تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋىرۇس تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى: خەتىرى يۇقىرى ئىشلارنى بىز قىلايلى

سۈرەتتە: مۇداپىئە كىيمى كىيگەن شيا جىگاڭ(ئوڭدا) ۋە لى شۇەي تەجرىبىخانىنىڭ ئايرىش رايونىغا كىرىشكە تەييارلاندى.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن خەۋىرى، سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ۋاقىتلىق تەكشۈرۈش مەركىزى تەمىنلىگەن) «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى، بىز قىلايلى، باشقىلار قىلمىسۇن.» 1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ۋاقىتلىق تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مەسئۇل تېخنىكى شيا جىگاڭ، لى شۇەي ۋە ما جىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوختۇرخانىنىڭ ۋىرۇس يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلدى، 2-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، بۇ ئۈچ پارتىيە ئەزاسى بىر كۈنمۇ دەم ئالماي خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى.

1-ئاينىڭ 24-كۈنى دوختۇرخانا قىزىتما ئامبولاتورىيەسى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، ۋىرۇس بىلەن «يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىدىغان» يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئېنىقكى خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى بىر خىزمەت، بۆلۈمدىكى پارتىيە ئەزالىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىغا ئىلھام بەردى.

2-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەردە، 55 ياشلىق شيا جىگاڭ ۋە 33 ياشلىق لى شۇەي بۇرۇنقىدەكلا يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسىغا كەلدى. ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان مۇداپىئە كىيمىنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر قەۋەت ئوپېراتسىيە كىيىمى كىيىپ، قوش قەۋەتلىك پەلەينىڭ ئىچىگە ئىككى قەۋەت يەڭنى ئايرىم-ئايرىم تىقتى، N95 ماسكىسىنىڭ سىرتىغا يەنە بىر قەۋەت داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى تاقىدى، ئەسلىدىكى كۆز ئاسراش ئەينىكى نەپەسلەنگەندىكى تۇماننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، يۈز دالدىغۇچقا ئالماشتۇرۇلدى... ئىككىيلەن بىر-بىرىنىڭ مۇداپىئە ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن بىرلىكتە تەجرىبە ئايرىش رايونىغا كىرىپ كەتتى. تەجرىبىخانىغا كىرگەندە 3~4 سائەتكىچە چىققىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئامال بار سۇ ئىچمەيدۇ، ئاز تاماق يەيدۇ.

سۈرەتتە: ۋاقىتلىق تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مەسئۇل تېخنىكى شيا جىگاڭ(سولدا) ۋە لى شۇەي جانلىقلار بىخەتەرلىك ئىشكاپى ئىچىدە مەشغۇلات ئېلىپ بارماقتا.

قىزىتما ئامبولاتورىيەسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن ھىم قاچىدىن پېچەتلەنگەن خالتىنى ئېلىپ چىقىپ، دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن، پېچەتلەنگەن جانلىقلار بىخەتەرلىك ئىشكاپىدىن يۇتقۇنچاق رېئاكتىپى قاچىلانغان ھىم پىروبىركىنى ئېلىپ، ئېھتىيات بىلەن ئۈستىدىن ئەۋرىشكە سۇيۇقلۇقىنى ئېلىپ يادرو كىسلاتاسى ئېلىش ئەسۋابىغا سېلىپ، ۋىرۇس يادرو كىسلاتاسى ئېلىش، رېئاكسىيە رېئاكتىپى تەييارلاش، تەكشۈرۈش تەرتىپى تەسىس قىلىش، كومپيۇتېردا تەكشۈرۈش قاتارلىق قەدەم باسقۇچلاردىن كېيىن، تەخمىنەن ئۈچ سائەتتە ئاندىن بىر تۈركۈم ئەۋرىشكە تەكشۈرۈشىنى تاماملىيالايدۇ. ئايرىش رايونىدا ئىككى ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ مەشغۇلات قىلىدۇ، ما جىڭ ئايرىش رايونىنىڭ سىرتىدا ئەۋرىشكە يەتكۈزۈش ۋە سىرتقى تەجرىبىگە مەسئۇل بولىدۇ، بەزىدە جىسمانىي كۈچى يېتىشمىگەن شيا جىگاڭ ياكى لى شۇەي ئۈچۈن جەڭگە چۈشىدۇ.

ھىم پىروبىركىدا مەنپىي بېسىم بار، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىپ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ۋىرۇس ئېتىلىپ چىقىشى مۇمكىن، شۇڭا ئاسانلا ئېرىگەن يىلىم شەكىللىنىدۇ، پۈتكۈل مەشغۇلات تەرتىپىدە سەل ئېھتىيات قىلمىسىلا باشقا ئەۋرىشكە ياكى مەشغۇلات قىلغۇچى يۇقۇملىنىشى مۇمكىن» دېدى تەكشۈرۈش ئىش ئورنىدا 30 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان شيا جىگاڭ، بۇ ئۇنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ خىزمەت ئورنىغا بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر، «مەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، قانچىكى خەتەرلىك بولسا، شۇنچە ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك».

دىمىق ئىسسىق مۇداپىئە ئاستىدا، گەپ قىلىش ۋە نەپەسلىنىشنىڭ ھەممىسى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئايرىش رايونىدىكى شيا جىگاڭ ۋە لى شۇەي كۆپىنچە ۋاقىتلاردا جىمجىت ئىشلەيدۇ، لېكىن تۆت قولى شۇنچىلىك ماسلاشقان بولۇپ بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالمايدۇ. ماشىنا غوڭۇلداپ ئايلىنىپ تەكشۈرگەندە، ئىككىيلەن خلورلۇق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن پۈتكۈل تەجرىبە رايونى ۋە بارلىق سايمانلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندا، بىرىنچى بولۇپ قىزىتما ئامبولاتورىيەسىدىكى دوختۇرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. لى شۇەي مۇنداق دېدى: «بىز نەتىجىنى قانچە تېز قانچە توغرا چىقىرىپ بەرسەك، بىمار شۇنچە ۋاقتىدا مۇۋاپىق داۋالاشنى قوبۇل قىلالايدۇ. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇم ئەھۋالى ئاستىدا، مېنىڭ بۇرچۇم بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئورۇنداشتۇر».

پۈتكۈل چاغان مەزگىلىدە، ئۇلار ھەر كۈنى 1-سەپتە تەكشۈرۈشكە ئاتلاندى، دائىم ئىككىنچى كۈنى تاڭ سەھەرگىچە ئالدىراش يۈرۈپ ئاندىن ئاخىرلاشتۇراتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ھارغىنلىق سەۋەبىدىن نۆۋەتچىلىك ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلمىدى. شيا جىگاڭ «پارتىيە ئەزالىرى قىيىنچىلىق مەزگىلىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، ھەرگىز چېكىنىشكە بولمايدۇ. بىزنى ئائىلىمىزدىكىلەرمۇ ناھايىتى قوللايدۇ، بىزدىن پەخىرلىنىدۇ، بىز بۇ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن بەخىت ھېس قىلىمىز» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى