولۇپ، ھېچنېمىدىن قورقماي، ئالدىنقى سەپتە كەسكىن جەڭ قىلماقتا؛ ئۇلار ئەڭ يارقىن نۇردەك قەلبلەرنى ئىللىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملىمەكتە. شىددەتلىك يۇقۇم ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنى توسۇپ زەربە بېرىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە قادىدى.

«پارتىيەگە كىرىش قەسىمىدە بەرگەن ۋەدىنى مۇشۇنداق چاغدا نەقلەشتۈرۈش كېرەك»

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ ئىس - تۈتەكسىز جەڭ مەيدانىدا، كىشىنى ئەڭ روھلاندۇرىدىغان سۆز «مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن جەڭگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىمەن!» «مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن ئاتلىنىمەن!» بولدى، خەتەرلىك چاغدا، جىددىي پەيتتە، پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئاۋۋال ئاتاكىغا ئۆتۈپ، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئالدى.

«دوختۇرخانا رەھبەرلىرى مېنى ياشىنىپ قالدى دەپ ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ، پارتىيە ئەزالىرى ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى مۇشۇنداق چاغدا نامايان قىلىش، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىدە بەرگەن ۋەدىسىنى مۇشۇنداق چاغدا نەقلەشتۈرۈشى كېرەك، مەن تەييارلىق قىلىپ بولدۇم، ئاغرىق بولسىلا چاقىرغان ھامان ھازىر بولىمەن، تەشكىل خاتىرجەم بولسۇن!» 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ 79 ياشلىق پېنسىيەگە چىققان دوختۇرى خې فۇدۇڭ دوختۇرخانا پارتىيە كومىتېتىغا «جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى» سۇندى. 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تېلېفوندا خې فۇدۇڭ جاراڭلىق ئاۋازدا مۇنداق دېدى: «پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەڭگۈ پېنسىيەگە چىقمايمەن؛ دوختۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاغرىقنى داۋالاپ، ئادەم قۇتقۇزۇش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم».

«ياشىنىپ قاپسىز، سىرتقا چىققاندا چوقۇم ماسكا تاقىۋېلىڭ!» 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، قومۇل شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ ۋېي ئېۋىرغول رايونى خۇيكاڭ يولى شى دەيچېڭ ئولتۇراق رايونىغا كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئولتۇراق رايونى دەرۋازىسى ئالدىدا، ۋاڭ ۋېي بىر ياشانغان ئاھالىنىڭ ماسكا تاقىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال بېرىپ شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەشكە دەۋەت قىلدى.

ۋاڭ ۋېي ئىلگىرى سارس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان. بۇ قېتىم، تەجرىبىسى مول بولغان ئۇ قەتئىيلىك بىلەن جەڭگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىپ، قومۇل شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىغا تاللىنىپ، ھەرقايسى ھالقىلىق نۇقتىلاردىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

«گەرچە پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ، لېكىن مەن بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، يۇقۇم ئالدىدا، ئاممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئۇلار ئۈچۈن يۇقۇمنى توسىمەن!» دېدى ۋاڭ ۋېي قەتئىيلىك بىلەن.

«ئالدىنقى سەپتە چىڭ تۇرۇش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز»

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگۇ بازىرى دېڭساۋگۇ كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدا پارتىيە ئەزاسى سەۋلىقان قاپدۇل دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى چاچقاچ ئىش بېجىرگىلى كەلگەن كەنت ئاھالىلىرىگە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىشنى تاپىلىدى.

«كەنتىمىز چەت، يىراق، يۇقۇم بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز دېسەك بولمايدۇ، چوقۇم ياخشى مۇداپىئەلىنىشىمىز كېرەك.» بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، سەۋلىقان ئۆيمۇئۆي كىرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەشۋىق قىلدى ۋە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تىزىملىدى. ئاۋازى پۈتۈپ قالغاندا، ئۇ رادىيونى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈپ، كەنت ئاھالىسىگە ئۇچراپ قالسىلا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەۋەرلىرىنى ئاڭلاتتى.

«ھاياتلىق تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك، يۇقۇم − بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەت.» 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، مۇخبىر قەشقەر شەھىرى ئاۋات يېزىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا يول بويىدىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بۇ شوئارنى كۆردى. يول ئېغىزىدىكى ۋاقىتلىق تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا، خىزمەتچى خادىملار تەۋەلىك رايونىغا كىرىدىغان ئاپتوموبىل ۋە كىشىلەرنى تەكشۈرۈۋاتاتتى.

«پارتىيە ئەزالىرى − بايراق، ھالقىلىق پەيتتە پارتىيە ئەزالىرى ئەڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك.» ئاۋات يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئالىمجان ئىسمائىل مۇنداق دېدى: تەۋەلىك رايونىمىزدىكى سىرتقا تۇتىشىدىغان ھەرقايسى كەنت دەرىجىلىك يول ئېغىزلىرىنىڭ ھەممىسىدە ۋاقىتلىق تەكشۈرۈش نۇقتىسى تەسىس قىلدۇق، پۈتۈن يېزىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە پىدائىيلار نۆۋەتلىشىپ دىجورنىلىك قىلىۋاتىدۇ.

2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سەھەر سائەت 4تە، بۇرچىن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى جۇڭيى بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى جاڭ لىپىڭ بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىنلا، ئاندىن يان تېلېفوندا ئوغلى ئەۋەتكەن ئۈندىدار ئۇچۇرىنى كۆرۈشكە ۋاقتى چىقتى: «ئاپا، مەن سىزگە بۈگۈنكى ئىپادەمنى دوكلات قىلاي. تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولدۇم، يەنە ئۆي ئىشلىرىنى قىلدىم. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ جۇمۇ...»، بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭ كۆزلىرى نەملەشتى. يۇقۇم ئالدىدا، 19 يىللىق تېببىي خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە جاڭ لىپىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى. ھەر كۈنى كېچە - كۈندۈز توختىماي ئىشلىگەچكە، ماسكا مەڭزىنى يارا قىلىپ قويدى، ئىككى قولى دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىغا چىلىنىۋېرىپ ئاقىرىپ كەتتى، لېكىن ئۇ ۋە خىزمەتداشلىرى ئىش ئورنىدا يەنىلا چىڭ تۇردى.

لياڭ خەيجۈن قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، خوتۇنى خەن يۈ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ جىددىي پەيتىدە، ئۇلار كەسكىن ھالدا ئەڭ ئالدىنقى سەپكە ئۆتتى. «<يۇقۇم>غا قارشى تۇرۇش جېڭى باشلاندى، ئالدىنقى سەپتە چىڭ تۇرۇش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز» دېدى لياڭ خەيجۈن.

«يۇرتداشلار، ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، كۆپچىلىك ھەممەيلەن تەڭ قاتنىشىپ، <ئوننى قىلماسلىق>نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك...» 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تاڭ سەھەردە، سانجى شەھىرى يۇشۇگۇ بازىرى يۇشۇگۇ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى زو يىجۈننىڭ «ياچېيكا شۇجىسى رادىيوسى» ئاڭلىتىشنى باشلىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، زو يىجۈن ئاممىباب، چۈشىنىشلىك يەرلىك شېۋە بىلەن چوڭ كانايدا تەشۋىق قىلىش، تېلېفون بېرىپ تاپىلاش، دوۋيىندا ئەسكەرتىش، «كەنت ئاھالىلىرىگە يېزىلغان بىر پارچە خەت»نى ئوقۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، تەۋەلىك رايوندىكى ئاممىغا قاراتمىلىق ھالدا يۇقۇمنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلدى. زو يىجۈننىڭ خوتۇنى جياڭ شيۇلىڭ مۇنداق دېدى: «چاغاننىڭ ئالدىدىن ھازىرغىچە، ئۇ ئىزچىل كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدا تاماق يەپ، يېتىپ - قوپۇۋاتىدۇ، قەيەر ئالدىراش بولسا ئۇ شۇ يەردە بولدى، بىر كۈنمۇ ئۆيگە كېلىپ ئارام ئېلىپ باقمىدى».

«ئۇلار بولىدىكەن، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچىمىز كامىل»

بىرقانچە كۈندىن بۇيان، جىمىسار ناھىيەسى ئەرگۇڭ بازارلىق پارتىيە كومىتېتى «پارتىيە كومىتېتى + ياچېيكا + پارتىيە ئەزالىرى + ئامما»دىن ئىبارەت خىزمەت ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىستېرېئولۇق تورى بەرپا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى.

«پۈتۈن بازاردىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلار بولىدىكەن، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچىمىز كامىل» دېدى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئەرگۇڭ بازىرى خەيزىيەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لى مىڭلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەشۋىقات لوزۇنكىسىنى ئاسقاچ مۇخبىرغا.

ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى پېڭ كاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تەشكىلات سىستېمىسى «سالاھىيىتىنى نامايان قىلىش، ئۈلگە بولۇش، بىرىنچى سەپكە بېرىش، ئاۋانگارتلاردىن بولۇش» پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى، ھەربىر تەشكىلات خىزمىتى كادىرى ئىككىدىن ئۈچكىچە كەنت (مەھەللە) بىلەن كونكرېت ئالاقىلىشىپ، سەپەرۋەر قىلىش، تەشكىللەش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش داۋامىدا، پارتىيە ئىزنىكى تاقاپ سالاھىيىتىنى نامايان قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى جىددىي پەيتتە، خەتەرلىك چاغدا بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىشقا، ئەڭ ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىشقا يېتەكلىدى.

«مەن ئالدىراش، ئۆيدە ئاپاڭنىڭ گېپىنى ئاڭلا.» 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇم بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى مۇسا مەمەت بالىسى بىلەن سىنلىق تېلېفونلاشتى. بالىسىنى كۆرمىگىنىگە بىر ھەپتىدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆپ پاراڭلىشىشقا ۋاقتى يەتمىگەچكە، بىر قانچە ئېغىز گەپنى تاپىلاپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇم بۆلۈمىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتى ئايرىش رايونى كېسەلخانىسى. تاماق، يېتىپ - قوپۇشى دوختۇرخانىدا بولدى، بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى باشلانغاندىن كېيىن، مۇسا ئايرىش رايونىغا تۇنجى تۈركۈمدە كىرگەن تېببىي خادىملارنى يېتەكلەپ، 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن ھازىرغىچە بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، قالدۇرۇپ كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ بەدىنىدىكى ئالامەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىدى.

شايار ناھىيەلىك 2 - خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ قىزىپ قالغان ئاغرىقلارنى ۋاقىتلىق ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىسىدا، بۇ دوختۇرخانا يۇقۇم بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جىن خىزمەتداشلىرى بىلەن ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم كۆزىتىش رايونىغا كىرىپ، قىزىپ قېلىپ كۆزىتىلىۋاتقانلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن كىلىنىكىلىق كۆزەتتى. «پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۇقۇم ئالدىدا چوقۇم ئالدىدا مېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن پارتىيە تەشكىلىنىڭ سىنىقىنى قوبۇل قىلىمەن».

(مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، رايىدە، جەزىرە نېسىپبېك، جاڭ جىلى، يۈ شى، جاڭ تىڭ، خەن چىنيەن، پەرىزات ئابدۇل، جاڭ رۇيلىن، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ ۋېي، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن دېڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى ۋېنلۇڭ، ليۇ فاڭ، دۇڭ شېڭشياڭ، چېن جىجۈەن، لى خۇيلىڭ، جاڭ شىنمېي، خې چېڭچياڭ، جاڭ دېفېڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ