تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قاتناش تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ كىرىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى

«ئالدىنى ئېلىش»نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭ قىلىش

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قاتناش تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ كىرىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، ما يىنىڭ، سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى نەچچە كۈندە، شىنجاڭدىكى تاشيول، تۆمۈريول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق تارماقلار قايتقان يولۇچىلار ئېقىمىنى ئارقا - ئارقىدىن كۈتۈۋالدى، يۇقۇمنىڭ كىرىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قاتناش تارماقلىرى ئايروپورت، ۋوگزال قاتارلىق قاتناش تۈگۈنلىرىدە كىشىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيەلەش، تىرانسپورتنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا، يولۇچىلار تەرتىپلىك ئۆچىرەتتە تۇرۇپ بېكەتكە كىرىپ - چىقىۋاتاتتى، خىزمەتچى خادىملار مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، قولىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئەسۋابىنى تۇتۇپ، ۋوگزالغا كىرىپ - چىقىۋاتقان يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى بىر - بىرلەپ ئۆلچەپ، قىزىش، قىزىتما قاتارلىق ئالامەتلەر يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۆتكۈزۈۋاتاتتى، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا خىزمەتچى خادىملارنىڭ پويىز كۈتۈش زالىدىكى يولۇچىلار ئورۇندۇقى، لفىت تۇتقۇچى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىۋېلىش - ئېلىش ئۈسكۈنىسى، ئاپتوماتىك مال سېتىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى پات - پات دېزىنفېكسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.

چاغانلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشتى، پويىزغا ئولتۇرۇپ قايتىدىغان يولۇچىلار ئېقىمى كۆپەيدى، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاساسىدا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تۆمۈريول ئورۇنلىرى ۋوگزال، ۋاگون، ئۈسكۈنىلەرنى دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى، ھەرقايسى ۋوگزال، پويىزلاردا تازىلاش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋوگزالغا كىرىش - چىقىش، پويىزنىڭ يۈرۈش جەريانىدىكى ھەرىكەتچان كۆزىتىشنى كۈچەيتتى، يولۇچىلار ۋوگزالغا كىرىپ - چىققاندا جەزمەن بىردەك بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، پويىزدىكى يولۇچىلارنىڭ ئېقىش يۆنىلىشىنى تىزىملاش قاتارلىقلارنى ياخشى ئىشلەپ، ۋوگزال، پويىزلاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى ئاۋىياتسىيە بىناسى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ۋە ئىشخانا بىناسى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، مۇخبىر خىزمەتچى خادىملارنىڭ مەيدانغا كىرگەن بارلىق ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئاۋىياتسىيە بىناسى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا بەش ئاپتوماتىك دېزىنفېكسىيەلەش رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى، دېزىنفېكسىيەلەش پۈركۈمىسى، لۆڭگە قاتارلىق دېزىنفېكسىيەلەش ئەسۋابلىرى يولۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن قويۇلغانىدى.

شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورت شۆبە شىركىتى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى گوچىڭ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا توققۇز بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش ئېغىزى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئايروپورتتىن كىرىپ - چىققان ھەربىر يولۇچىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشكە مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئەگەر بىنورمال ئەھۋال بايقالسا، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئايروپىلان گۇرۇپپىسىنىڭ گۇمانىي ياكى قىزىپ قالغان يولۇچىلار دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، تېببىي خادىملار ئايروپىلانغا چىققاندىن كېيىن رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر دوكلات قىلىدۇ ھەم ئايروپىلان سۇپىسىدا مەخسۇس ئايرىۋېتىلگەنلەر ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى ئاجرىتىپ ۋاقتىنچە تۇرۇش ئورنى قىلىدۇ.

2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول تىرانسپورتى قايتىش يۇقىرى دولقۇنىغا كىردى، مۆلچەرلىنىشىچە، قايتىش مەزگىلىدە بېسىم بىر قەدەر چوڭ بولغان يول بۆلەكلىرى ئاساسلىقى قومۇل، تۇرپان، ئۈرۈمچى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلار ھەمدە شىڭشىڭشيا، يېتىمبۇلاق قاتارلىق شىنجاڭغا كىرىدىغان ئاساسلىق يول ئېغىزلىرىغا مەركەزلىشىدىكەن.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر پۈتۈن شىنجاڭدىكى يول ئاسراش ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ۋە يول مەمۇرىيىتى خادىملىرى ۋاقتىدا يولغا چىقىپ چارلاپ، قار - مۇزلارنى تازىلاپ، تاشيولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان؛ قاتناش - تىرانسپورت تارماقلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يول تورىدىكى قاتناشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئاپتوموبىل ئاستا ئۆتىدىغان بەزى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش نۆۋەتچىلىك كۈچىنى تولۇقلاپ، ئەھۋالغا قاراپ جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆتۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەن ھەم تاشيول مۇلازىمەت رايونىدا 24 سائەت ئىسسىق سۇ ۋە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىگەن.

ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىش ئورنىدا بولۇپ، ساقچى كۈچى، ئاپتوموبىل، جابدۇقلارنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە يولغا سېلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى، شەھەر رايونى يولى قاتارلىق مۇھىم كىرىش - چىقىش ئېغىزلىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى