تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىش يولىدا پارتىيە بايرىقى جەۋلان قىلدى

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغانلىقى توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، دوختۇر لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسى خادادۆڭ كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تېزگىنلەش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرماقتا. ئۇدا بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تېزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمەكتە.

(لى فېي فوتوسى)

يۇقۇم − بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەت. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى.

«مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن ئالدىدا ماڭىمەن»

1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سائەت 14تىن 20 مىنۇت ئۆتكەنلەردە، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، سىن سىستېمىسى ئارقىلىق ئۆتكۈر خاراكتېرلىك نەپەس يولى كېسەللىرى بىناسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان نەپەس يولى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى خۇڭ بىلەن سىنلىق ئالاقىلەشتى.

داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا تاقىۋالغان، چوڭ ئېكران ئايرىپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن مۇخبىر يەنىلا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چارچىغانلىقىنى كۆردى. 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇندىن باشلاپ، لى خۇڭ بىلەن 134 خىزمەتدىشى كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ خىزمەت قىلىشقا كىرىشىپ كەتكەنىدى.

«يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جېڭى پارتىيەلىك كادىرلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق قاتتىق سىناق، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك» دېدى لى خۇڭ.

«يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىۋاتقانلار يالغۇز تېببىي خادىملارلا ئەمەس.

تۆمۈريولنىڭ شىنجاڭغا كىرىدىغان يولىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپى − ليۇيۈەن ۋوگزالىدا، قومۇل شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتىدىكى ئالاھىدە ساقچىلار تېببىي خادىملار بىلەن تەكشۈرۈش - تىزگىنلەش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، شىنجاڭغا كىرگەن يولۇچىلار پويىزىدىكى يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانىدى.

دەي ياڭ دەل ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئالاھىدە ساقچى. 23 كۈننىڭ ئالدىدا، ئۇ تۇنجى قېتىم دادا بولۇشنىڭ خۇشاللىقىنى تېتىغانىدى. «بالام 22 كۈن بۇرۇن تۇغۇلۇپ قالدى، ئىككىلىمىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ھېچقانداق ياردەم بېرەلمەيتتى، ئەسلىدە داۋاملىق رۇخسەت سورىماقچى بولغانىدىم» دېدى دەي ياڭ. لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە سېلىشتۇرۇپ، ئۇ كېيىنكىسىنى تاللىدى. «مەن بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، شۇنداقلا تارماق ئەترەت ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، سەپداشلىرىمنىڭ ھەممىسى بىرىنچى سەپتە تۇرسا، مەن چېكىنسەم قانداق بولىدۇ؟» 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، دەي ياڭ دەم ئېلىش ۋاقتى توشقان ھامان، دەرھال ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، «يۇقۇم»غا قارشى جەڭگە قاتناشتى. «يۇقۇم ئالدىدا، مەن جەزمەن كىچىك ئائىلەمدىن ۋاز كېچىپ، چوڭ ئائىلىنى قوغدىشىم كېرەك، <شەرقىي چوڭ دەرۋازا>نى قوغداش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز» دېدى دەي ياڭ.

1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىن خۇبېيغا تۇنجى تۈركۈمدە ماڭىدىغان داۋالاش ئەترىتىنى توشۇشنى ئىجرا قىلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، شۇ كۈنى نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان شىركەت ئۇچۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى خۇ شىيۇڭ بىرىنچى بولۇپ ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇردى: «مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن ئالدى بىلەن بارىمەن!»

خۇ شىيۇڭ شىركەتنىڭ ئۇچۇش يېتەكچىسى، كەسىپتىكى غوللۇق خادىمى ئىدى. بۇنداق پەۋقۇلئاددە چوڭ كاپالەت ۋەزىپىسى ئالدىدا، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا مېڭىپ: «مېنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ياخشى ھەيدەپ، شىنجاڭدىن خۇبېيغا بارىدىغان داۋالاش ئەترىتىنى ۋۇخەنگە بىخەتەر يەتكۈزۈشكە ئىشەنچىم بار» دېدى.

14 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە يېڭىسار ناھىيەسى قاتناش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى چى سۇۋېي ئوخشاشلا ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشتى. چى سۇۋېي ئۆيىدە چاغان ئۆتكۈزۈپ باقمىغىنىغا قانچە يىل بولغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيتتى. بۇ يىل، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى تۆت ياشقا كىرگەن قىزىنى ئېلىپ يۇرتى جياڭسۇدىن يېڭىسار ناھىيەسىگە كېلىپ ئۇلار بىلەن جەم بولۇپ چاغاننى بىللە ئۆتكۈزمەكچى بولدى. «يۇقۇم ئالدىدا، بىر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن جەزمەن ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك» دېدى چى سۇۋېي. ھەر قېتىم بالىسى بىلەن سىنلىق سۆزلەشكەندە، بالىسى يىغلامسىراپ ئۇنىڭدىن قاچان ئۆيگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇنىڭ ئىچى ئاغرىپ، قايتا - قايتا: «يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، مەن قايتىپ بېرىپ سىزگە ھەمراھ بولىمەن» دەپ ۋەدە بېرەتتى.

«ئاممىنىڭ بەختى ۋە ساغلاملىقىنى ياخشى قوغدايمەن»

1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، جيا شياۋيەننىڭ يان تېلېفونى كۆپ قېتىم سايراپ كەتتى، ئۇ قىزىدىن تېلېفون كەلگەنلىكىنى بىلەتتى. قىزى ئۇنى سېغىنغانىدى. جيا شياۋيەن ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى دۇڭمېن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى جەنۇبىي جيەنگو يولى شىمالىي مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ، ئېرى ياڭ شۈدۇڭ دۇڭمېن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى دۇڭخوۋ جەنۇبىي كوچىسى مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئىدى. جيا شياۋيەن قىزىنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ ئالالمىسا، جەزمەن دادىسىغا تېلېفون قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. لېكىن مۇشۇ پەيتتە ئۇلار ئىككىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى: تەۋەلىك رايونىدىكى خادىملارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتى، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش خىزمىتى، ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرغان خادىملارنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى، تاشلاندۇق ماسكىلارنى بىر تەرەپ قىلىش...

چاغاننىڭ ئالدىدا، ئەر - خوتۇن ئىككىسى بەلگىلىمە بويىچە دەم ئېلىشقا رۇخسەت سوراپ، قىزىنى ئېلىپ ساياھەتكە چىقىشقا تەييارلىق قىلغانىدى. لېكىن يۇقۇم ئالدىدا، ئىككىيلەن بىرىنچى ۋاقىتتا دەم ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلدى. «مەن كومپارتىيە ئەزاسى، مېنىڭ زىممەمگە بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن، مۇشۇ ۋاقىتتا مەن ئالدىدا ماڭمىسام، كىم ئالدىدا ماڭىدۇ؟ مەن ئاممىنىڭ بەختى ۋە ساغلاملىقىنى ياخشى قوغداپ، تەۋەلىك رايونىدىكى ئاھالىلەر بىلەن بىللە جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتىمەن>> دېدى جيا شياۋيەن.

«بىر قېتىملىق ۋاقىتلىق نۆۋەتچى پويىز چۈشتە ۋوگزالغا يېتىپ كېلىدۇ، 60 كىشىلىك چۈشلۈك تاماق تەييارلاڭلار.» 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئەمدىلا بىر قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ تامىقىنى پويىزغا يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇرۇشى بىلەن، يەنە بىرەيلەن جاڭ چۇڭگاڭنى تۇتۇۋېلىپ ۋاقىتلىق كۆپەيتىلگەن چۈشلۈك تاماق سانىنى تاپشۇردى.

جاڭ چۇڭگاڭ جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كورلا فاڭچەن گوڭيۈ بۆلىكى خوتەن فاڭجيەن گوڭيۈ سېخى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ، ئۇ تۇرۇشلۇق فاڭجيەن گوڭيۈ سېخى خوتەن ۋوگزالىنىڭ نۆۋەتچى پويىز تامىقى ھەم ۋوگزال رايونىنىڭ خىزمەت تامىقىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 640 نەچچە كىشىلىك تاماق تەييارلايتتى.

43 ياشلىق جاڭ چۇڭگاڭنىڭ خوتۇنى بىلەن جەم بولىدىغان ۋاقتى ئاز، ئايرىلىپ تۇرىدىغان ۋاقتى كۆپ ئىدى، بۇ يىل چاغاندا ئەسلىدە ئۆيىدىكىلەر بىلەن جەم بولىدىغان پۇرسەت كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن تاكى بۈگۈنگىچە، ئۇ خىزمەت ئورنىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. كۈندۈزى ۋاقىت بولمىغاچقا، پەقەت كېچىدىلا ۋاقىت چىقىرىپ خوتۇنىغا تېلېفون قىلالايتتى. «بۇ ئالاھىدە پەيتتە، پارتىيە ياچېيىكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، تۆمۈريولنىڭ يۈرۈشۈشىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈشۈم كېرەك» دېدى ئۇ.

1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى شەھەر رايونى 3 - توك بىلەن تەمىنلەش مەركىزىنىڭ دىرېكتورى خۇاڭ چىڭ ئىشقا چۇشۇپلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. تەۋەلىك رايونىدىكى ئالتە جىددىي رېمونت قىلىش نۇقتىسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە ھاۋا رايى مەلۇماتىدا بوراندىن بېرىلگەن ئالدىن سىگنالغا ئاساسەن، جىددىي رېمونت قىلىش ماددىي ئەشيالىرى ۋە خادىملارنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىككىنچى كۈنى ئۈستىگە ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان جىددىي رېمونت قىلىش ۋەزىپىسىگە ئاتلىنىشقا تەييارلىق قىلدى.

بىر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇاڭ چىڭ 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۇدا ئىشلىدى. «بىزنىڭ تەۋەلىك رايونىدا ئاھالىلەر توك ئىشلىتىشتىن باشقا، يەنە دوختۇرخانا ۋە تېببىي دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ئورۇنلار بار، ئۇلارنىڭ بىخەتەر توك ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىزنىڭ ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيىتىمىز» دېدى خۇاڭ چىڭ.

«ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇم رايونىغا ياردەم قىلىش.» يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ يىندولەن ۋېيياۋ پاي چەكلىك شىركىتى جىددىي يىغىن ئېچىپ، ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش دورىسى مۇرەككەپ رېتسېپلىق يېزىخو ئەمىنى جەۋھىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى قارار قىلدى. شىركەت چەككىلەش سېخىنىڭ مۇدىرى، كومپارتىيە ئەزاسى خې ۋېيبىڭ چاغان مەزگىلىدە بىر كۈنمۇ دەم ئالمىدى، ھەر كۈنى 12 سائەت سېختا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، تېببىي دورىلارنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى. «شىركەت رەھبەرلىرى ئامبارنىڭ قۇرۇقدىلىپ كېتىشىگە قارىماي، تېببىي دورىلارنى بىرىنچى ۋاقىتتا ۋۇخەن ۋە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا، ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خىل مۇھەببەت بىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، بىز مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى تېببىي دورا ئىشلەپچىقىرىشقا سىڭدۈرىمىز» دېدى خې ۋېيبىڭ.

«سىناقتا ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن»

«ئاساسىي قاتلام باج ئورگانلىرى كەڭ باج تاپشۇرغۇچىلار بىلەن باردى - كەلدى قىلىدۇ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتى بار» دېدى دۆلەت باج باش ئىدارىسى پىچان ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى لى ۋېي.

ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، پىچان ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى توردا باج بېجىرىش ئۇسۇلىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنى باج تاپشۇرۇش مۇلازىمەت زالىغا بارمايلا توردا ئۆزلۈكىدىن كەسىپ بېجىرىشكە يېتەكلىدى. «1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەن ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسىدە ئىككى تۈرلۈك كەسىپنى بېجىردىم، ھەم توردا باج تاپشۇرغۇچىلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، باج تاپشۇرۇش مەسىلىسىگە جاۋاب بەردىم.» لى ۋېي مۇنداق دېدى: بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە باج تاپشۇرغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە، سىناقتا ئۈزلۈكسىز ھالدا ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن.

1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئەتىگەندە، چاچلىرى ئاقارغان بىر بوۋاي بىلەن موماي پەرزەنتلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، بۇرچىن ناھىيەلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىغا كەلدى. «كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار!» بوۋاي ئىشىكتىن كىرىپلا نەق مەيداندىكى خىزمەتچىلەرگە چوڭقۇر تەزىم قىلدى.

«بىز بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە پۇل ئىئانە قىلماقچى.» بۇ سۆزنى قىلغىنى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قوستىق بازىرى سارقۇم كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئابلاقى ئۆتەش بولۇپ، بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ خوتۇنى بىلەن 100 مىڭ يۈەنلىك ئامانەت چېكىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن كېپىڭنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. «كۆپچىلىك ياققان ئوت كۆككە تۇتىشار، ئىتتىپاقلىق كۈچ! بىز بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشساقلا، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق» دېدى ئابلاقى ھاياجانلانغان ھالدا.

ئابلاقىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۆزلۈكىدىن «مەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە كۈچ چىقىرىمەن» مېھىر - شەپقەت ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى تەشكىللىدى، نۆۋەتتە ئىئانە قىلىنغان پۇل، ماددىي بۇيۇملارنىڭ قىممىتى 1 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

«بۇ ئاچقۇچلۇق پەيتتە، مەن ئەڭ ماس كېلىدىغان نامزات، چۈنكى مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، پارتىيە ئەزالىرى قىيىنچىلىق ئەڭ كۆپ جايلارغا بېرىپ، ئامما ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، بەلگە خادىسىنى تىكلىشى كېرەك!» كەنتتە پارتىيە ئەزالىرى ياردەم بېرىش ئەترىتى تەشكىللەيدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندا، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام بازىرى بورىچى كەنتىدىكى دېھقان پارتىيە ئەزاسى سۈن جىڭشەن دەرھال ئاۋاز قوشۇپ، نۆۋەتچىلىك نۇقتىسىغا بېرىپ چازىدا ئۇدا نەچچە كۈن جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان كەنت كادىرىنىڭ ئورنىغا ئالمىشىشنى ئىلتىماس قىلدى.

يۇقۇم ئەھۋالى بار جايدا پارتىيە بايرىقى جەۋلان قىلىدۇ، پارتىيە بايرىقى بار جايدا مەنىۋى يېتەكلەش بولىدۇ، مۇھەببەتنىڭ يۆنىلىشى بولىدۇ!

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، فۇ شياڭلۇڭ، رايىدە، ما يىنىڭ، خەن چىنيەن، يۈەن لېي، لۇ فېڭباۋ، چېن چياڭۋېي، شى شىن، مېھرىگۈل ناسىر، جاڭ تىڭ، جەزىرە نېسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى ۋېنلۇڭ، جى جىمىڭ، جياڭ يېجۈن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى