شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى چۈنشيا، پىراكتىكانت شياۋ لياڭيۈەن خەۋىرى) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىش زالى كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، توردا بېجىرىش، يان تېلېفوندا بېجىرىش، تېلېفوندا بېجىرىش، پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېجىرىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىدە «كۆرۈشمەي» بېجىرىشنى پائال يولغا قويۇپ، كىشىلەر توپىنىڭ توپلىشىشى سەۋەبلىك يۇقۇم تارقىلىش خەۋپىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئىمكانقەدەر توسقان.
توردا ۋە يان تېلېفوندا بېجىرىش. سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇنلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپىيىش- ئازىيىش ئۆزگىرىشى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىنى مەلۇم قىلىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرگەندە، شىنجاڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى توردا بېجىرىش زالى ئارقىلىق بېجىرسە بولىدۇ؛ كارخانىلار سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشتە، ئالاقىدار ئىلتىماسنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىش زالىغا فاكس ئارقىلىق يوللىسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار «شىنجاڭ ئەقلىي ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت APP دېتالى»، «شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى 12333» ئۈندىدار سالونى ئارقىلىق شەخسلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
تېلېفوندا بېجىرىش. سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇن توردا بېجىرىش زالى ئارقىلىق ھەق تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى تاپشۇرالمىسا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىش زالىغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق ھەق تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ھەق تاپشۇرۇش تالونىنى بىۋاسىتە بېسىپ چىقارسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇنلار پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ تەمىناتىنى بېجىرىشتە كەسىپنى ۋاقتىنچە توختىتىش، كەسىپ يىللىق پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ ئاجرىتىش، كارخانىلاردىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرمەكچى بولسا، تېلېفون بېرىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.
پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېجىرىش. سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇنلار ئىشتا يارىلانغانلارنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بېرىش، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن كەسپى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرگەندە، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىش زالىغا پوچتىدىن ئەۋەتىپ، تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن ئالاقىدار كەسىپلەرنى ۋاقتىدا بېجىرسە بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى يەنە ئالاقىدار كەسپىي مەسلىھەت سوراش تېلېفونىنى ئېلان قىلدى: كارخانىلار 3689959 ـ 0991، 3689957، 3689936، 3689962 ( فاكس) غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ؛ ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار 3689951 ـ 0991، 3689952، 3689955، 3689953 (فاكس) غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ.