تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭدا ھەر كۈنى گۈرۈچ، ئۇن، ماي، ماسكا، تېرمومېتىر قاتارلىق ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەش ۋە مال باھاسى تەكشۈرۈلۈپ ئىستاتىستىكا قىلىنىۋاتىدۇ

ھازىر، ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆكتات بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى، فوتوسى): ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى بىرلىكتە ئۈچ نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، توققۇز كىچىك گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ھەر كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى گۈرۈچ، ئۇن، ماي، گۆش، تۇخۇم، سۈت، كۆكتات قاتارلىق پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە ماسكا، تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، ۋىرۇسقا قارشى دورىلار قاتارلىق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىپ، تاللا بازىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، دورىخانا قاتارلىق تىجارەت سورۇنلىرىنى، تۇرمۇش ۋە ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالى ۋە باھاسىنى تەكشۈردى.

  1-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىر شەرقىي شىنجاڭنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ يوشۇرۇن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىيى جياڭيۈەن ئۇنىۋېرسال مال سېتىۋېلىش مەركىزى ۋە يەر ئاستى بىرىنچى قەۋىتىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا، كۆكتات بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇۋاتقانلىقىنى، يېڭى لازا، خاڭگا قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ باھاسىنىڭ چاغاندىن بۇرۇنقى ۋاقىت بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، پەقەت جاڭدۇ، دابەسەي قاتارلىق ئايرىم تۈرلەرنى تەمىنلەشنىڭ سەل يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى، باھاسىنىڭمۇ سەل ئۆسكەنلىكىنى كۆردى.

چىيى جياڭيۈەن ئۇنىۋېرسال مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە ئۇننىڭ باھاسى مۇقىم، تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى.

  ھازىر، چىيى جياڭيۈەن ئۇنىۋېرسال مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە گۈرۈچ، ئۇن، ماي، گۆش، تۇخۇم، سۈتنىڭ تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولدى، تاللا بازىرىدىكى ئۇن ۋە گۈرۈچلەرنى سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئامباردا ساقلاش يېتەرلىك بولدى.

  چىيى جياڭيۈەن ئۇنىۋېرسال مال سېتىۋېلىش مەركىزى يېنىدىكى جىكاڭ دورىخانىسىدا مۇخبىر نۆۋەتتە دورىخانىدىكى ۋىرۇسقا قارشى تۈردىكى زۇكام دورىلىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى، دورىخانىدا مەخسۇس ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى سېتىشنى تېزلىتىش مەخسۇس رايونى بارلىقىنى، بېزەك ھارۋىسىدا  بەنلەنگېن دانچىسى (板蓝根颗粒)، لەنچىن ئىچىملىكى (蓝芩口服液)، پۇدىلەن ياللۇغ قايتۇرۇش ئىچىملىكى (蒲地蓝消炎口服液) قاتارلىق ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ لىق تىزىلغانلىقىنى كۆردى.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە، شۇ كۈنى چىيى جياڭيۈەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، دوستلۇق تاللا بازىرى (友好超市) چيەنتاڭجياڭ يولى دۇكىنى، ياخشى يۇرت تاللا بازىرى (好家乡超市) چيەنتاڭجياڭ يولى دۇكىنى، بادىيەنبەن (八点半)، لىنجىيۈەن تۈرلۈك ماللار ماگىزىنى (林之源百货店) قاتارلىق 13 تاللا بازىرى (قولاي دۇكىنى) ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە گۈرۈچ، ئۇن، ماي، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق شىنجاڭ ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرالايدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇۋاتقانلىقىنى، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغانلىقىنى، لېكىن كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىق پەسىللىك يېمەكلىكلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش تەننەرخىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، باھاسىنىڭ بىر ئاز ئۆسكەنلىكىنى بايقىغان.

ئۈرۈمچى شەھىرى خۇاڭخې يولىدىكى جىكاڭ دورىخانىسىدا، ۋىرۇسقا قارشى دورىلار سېتىشنى تېزلىتىپ سېتىلىۋاتىدۇ.

  ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بۇيۇملىرى جەھەتتە، شۇ كۈنى بەيشىن دورا تاللا بازىرى جياڭيۈەن دۇكىنى، جىكاڭ گۇچۇڭ يولى دۇكىنى، رىيۆشىنگۇاڭ دۇكىنى (日月星光)، بەيساۋتاڭ رىيۆشىنگۇاڭ دۇكىنى (百草堂)، شىنتېياۋ (新特药) دورىخانىسى ياشلار يولى دۇكىنى، بەيساۋتاڭ (百草堂) دورىخانىسى جيەنجى ئولتۇراق رايونى دۇكىنى، شىنخۇا جەنۇبىي يولى باش دۇكىنى، جىكاڭ چوڭ دورىخانىسى 54-تارماق دۇكىنى، 206-تارماق دۇكىنى، ياخشى يۇرت (好家乡) دۇكىنى، پۇجىتاڭ (普济堂) دورىخانىسى چيەنتاڭجياڭ يولى دۇكىنى، يوۋچۈەنجىيا (优全佳) شىنخۇا جەنۇبىي يولى دۇكىنى قاتارلىق 12 زەنجىرسىمان دورىخانىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ زەنجىرسىمان دورىخانىلارنىڭ نورمال تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، سەنجيۇ زۇكام جەۋھىرى (三九感冒灵颗粒)، ليەنخۇا ۋابا تازىلاش كاپسۇلى (连花清瘟胶囊) قاتارلىق ئادەتتىكى ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن تەمىنلەش نورمال بولۇپ، تەكشۈرۈش جەريانىدا نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان بۇ 12 زەنجىرسىمان دورىخانىدا تاۋارلارنى بېسىپ قويۇش يولى بىلەن ھايانكەشلىك قىلىش، باھانى ئۆستۈرۈۋېلىش مەسىلىسى بايقالمىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جياڭ يۈشياڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە ئىشلىتىلىدىغان دورا سايمانلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمەت لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلدى، بۇ لايىھەنىڭ كەينىگە ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش دورىلىرىنىڭ ئىسكىلات قالدۇقىنى ئىستاتىستىكا قىلىش كۈندىلىك مەلۇمات جەدۋىلى قوشۇپ تارقىتىلدى، ئاشكارا، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ھەر كۈنى زىيارەت قىلغان كارخانىلارنىڭ تەمىنلەش ۋە باھا ئەھۋالىنى يۇقىرىغا يوللايدۇ.

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى جەدۋىلىگە ماسكا، تېرمومېتىر، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى (ئىسپىرت) نى سېتىۋېلىش، ئىسكىلاتتا ساقلاش، سېتىش باھاسى قاتارلىقلارنى تولدۇرۇش توغرىسىدىكى مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش دورىلىرىنىڭ ئىسكىلات قالدۇقى ئىستاتىستىكا كۈندىلىك مەلۇمات جەدۋىلىدە توققۇز خىل دورا ئۇچۇرى بار.

  ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ما چىڭيۈن مۇنداق دېدى: ئاشكارا، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش تىجارەتچىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى دېلو مىساللىرىنى يەكۈنلەپ چىقتۇق، ئەگەر پۇقرالار  بازار تىجارىتىدىكى مەھسۇلات سۈپىتى، باھاسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلسە، 12315گە تېلېفون قىلىپ ئەرز قىلسا، پاش قىلسا بولىدۇ، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپىتى لاياقەتسىز دورىلارنى ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىش ئەھۋالى تەكشۈرۈپ چىقىلسا، ئالاقىدار قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ