تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى «كۆرۈنمەس جەڭچىلەر»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز يۈزبەردى، كېسەلنى تىزگىنلىگۈچىلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش چوڭ قوشۇنىنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن باشتىن - ئاخىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلاندى. ئۇلار يۇقۇم رايونىغا كىرىپ يۇقۇملانغۇچىلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلار ھەم ئۇچرىشىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق كىشىلەر توپىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، يۇقۇمنى كونترول قىلىش ئۈچۈن كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى.

1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ بىناسىدىكى چىراغلار يورۇپ تۇراتتى. «بۇ مەيدان جەڭدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، بىز كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىدىكى پۈتۈن خادىملار دائىم تەييار تۇرۇپ، 24 سائەت لىنىيەنى چىڭ ساقلاۋاتىمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۈي باۋلىڭ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تايانچ كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ مەركەزنىڭ جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قوماندانلىق قىلىش، جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش، يۇقۇمنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە دوكلات قىلىش، ئۇچۇر يوللاش ۋە ساغلاملىق تەربىيەسى، مىكروئورگانىزم تەكشۈرۈش تېخنىكىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئارقا سەپ كاپالىتى قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش گۇرۇپپىلىرى گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىپ نۆۋەتلىشىپ ئىشلىدى.

بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى، ماسكا، كۆز ئاسراش ئەينىكى، يۆتكەپ تەڭشەش جەدۋىلى... شۇ كۈنى سائەت 6لەر ئەتراپىدا، بۇ مەركەزنىڭ بىرىنچى قەۋەتتىكى ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش مەركىزىدە، 1 - تارقىلىشچان كېسەللەر ئىلمىي تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لۇ ياۋچىن ۋە گۇرۇپپا ئەزالىرى N95 ماسكىسى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى تەكشۈرۈپ ھېسابىنى ئېلىۋاتاتتى، ھەر كۈنى بىر قېتىم ماددىي ئەشيالارنى تەكشۈرۈپ ھېسابىنى ئېلىش بىر مەيدان يۇقۇم بىلەن مۇسابىقىلىشىشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تارقىلىشچان كېسەللەرنى ئىلمىي تەكشۈرۈش يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، لۇ ياۋچىن ۋە بۇ مەركەزدىكى 35 خىزمەتچى خادىم 12 تارقىلىشچان كېسەللەر ئىلمىي تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بولۇپ تەشكىللىنىپ، 24 سائەت نۆۋەتلىشىپ، دوختۇرخانىنىڭ ئايرىش رايونىدا ئالدىراش يۈرۈپ، ئاغرىقلارغا يېقىن ئارىلىقتىن يۈزلىنىپ، ئۇلارنىڭ كېسەل قوزغىلىشتىن ئىلگىرىكى 14 كۈنلۈك كېسەل كۆرسىتىش ئۇچۇرى، ئاشكارا ئۇچۇرى، سەپەرگە چىقىش ئۇچۇرى، ئۇچراشقان كىشىلەر قاتارلىقلارنى بىر - بىرلەپ سوراپ تەكشۈردى.

«ئايرىۋېتىش كېسەلخانىسىغا كىرىشتە خەتەر بولسىمۇ، جەزمەن ئاتاكىغا ئۆتمەي بولمايدۇ، ئالدىنقى شەرت شۇكى، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش كېرەك.» لۇ ياۋچىن مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم تەكشۈرگەندە كەم دېگەندىمۇ بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇچۇرلارنى ئېنىق، توغرا تېپىپ، ھەرقانداق گۇمانلىق ھالقىنى قويۇۋەتمەسلىك كېرەك. ئۇچۇرلارنى توپلىغاندىن كېيىن، ئۇچۇرلارنى ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلىپ، ئىنچىكە پەرقلەندۈرۈپ، تارقىلىشچان كېسەللەرنى ئىلمىي تەكشۈرۈشكە قارىتا رولى بار - يوقلۇقىنى ئايرىش كېرەك.

بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن لۇ ياۋچىن ئىككى بالىنىڭ دادىسى بولۇپ، بەزىدە بىر كۈننىڭ ئىچىدە بەش - ئالتە گۇمانىي ئاغرىق بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەرگە ئورۇنسىز خەۋپ - خەتەر ئېلىپ كەلمەسلىك ئۈچۈن، ئۇ كەسكىنلىك بىلەن ئىدارىسىدە ئۇخلىدى.

سائەت 12دە، قىسقىغىنا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەھلىل قىلىش يىغىنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گاۋ فېڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ، رايون، ناھىيەلەرگە بېرىپ يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرىنى تەربىيەلىدى. يېقىنقى ئون كۈندىن بۇيان، گاۋ فېڭ ئىدارىنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆيىگە قايتىپ كىيىم - كېچەكلىرىنى ئالماشتۇرۇش - يۇيۇشتىن باشقا، ئىزچىل ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش بىلەن بولدى، ھارغاندا، چارچىغاندا ئىشخانىدا ئازراق كۆز يۇمۇۋالدى، بەزىدە بىر كۈندە پەقەت ئىككى سائەتلا ئۇخلىدى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى خوتۇنىمۇ مەھەللە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىشلەۋاتقاچقا، 12 ياشلىق قىزىنى ئاتا - ئانىسىغا ھاۋالە قىلدى، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان ئاساسەن تېلېفون ئارقىلىق قىسقىغىنا ئالاقە قىلىشىدۇ.

سائەت 18دە، بۇ مەركەزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فەن شۈچېڭ تولۇق قوراللىنىپ، ۋىرۇس تەجرىبىخانىسىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ ئورۇن يۇقۇمغا ئەڭ يېقىن جاي، پۈتۈن شەھەردىكى گۇمانىي ئاغرىقلار، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنىڭ ئەۋرىشكىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە يەتكۈزۈلۈپ تەكشۈرۈپ - ئۆلچىنىدۇ. ئەۋرىشكىنى ئېچىشتىن نۇكلېئىك كىسلاتاسى ئايرىۋېلىشقىچە، يەنە يالتىراق نۇرلۇق PCRدا تەكشۈرۈپ - ئۆلچەشكىچە، بىر قېتىملىق مۇكەممەل تەكشۈرۈش - ئۆلچەش جەريانىغا ئادەتتە ئاز دېگەندىمۇ تۆت سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.

تەجرىبىخانىدىن چىققان چاغدا، فەن شۈچېڭ قېلىن مۇداپىئە كىيىمى كىيىۋالغاچقا پۈتۈن بەدىنى تەرلەپ كەتكەنىدى، يۈزىنى ماسكا بوغۇپ تال - تال سىزىق چىقىرىۋەتكەنىدى. فەن شۈچېڭ مۇنداق دېدى: بىر مىنۇت بۇرۇن ئېنىق دىياگنوز قويۇلسا، گۇمانىي ئاغرىقلار بىر قەدەم تېز داۋالىنىدۇ ۋە ئايرىۋېتىلىدۇ، يۇقۇمنىڭ يەنىمۇ تارقىلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئەۋرىشكە مەيلى قايسى ۋاقىتتا كەلسۇن، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش خادىملىرى جەزمەن بىرىنچى ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ - ئۆلچەيدۇ. «دائىم تەجرىبىخانىدا ۋىرۇس بىلەن ھەپىلەشسەڭلەر قورقمامسىلەر؟» «قورقىمىز، لېكىن مەن تەجرىبىخانا تېخنىكى، ۋىرۇس بىلەن ھەپىلىشىپ، ئۇلارنى يېڭىش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم» دېدى فەن شۈچېڭ. بۇ چاغاندا، فەن شۈچېڭ ئەسلىدە ئىچكىرى رايونغا قايتىپ ئاتا - ئانىسى بىلەن جەم بولۇشقا تەييارلىق قىلغانىدى، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇ بىرىنچى ۋاقىتتا بېلەتنى قايتۇرۇپ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئاتلاندى. بۇ خۇددى ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن قەسەمياد يىغىنىدا قىلغان جاراڭلىق قەسىمى: «پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشىمىز!» دېگىنىدەك بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى