تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمغا قارشى جەڭدە دۆلەت كارخانىلىرى ھەرىكەتتە

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پائال ھەرىكىتى ئارقىلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى.

پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىش سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ مىقدارنى ئاشۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش

يۇقۇم ئالدىدا، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم دۆلەت كارخانىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى.

چاغان مەزگىلىدە، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قارىمىقىدىكى كارخانا − شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار پاي چەكلىك شىركىتى تېز سۈرئەتتە دېزىنفېكسىيە دورىسىنىڭ خام ئەشيا مەھسۇلاتى ناترىي گىپوخىلورىتنى تەييارلاپ، 1 - ئايدا جەمئىيەتنى 1000 توننىغا يېقىن مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىدى، نۆۋەتتە كۈنىگە 40 توننا ئىشلەپچىقىرالايدۇ.

1 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قارىمىقىدىكى بالا شىركەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭشەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن جەمئىيەتنى ئىشقار، خىلور، ناترىي گىپوخىلورىت قاتارلىق دېزىنفېكسىيە دورىسى تەييارلايدىغان خام ئەشيا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىدى. نۆۋەتتە، بۇ كارخانىنىڭ ھەرقايسى ئالاقىدار بالا شىركەتلىرى كۈنىگە 46.75 توننا ھىدروگېن پېروكسىد ئېرىتمىسى، 700 توننا ناترىي گىپوخلورىت ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولدى، ئامبار زاپىسى يېتەرلىك.

ئاپتونوم رايونلۇق دورىلارنى زاپاس ساقلاش مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تېببىي دورا شىنجاڭ دورىگەرلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش ئىشتابى ھەم ئۇنىڭ ھەرقايسى بالا شىركەتلىرى تېزدىن ئاۋاز قوشۇپ، 24 سائەت ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، يۇقۇمغا كېرەكلىك داۋالاش دورىلىرى، مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش، يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئالاقىدار دوختۇرخانىلارنى جىددىي تەمىنلەشكە قەتئىي كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغا قەدەر، بۇ كارخانا ھەر خىل دورىلاردىن 4 مىليون 500 مىڭ قاپ (تال) تەييارلىدى، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دورىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

قەتئىي باش تارتماسلىق كۆپ تەرەپ يۇقۇمغا قارشى ئورتاق جەڭ قىلىش

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ پەۋقۇلئاددە مەزگىلىدە، ئالاقىدار دۆلەت كارخانىلىرى ئىچكىرى رايونلاردىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى پائال سېتىۋالدى ھەم قارىمىقىدىكى چەت ئەلدىكى كارخانىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، چەت ئەلدىكى مال بىلەن تەمىنلەش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر بىلەن ھەل قىلدى.

شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىچكىرى رايونلاردىن 1 مىليون يۈەنلىك ماسكا قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى زاكاز قىلدى، 1 - تۈركۈمدىكى 35 مىڭ ماسكا 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئەۋەتىلدى؛ شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى چەت ئەل بازىرىدىن بىر تۈركۈم مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى زاكاز قىلدى، ھازىر زاكاز قىلىنغان ماللار كەينى - كەينىدىن كېلىشكە باشلىدى.

شىنجاڭ ئايروپورت (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پورتقا كىرگەن - چىققان بارلىق يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تەكشۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئايروپورت بىناسىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلاردىكى يولۇچىلارنى تولۇق دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى، ئۈسكۈنىلىرىنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېشىل يول ئېچىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە يېتىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى ئىشقا قايتا كىرىشكەندىن كېيىن، خادىملار قىس بولۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يېتىشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق تىيانشان توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىدىكى 20 تايانچ خادىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا ياردەم بېرىپ، ھەر كۈنى ئۇدا 12 سائەت ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش يېشىل يول ئېچىش

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرى بىرلەشمە كوپىراتىپى، شىنجاڭ بانكا پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى يېشىل يولىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئالاقىدار كەسىپلەرنى ئىلتىماس قىلغان ھامان بېجىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ نەق پۇل ئېلىش، مەبلەغ ئاجرىتىپ بېرىش، خەير - ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ھېسابات ئېچىش، مەبلەغنى راسچوت قىلىش ھەم تۈرلۈك ئىئانە پۇللىرىنى پېرېۋوت قىلىش، ئاجرىتىپ بېرىش قاتارلىق كەسىپلەرگە قارىتا تېز سۈرئەتلىك ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، مەبلەغنىڭ ۋاقتىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىق يۇقۇمدىن ساقلىنىش بۇيۇملىرىنى جىددىي ئىشلەپچىقىرىشىنى قوللاش ئۈچۈن، 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرى بىرلەشمە كوپىراتىپى تىيانشان يېزا سودا بانكىسى مەخسۇس كارخانىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، كارخانىنىڭ تىجارەتتىكى قىيىنچىلىقى ۋە مەبلەغ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۇنىۋېرسال ئىناۋەت بېرىش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ، دەرھال يېشىل يول ئېچىپ، ھېسابات ئېچىش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ۋە ئىناۋەت بېرىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، كارخانىغا 5 مىليون يۈەنلىك ئىناۋەت سوممىسى بەردى ھەم تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئىجرا قىلدى، كىرېدىت مەبلىغىنىڭ ۋاقتىدا ھېساباتقا كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 24 سائەتتىلا بارلىق كىرېدىتنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتىنى تاماملاپ، ئالدى بىلەن كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى كىرېدىت جەھەتتىن قوللىدى.

ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى ئۈلگىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئالاقىدار مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلىش خىزمىتىنى جىددىي ئىشلىمەكتە ھەم ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى