تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە ئەزالىق بەدەل پۇلىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە جىددىي ئاجراتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش 1-سېپىدىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقى، مېھىر-مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا ۋاكالىتەن باشقۇرۇۋاتقان پارتىيە ئەزالىق بەدەل پۇلىدىن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭغا مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئاجراتقان پارتىيە ئەزالىق بەدەل پۇلىنى قوشقاندا جەمئىي 4 مىليون 700 مىڭ يۈەن بولغان بولۇپ، بۇ پۇل 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ئىشلىتىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ كومپارتىيە ئەزالىرىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نەمۇنىلىك رولى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خېيىم-خەتەردىن قورقماي، باتۇرلارچە كۈرەش قىلىشنى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ 1-سېپىدە جەۋلان قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ