تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سانجىدىكى 79 ياشلىق پېشقەدەم دوختۇر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلدى

خې فۇدۇڭ (سولدىن 1-كىشى) خىزمەتداشلىرى بىلەن خىزمەتتە. سۈرەتنى سانجى ئوبلاستلىق جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى تەمىنلىگەن.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سۇن يۈەنيۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ ۋېي خەۋىرى): «دوختۇرخانا رەھبەرلىرى يېشىمنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقىدىن ئەنسىرىمىسۇن، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئىپادىلىنىشى كېرەك، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمىزنى مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئەمەلدە كۆرسىتىمىز، مەن تەييارلىنىپ بولدۇم، پەقەت ئاغرىقلار بولسىلا مەن چوقۇم چاقىرغان ھامان بارىمەن، تەشكىل خاتىرجەم بولسۇن.» 1- ئاينىڭ 26- كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 79 ياشلىق پېشقەدەم جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرى خې فۇدۇڭ سانجى ئوبلاستلىق جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىغا «جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى» تاپشۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە قوشۇلۇشنى پائال تەلەپ قىلدى.

1- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر خې فۇدۇڭ بىلەن ئالاقىلەشتى، تېلېفوندا ئۇنىڭ سۆزلىرى ناھايىتى مەردانە بولۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە قوشۇلۇشنى ئىلتىماس قىلىش ھەققىدە گەپ بولغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن: «پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەڭگۈ پېنسىيەگە چىقمايمەن» دېدى.

بۇ يىل 79 ياشقا كىرگەن خې فۇدۇڭ 50 نەچچە يىل جۇڭيىچە داۋالاش بىلەنشۇغۇللانغان، ئۇ سانجى ئوبلاستلىق جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ قايتا تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسى بولۇپ، 1979-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 2012-يىلى، خې فۇدۇڭ دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە 5- تۈركۈم، 6-تۈركۈمدىكى داڭلىق پېشقەدەم جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرلىرىنىڭ ئىلمىي تەجرىبىسىگە ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتى بويىچە يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ بېكىتىلگەن. 2013- يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇ باشچىلىق قىلغان ئىشخانا سانجى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئوبلاست بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى يۇقىرى قاتلام ئىختىساس ئىگىلىرى ئىشخانىسى» بولۇپ بېكىتىلگەن، شۇ يىلى يەنە دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن «3- تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە داڭلىق پېشقەدەم جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى مۇتەخەسسىسلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىشخانىسى» بولۇپ بېكىتىلىپ، ئۇ سانجى ئوبلاستى بويىچە تۇنجى بولۇپ مەزكۇر شەرەپكە ئېرىشكەن داڭلىق جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرى بولۇپ قالغان.

ئىلتىماس يېزىش ھەققىدە گەپ بولغاندا، خې فۇدۇڭ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن مەن بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، ئاندىن مەن بىر كىلىنىكىلىق تەجرىبىسى مول دوختۇر، مېنىڭچە مەنمۇ چوقۇم بەزى ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك».

گەرچە خې فۇدۇڭ كۆڭلىدە ھەممە ئىشلارنى دىتلاپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەنسىرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە تېخى بۇ ئىشنى ئېيتمىغانىدى. 1- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئۇ ئۆزى يالغۇز جىممىدە كىتاب ئوقۇش ئۆيىگە كىرىپ، ئاۋۋال ئىلتىماسنى بىر خەت-بىر خەتتىن خاتىرە دەپتىرىگە يازدى، قايتا-قايتا ئويلىشىپ تۈزەتكەندىن كېيىن، بۇنى بىر ماقالە قەغىزىگە رەتلىك قىلىپ كۆچۈرۈپ يازدى ھەمدە ئاستىدىكى ئىمزا قويىدىغان يەرگە ئەستايىدىلللىق بىلەن: «پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچى خې فۇدۇڭ» دەپ يازدى.

خې فۇدۇڭنىڭ ئىلتىماسى. سۈرەتنى سانجى ئوبلاستلىق جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى تەمىنلىگەن.

1- ئاينىڭ 26- كۈنى سەھەردە، خې فۇدۇڭ ناھايىتى جىددىي كەيپىياتتا، ئىلگىرىكى ئىشىكتىن چىقىپلا ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىدىغان ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، تاكسىغا ئولتۇرۇپ سانجى ئوبلاستلىق جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسىغا كەلدى ھەمدە قولىدا تۇتۇۋالغان ئىلتىماسىنى دوختۇرخانا پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېڭ جياڭغا تاپشۇردى.

«ئاتام يازغان ئىلتىماسنى مەن خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىن كۆردۈم، شۇ چاغدا كەيپىياتىم ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىدى.» خې فۇدۇڭنىڭ شۇ دوختۇرخانىدا خىزمەت قىلىدىغان قىزى خې جو، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاتىسىنىڭ بۇ ئويىنى تىلغا ئېلىپ باقمىغانلىقىنى، ئەمما ئاتىسىنىڭ بۇنداق قارارنى چىقارغانلىقىدىن ھەيران قالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

خې جونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2003- يىلى سارس كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە ئاتىسى سارس كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى تەشۋىقات قوللانمىسىنى مەخسۇس تەھرىرلىگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ تەجرىبىسى مول ئىكەن، بۇ قېتىم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندا، ئۇنىڭ ئۆز كۈچىنى ئاتىشى مۇقەررەر ئىكەن.

«بۈگۈنكى كۈندە، كىمنىڭ ئاتامغا ھەمراھ بولۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە قوشۇلۇش ئائىلىمىزدىكىلەر كۆرۈشكەندە چوقۇم مۇزاكىرە قىلىدىغان تېمىغا ئايلاندى» دېدى خې جو، ئاتىسىنىڭ تولىمۇ كەسكىن پوزىتسىيەسىنى كۆرۈپ، ئۇلار توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئاتىسىنىڭ ئۇزۇن يىل دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغاندىن بۇيانقى ئارزۇسى ئىكەن، «ناۋادا بېرىش توغرا كەلسە، مەن چوقۇم ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن» دېدى خې جو.

«بوۋاي دائىم ئۆزىنىڭ بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، دوختۇر ئىكەنلىكىنى، كېسەل داۋالاپ، ئادەم قۇتقۇزۇشنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتاتتى» خې فۇدۇڭنىڭ ئايالى ۋۇ فېيچىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرغان شۇنچە يىللاردا، ئۇ بىمارلارنى مەڭگۈ بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن، يۇقۇم ئەھۋالى شۇنچە كەسكىن پەيتتە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى بولغان ۋۇ فېيچىڭ ئۇنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى شەرتسىز قوللايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى بالدۇرراق قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلدى.

خې فۇدۇڭ سانجى ئوبلاستلىق جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېڭ جياڭغا ئىلتىماسىنى تاپشۇردى. سۈرەتنى سانجى ئوبلاستلىق جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى تەمىنلىگەن.
  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى