تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭلىق يىگىتلەر ۋۇخەندە 1.86 توننا مېھىر-شەپقەت يېمەكلىكى يەتكۈزدى

    زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلار تەمىنلىگەن سۈرەت

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چىن جىنلى): «كېيىنكى تۈركۈمدىكى داۋالاش، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى ئەڭ ئاستا بولغاندىمۇ مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى يېتىپ كېلىدۇ، بىز داۋاملىق ھەر قايسى داشۆ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزىمىز.» 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، ۋۇخەندە تۇرۇۋاتقان شىنجاڭلىق يىگىت ئېلشات ئابدۇسالام تېلېفوندا شۇنداق دېدى.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۇ خىزمەتداشلىرى رەپقەت ئابلىز، قەندىيار جاپپار بىلەن ۋۇخەن كوچىلىرىدا ئالدىراش يۈرۈپ، يەشىك-يەشىك يېمەكلىك، ماسكا قاتارلىق زۆرۈر بۇيۇملارنى بىر ئالىي مەكتەپكە يەتكۈزۈپ، مەكتەپتە قالغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا غەمخورلۇق ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

  ئۈچ يىگىت ۋۇخەندىكى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يېمەكلىكلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر شىركەتتە ئىشلەيدۇ، بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى شۆھرەت رۇسۇلنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئۇلار 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە 1.86 توننا يېمەكلىكنى 18 ئالىي مەكتەپكە يەتكۈزۈپ بەردى. خۇبېي سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇلارنىڭ ئىئانە قىلغان ئىش ئىزلىرىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، ۋۇخەن ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى تور ئەھلىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

  28 ياشلىق شۆھرەت 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋۇخەندىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن ھازىرغىچە ئۆيدە ئىزچىل تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن ئۇ باشتىن-ئاخىر ۋۇخەنگە كۆڭۈل بۆلدى. «مەن ھەر كۈنى ۋۇخەنگە ئالاقىدار تۈرلۈك ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىپ تۇردۇم ھەم مەنمۇ ۋۇخەن ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشىم كېرەك، دەپ ئويلىدىم.» شۆھرەت مۇنداق دېدى: «بىر كۈنى توردا ۋۇخەندىكى بىر تورداشنىڭ ۋۇخەندىكى يەرلىك پىدائىيلارنىڭ  مەكتەپ ياتىقىدا يالغۇز قالغان ئۆزىگە دىققەت قىلىپ قويۇشىنى يازغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن شىركەتنىڭ ئىسكىلاتىدىكى ماتاڭ، پىشلاق، بالقاق، قۇرۇق ئۈزۈم، نېپىز پوستلۇق ياڭاق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ھەر قايسى مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدىم». 1-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 18 ئەتراپىدا، شۆھرەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلشات قاتارلىقلار يولغا چىقتى.

  سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن ئۇلار قوغدىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى ھەمدە نەچچە ئون ماسكا ۋە كۆز ئاسراش ئەينىكى ئېلىۋالدى، يول بويى ئۆزىنىڭ مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرغاندىن باشقا، يەنە ئېھتىياجلىق شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بەرمەكچى بولدى.

    «ئۇ كۈنى كەچتە ۋۇخەننىڭ كوچىلىرى قۇپقۇرۇق ئىدى، بىزنىڭ بۇنداق ئۇسۇل بىلەن بۇ شەھەرنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشىمىزنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.» ئۇ كۈنى ئۇلار رەھمەت سۆزلىرىنى قانچە قېتىم ئاڭلىغانلىقىنى ئېسىگە ئالالمىدى.

  جۇڭنەن مىللەتلەر داشۆسى، جۇڭنەن مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى، جۇڭگو گىيولوگىيە داشۆسى، ۋۇخەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى... تۇنجى كۈنىلا ئۇلار سەككىز مەكتەپكە يەتكۈزۈپ بەردى.

    «بىزنىڭ ۋۇخەنگە كەلگىنىمىزگە ئۇزۇن بولمىدى، ئەمما بۇ شەھەرگە بولغان مۇھەببىتىمىز ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ۋۇخەن قىزغىنلىققا تولغان جاي بولۇپ، ئۈرۈمچىگە ئوخشايدۇ!» دېدى ئېلشات، ئۇلارنىڭ يان تېلېفونلىرىغا توختىماي قىسقا ئۇچۇر كەلدى، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ياردەمگە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ رەھمەت ئۇچۇرى ئىدى.

  ئۇلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى شەھەر ئاھالىلىرىگە ياردەم بەردى. ئۇلار يېمەكلىكلەرنى ئىشىك ئالدىغىچە ئاپىرىپ بەردى ھەمدە ماسكا ۋە كۆز ئاسراش ئەينىكى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى.

    1-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 4دە، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ شىركەتكە قايتىپ كەلگەندە، بىر نەچچە يىگىت ھېرىپ كەتكەنىدى، ئۇلار كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىغىنىچە بىر-بىرىگە قارىشىپ كۈلدى. «خۇبېيدىن شىنجاڭغا ياردەمگە بارغان شۇنچە كۆپ كادىرلارنىڭ يۇرتىمىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشىلىرىغا نىسبەتەن، بىزنىڭ بۇ قىلغانلىرىمىز ھېچنىمە ئەمەس» دېدى رەپقەت.

  بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا. بۇ قېتىم يەتكۈزۈلىدىغىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان 50 مىڭ ماسكا، 10 مىڭ  N95 ماسكىسى، 20 مىڭ مۇداپىئە كىيىمى، 5000 دانە ئېلېكتىرونلۇق تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ ئىدى.

  شۆھرەتنىڭ تۈرتكىسىدە ۋۇخەندە قالغان شىنجاڭلىق كارخانىچىلار، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلار بەس-بەستە پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى. «شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋۇخەندە ئىگىلىك تىكلەشتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتىم، ۋۇخەندىكىلەر بىزنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرىدۇ، مەن ۋۇخەن ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشۇشنى خالايمەن. پەقەت ۋۇخەن خەلقى ئېھتىياجلىق بولسىلا، مەن داۋاملىق مېھىر-مۇھەببىتىمنى يەتكۈزىمەن» دېدى شۆھرەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى