تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«مەن ھەم دوختۇر، ھەم پارتىيە ئەزاسى، ئېھتىياجلىق بولسا دەرھال ئىش ئورنۇمغا قايتىمەن»

  غۇلجىدىكى 56 ياشلىق پېنسىيەگە چىققان دوختۇر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ 1-سېپىگە ياردەم بېرىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: (مۇخبىر ليۇ شىنساۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر گو جۈن خەۋىرى، فوتوسى) 17 يىل ئىلگىرى سارسقا تاقابىل تۇرغاندا، چاڭ يەنلىڭ دوختۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن 1ـ سەپتە پايپېتەك بولغانىدى؛ 17 يىلدىن كېيىنكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پېنسىيەگە چىققان چاڭ يەنلىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، يەنە بىر قېتىم خىزمەت ئورنىغا قايتىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ 1-سېپىگە ياردەم بەردى.

  «بەك سەت بولدى، بۇ مەزگىلدە بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، تېلېفونمۇ ئۈزۈلمىدى.» 1-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 20دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، مۇخبىرنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، چاڭ يەنلىڭ يەنىلا ئالدىراش ئىدى.

  56 ياشلىق چاڭ يەنلىڭ ئىلگىرى غۇلجا شەھەرلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، بۇلتۇر 5-ئايدا پېنسىيەگە چىققان.

  «يۇقۇمنىڭ ئۆزى بۇيرۇق، يۇقۇمنىڭ ئۆزى مەسئۇلىيەت. مەن ھەم دوختۇر، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيە ئەزاسى، ئەگەر ئېھتىياجلىق بولسا، دەرھال ئىش ئورنۇمغا قايتىمەن.» 1- ئاينىڭ 24- كۈنى، 20 نەچچە يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە چاڭ يەنلىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارغا داۋالاشنىڭ 1- سېپىگە بېرىپ خىزمەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى. تەستىقلانغاندىن كېيىن، 1- ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇ ئىلگىرى خىزمەت قىلغان جايغا قايتىپ كەلدى.

  «مەن دوختۇرخانىنىڭ ئارقا سەپ كاپالىتىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئىلى ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسى، ئىلى ئوبلاستلىق شىنخۇا دوختۇرخانىسى ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئىش ئورنىنى سەپلەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇۋاتىمەن.» زىيارەت جەريانىدا، مۇخبىر چاڭ يەنلىڭنى ئىزدەيدىغان تېلېفوننىڭ ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ چاڭ يەنلىڭنى ئىزدەپ كېلىپ، خىزمەت ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.

  «چاڭ دوختۇرخانا باشلىقى بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىغا ئاپىرىن ئېيتىمىز»، «دەۋر قەھرىمانلارغا مۇھتاج، قەھرىمانلار يېنىمىزدىلا! پېشقەدەم رەھبىرىمىز چاڭ ھەدىمىزگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز.» بۇ، دوختۇرخانىدىكى خىزمەتداشلارنىڭ چاڭ يەنلىڭغا بەرگەن باھاسى. بۇ قېتىم چاڭ يەنلىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىرىنچى سەپتىكى ئىش ئورنىغا قايتىشنى تەلەپ قىلىپ، بۇ دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملارنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش يولىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

  «مەن بۇ ئالاھىدە مەزگىلدە دوختۇرخانىغا قايتىپ خىزمەت قىلىشنى ئېيتقاندا، ئائىلەمدىكىلەر ناھايىتى قوللىدى» دېدى چاڭ يەنلىڭ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشى بولغاچقا، ئۇنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى