تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆزگىچە دەم ئېلىش، ئۆزگىچە ھېسسىيات

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

«بىر قېتىم يىغىلىش ئاز بولسا، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش پۇرسىتى بىر قېتىم ئاز بولىدۇ»، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ئۆيدىن چىقماسلىق − تۆھپە قوشقانلىق». يۇقۇمنىڭ يامراش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما ئاڭلىق ھالدا ئۆيىدە «ئولتۇرۇپ» ئاتا - ئانىسى ۋە بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇپ، ئائىلە شادلىقىدىن بەھرىمەن بولدى؛ ياكى ئۆيىدە ئۆگىنىپ ئېنېرگىيە تولۇقلاپ، ئۆز ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى...

ئىللىق چاغلاردىن خۇشال بەھرىمەن بولۇش

ئائىلىسىدىكىلەرگە تاماق ئېتىپ بېرىش، ئاتا - ئانىلىرى بىلەن مۇڭدىشىش، بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش... ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) يىنچۈەن يولى كوچىسى جىنيۈەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى جاۋ خەيشيانىڭ بۇ يىللىق چاغىنى ناھايىتى مەنىلىك ئۆتتى.

گەرچە ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە تۇرىدىغان بولسىمۇ، لېكىن جاۋ خەيشيا ئادەتتە ھەمىشە ئەتىگەندىن كەچكىچە خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولاتتى، پەقەت كەچتىلا ئاتا - ئانىسىنى كۆرەلەيتتى. ئىدارىدىكى چاغدا دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەچكە، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، ئاتا - ئانىسى ھەمىشە دېگۈدەك ئۇخلاپ بولاتتى. «چاغان مەزگىلىدە ھەر كۈنى ئاتا - ئانام بىلەن بىللە بولۇپ، ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ كۆپ ھېس قىلدىم» دېدى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى جاۋ خەيشيا مۇخبىرغا.

ئىلگىرى ھەر يىلى چاغان ئۆتكۈزگەندە ئاتا - ئانىسى دوست - بۇرادەرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئۆيدە يىغىلىش قىلاتتى. بۇ قېتىم، جاۋ خەيشيا ئاتا - ئانىسى بىلەن قايتا - قايتا سىردىشىپ، ئۇلارغا يۇقۇم ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردى، يەنە كومپيۇتېردا يۇقۇم توغرىسىدىكى تور بېكىتى، تور بېتىنى يىغىپ ساقلاپ، ئاتا - ئانىسىنى يىغىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قايىل قىلدى. ھازىر، ئاتا - ئانىسى سەھەر تۇرۇپلا كومپيۇتېردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار ۋە بىلىملەرنى كۆرىدىغان بولدى، يەنە تېخى جاۋ خەيشياغا ئۆگىتىدىغان بولدى. ھازىر، بىر ئائىلە كىشىلىرى دائىم بىللە خەۋەر كۆرۈپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، ئادەتتە پاراڭ قىلىشنى ئانچە ياقتۇرمايدىغان ئاپىسىمۇ گەپكە قوشۇلىدىغان بولدى. جاۋ خەيشيا ھەر كۈنى تالىشىپ يۈرۈپ ئاتا - ئانىسىغا ھەر خىل مەززىلىك تاماقلارنى ئېتىپ بېرىدىغان بولدى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىللە تاماق يېيىشى ئەڭ ئىللىق چاغقا ئايلاندى.

دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئېنېرگىيە تولۇقلاش بىلەن ئالدىراش بولۇش

«ئېگىز تاغلارغا باق، داغدام يولدا ماڭ. ئۆگىنىش يولىدا <خۇشاللىقتىن غەم - قايغۇنى ئۇنتۇش>نى ئۈمىد قىلىمەن!» 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، غۇلجا ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق گو لىن دوستلار چەمبىرىكىدە يۇقىرىقى يازما ئۇچۇرنى ئېلان قىلدى.

يۇقۇم سەۋەبىدىن، بۇ قېتىمقى چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتى ئۇزارتىلدى، كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆيدىن چىقماي يۇقۇمغا قارشى تۇردى. دەسلىپىدە، گو لىن كۆڭلىدە سەل ساراسىمىگە چۈشۈپ، ھەر كۈنى تور ۋە تېلېۋىزوردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تۈرلۈك خەۋەرلەرگە دىققەت قىلدى، بىراق ئۇ ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنى تەڭشىۋالدى.

«ئويلىماپتىكەنمەن، كۆپچىلىكنىڭ ئۆيدىن چىقماي يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇشىنى قوللاش ئۈچۈن، بەزى تور سۇپىلىرى ئادەتتە ھەق ئېلىنىدىغان كىنو - تېلېۋىزىيە بايلىقلىرى بىلەن ئاممىنى ھەقسىز تەمىنلىدى. مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر كىتاب ئوقۇش Appسىدا ئەسلىدە 200 يۈەنگە يېقىن ھەق تۆلەيدىغان مەزمۇننى ھازىر ھەقسىز ئاڭلىغىلى بولىدىكەن. مەن ھېلىلا <چيەن مۇنىڭ بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى: كۇڭزىنىڭ تەرجىمىھالى>نى ئاڭلاپ، ناھايىتى مەنپەئەتلەنگەندەك ھېس قىلدىم» دېدى گو لىن.

«ياخشى كىتاب كىشىگە كۈچ ۋە ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ. بۇ قېتىمقى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەن بۇرۇن سېتىۋالغان، لېكىن كۆرۈشكە ئۈلگۈرەلمىگەن بىر نەچچە كىتابنى بىر قېتىمدىن ياخشى كۆرۈپ چىقىپ، ئېنېرگىيە تولۇقلىدىم.» ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى گو جىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل چاغاندا ئۆيدە «ئولتۇرۇپ» خاتىرجەم كىتاب كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

«يۇقۇم يۈزبەرگەن ئەھۋالدا، بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز سىرتقا ئاز چىقىش، ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمەسلىك.» گو جىڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ يىل ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، تېلېفون قىلىش ياكى ئۈندىداردا سىن يوللاش ئارقىلىق چاغاننى مۇبارەكلەپ كۆڭلىنى ئىزھار قىپتۇ. گەرچە سىرتقا چىقمىغىلى بىر نەچچە كۈن بولغان بولسىمۇ، لېكىن گو جىڭ ئۆيدە «ئولتۇرغان» ۋاقىتلىرىدىن بەك ھۇزۇرلانغان. كىتاب كۆرگەندىن باشقا، ئۇ يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، ئاشخانىدا تاماق ئېتىپ، ئادەتتە جاپا چېكىدىغان چوڭلارنىمۇ ئارام ئالدۇرغان.

مەدەنىيەت چاغىنى ئۆتكۈزۈش

بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، دىڭ شياۋنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە بالىلارنىڭ خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى چىقىرىپ، نۇرغۇن دوستىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

«چاغان مەزگىلىدە، مەن يەنە بالىلارغا بالىلار ھېكايىسى نۇسخىسىدىكى <غەربكە ساياھەت>نى قويۇپ بەردىم. ھېكايىنى بىر نەچچە قېتىم ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىز بالىلار بىلەن بىللە <غەربكە ساياھەت>تىكى روللارنى ئېلىپ، ھەم بالىلارنىڭ ھېكايىدىكى ۋەقەلىكلەرگە بولغان چۈشىنىش خاتىرىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، ھەممىمىز يەنە ھەرىكەت قىلىپ پۇت - قوللىرىمىزنى ئارام ئالدۇردۇق. گەرچە سىرتقا چىقالمىساقمۇ، ئۆيدە ئوخشاشلا ئۆگىنىپ، ئاتا - ئانا ۋە بالىلىق مۇناسىۋەتنى كۈچەيتكىلى بولىدىكەن» دېدى دىڭ شياۋنىڭ.

«90 - يىللاردا تۇغۇلغان» چېن يىخەن بىر مەدەنىيەت تاراتقۇ شىركىتىدە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە ھۆججەتلىك فىلىم كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىكەن، چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇ «كۆك رەڭلىك پىلانېت» «سەنئەتنىڭ كۈچى» «مەن گۇگۇڭ سارىيىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىمەن» قاتارلىق نۇرغۇن ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈپتۇ. «بۇ ھۆججەتلىك فىلىملەرنى كۆرۈش ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر خىل ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ماتېرىياللىرىنى توپلاش. شۇنداقلا مېنىڭ ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا كۆپ قېتىم <يەر شارى ساياھىتى>نى تاماملىغانلىقىمغا باراۋەر بولدى!»

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، لى لى، جيا چۇنشيا يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى