تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالايدىغان بەلگىلەنگەن ئۈچ دوختۇرخانا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئىشلەش ھوقۇقىغا ئېرىشتى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مېي خەۋىرى): 1- ئاينىڭ 31- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋالاش كاپالىتى تارمىقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى بويىچە بەلگىلەنگەن ئۈچ داۋالاش ئاپپاراتىغا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئىشلەش ئۈسكۈنىسى ۋە 1000 پارچە ۋاقىتلىق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى سەپلەپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارتا ئىشلەش ھوقۇق دائىرىسىنى تەقسىملەپ، تور مۇھىتىنى تەڭشەپ راۋانلاشتۇرغان.

بەلگىلەنگەن بۇ ئۈچ داۋالاش ئاپپاراتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا، ئاپتونوم رايونلۇق 6- خەلق دوختۇرخانىسى بولۇپ، ھازىر بۇ ئۈچ دوختۇرخانىدا ۋاقىتلىق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى بىۋاسىتە بېجىرگىلى بولىدۇ، ئاغرىقلارنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق راسچوت قىلىشىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى يەنە دوختۇرخانا قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تېز ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، داۋالاش ھەققىنى توردا مەلۇم قىلىش يېشىل يولىنى ئېچىپ، ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى تېز تەكشۈرۈپ، تېز راسچوت قىلدى. ۋىراچ، ئۈسكۈنىلەرنى ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق باشقۇرۇش چەكلىمىسىنى ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قۇتقۇزۇپ داۋالايدىغان ئاغرىقلارغا قارىتا باشقا جايدا ئەنگە ئالدۇرۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئىقتىدارىنى قوزغىتىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بىكار قىلىپ، تېلېفون ئارقىلىق ئەنگە ئالدۇرۇپ باشقۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تۈرلۈك راسچوت كەسىپلىرىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالەت ئىدارىسى 24 سائەتلىك داۋالاش كاپالىتى بويىچە ئەنگە ئېلىش، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. 24 سائەتلىك ئەنگە ئالدۇرۇش تېلېفونى 18997928870، مەسلىھەت سوراش تېلېفونى 4680625-0991، 4680662-0991، 4658542-0991، مەخسۇس ئادەم نۆۋەتچىلىك قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارغا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى