تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىزىپ قالسىڭىز ھودۇقماڭ، دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشتە قائىدە بويىچە يېتەكلەشكە بويسۇنسىڭىزلا بولىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى: (مۇخبىر كاڭ يۈنيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مالىك خەۋىرى، فوتوسى) «ياخشىمۇسىز، ئاۋۋال بەدەن تېمپېراتۇرىڭىزنى ئۆلچەشكە ماسلىشىڭ... قىزىتما ئامبولاتورىيەسى ئىشىكتىن كىرىپ سول قول تەرەپتە، بەلگىگە قارىسىڭىزلا تاپالايسىز.» 1- ئاينىڭ 2ـ كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، تېببىي پىدائىيلار دوختۇرخانىغا كىرگەن ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، داۋالىنىشقا تەرتىپلىك يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى.

مۇتەخەسسىسلەر كېسەل قوزغىلىشتىن ئىلگىرىكى 14 كۈن ئىچىدە ۋۇخەن شەھىرى ۋە باشقا يۇقۇم رايونلىرىدا ساياھەت قىلىش، تۇرۇش، ئولتۇراقلىشىش ياكى ئۇچرىشىش تارىخى بار بىمارلارنىڭ ئۆزىدە قىزىش ياكى ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

«شەھەر ئاھالىلىرى قىزىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ دوختۇرخانىغا كەلگەندە، بىرىنچى بولۇپ ئامبولاتورىيە زالى، جىددىي داۋالاش زالىدا مەخسۇس ئادەم ئالدىن تەكشۈرۈپ، تارقىلىشچان كېسەللىك تارىخىنى سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسى ۋە بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن قىزىتما ئامبولاتورىيەسى ياكى ئادەتتىكى ئامبولاتورىيەگە يۆتكىلىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لېي ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر بىمارنىڭ ئۆزى ياكى ئائىلىسىدىكىلەر، دوستلىرى ۋۇخەن شەھىرى ۋە باشقا يۇقۇم رايونلىرىدا ساياھەت قىلىش، تۇرۇش، ئولتۇراقلىشىش تارىخى ياكى ئۇچرىشىش تارىخى بولمىسا، قىزىش سەۋەبى ئېنىق بولسا، ئۇنى ئادەتتىكى ئامبولاتورىيە ياكى ئاساسىي كېسەللىكلەر مەخسۇس بۆلۈمىگە ئاپىرىپ كۆرسىتىدۇ؛ تارقىلىشچان كېسەللىك تارىخى بولسا ياكى قىزىش كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولمىسا، قىزىتما ئامبولاتورىيەسى ئايرىش كېسەلخانىسىغا يۆتكەپ يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلىدۇ.

مۇخبىر قىزىتما ئامبولاتورىيەسىدە تەسىس قىلىنغان يېشىل يولدا مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن، ماسكا تاقىغان، كۆز ئاسراش ئەينىكى تاقىغان تېببىي خادىملارنىڭ كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن بىمارلارنى تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىشقا يېتەكلەۋاتقانلىقىنى، بىمارلارنىڭ تەرەپ ـ تەرەپكە قاترىمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى، بۇ يەردە قان ئېلىش، كۆكرەك رېنتىگىنى، ئۆپكە CT تەكشۈرۈشى قاتارلىق پۈتۈن يۈرۈشلۈك تەكشۈرۈشلەرنىڭ مەركەزلىك بولىدىغانلىقىنى، تېببىي خادىملار يەنە كېسەل كۆرسەتكەن بىمارلارنىڭ بىرىنچى بولۇپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆردى.

لېي ۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوللانمىسىغا ئاساسەن، تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوللانمىسىغا ئۇيغۇن كەلمىسە، دوختۇرلار يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى تۈگىتىپ نورمال داۋالىغاندىن كېيىن، بىمارلارغا ئائىلىدە ئايرىپ دەم ئېلىش تەكلىپىنى بېرىدىكەن؛ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوللانمىسىغا ئۇيغۇن بولسا، كۆزىتىش ئۆيىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن. ئارىلىقتا 24 سائەتتە ئۇدا ئىككى قېتىم يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىققان بولسا، ئاندىن مەھەللە بىلەن ئالاقىلىشىپ بىمارلارنى ئائىلىدە ئايرىشقا يېتەكلەيدىكەن. يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان بىمارلار CDCغا مەلۇم قىلىنىدىكەن ھەمدە بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىنىدىكەن.

«كۆزىتىپ ئايرىش مەزگىلىدە، بىزنىڭ مەخسۇس داۋالاش گۇرۇپپىمىز كۆزىتىلگۈچىلەرنى يېمەك-ئىچمەك، دورا ئېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى مەسىلىسىدىن ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق.» لېي ۋېينىڭ ئېيتىشىچە، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تۈركۈمگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، بىمارلار ئايرىپ داۋالاش رايونىدا نەتىجىنى كۈتۈشى كېرەككەن، دوختۇرخانا بۇ خىلدىكى بىمارلارغا تولۇق ئارقا سەپ كاپالىتى تەييارلىقى قىلغان.

لېي ۋېينىڭ مۇنۇلارنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى: ۋۇخەن شەھىرى ۋە باشقا يۇقۇم رايونلىرىدا ساياھەت قىلىش، ئولتۇراقلىشىش ياكى ئۇچرىشىش تارىخى بارلاردا قىزىش ئالامىتى كۆرۈلمىگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئائىلىدە ئايرىلىپ تۇرۇشى، قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ھامان ياكى تۆۋەن قىزىتما كۆرۈلگەن بولسا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش كېرەككەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى