تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

نىلقا ناھىيەسىدىكى «پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى» ئولتۇراق رايونلىرىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئىشلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۇەن شياۋلى، ئىختىيارىي مۇخبىر سۈي فېڭجاۋ خەۋىرى، فوتوسى): «ياخشىمۇسىز يولداش، بەدەن تېمپېراتۇرىڭىزنى ئۆلچەپ باقايلى. ئالاھىدە مەزگىلدە ئامال بار سىرتقا چىقماڭ...» 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى نىلقا ناھىيەسى شىڭفۇ جيايۈەن 3-قارار ئولتۇراق رايونى پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى پارتىيە ئەزاسى سى چىن كىرىپ-چىقىۋاتقان ئاھالىلەرگە بىر-بىرلەپ نەسىھەت قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، نىلقا ناھىيەسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى مەھەللىلەردە پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ ھەرقايسى مەھەللىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىگەن.

  ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يۇقۇمقا تاقابىل تۇرۇشنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى زىممىگە ئالىدىغان «ئاساسىي جەڭ مەيدانى» قىلدى. 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، ھەر قايسى چوڭ-كىچىك ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ھەرقايسى ئورۇن ۋە تارماقلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلاردىن تەشكىللەنگەن پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى كىرىپ-چىققان ئاپتوموبىللار ۋە كىشىلەرنى تىزىملىدى ھەم سۈرۈشتۈردى شۇنداقلا ئاپتوموبىللارنى ئەستايىدىل دېزىنفېكسىيەلەپ، ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، پىسخىكىلىق يېتەكلەش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاھالىلەرگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاھالىلەرنى ئىمكانقەدەر سىرتقا چىقماسلىققا ئەسكەرتتى.

  «ھالقىلىق پەيتتە، پارتىيە ئەزالىرى ھەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك، بۇ بىزنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز» دېدى پارتىيە ئەزاسى سى چىن.

  «پارتىيە ئەزالىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە باشلامچى بولۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەربىر ئائىلىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇستەھكەم قورغان ھاسىل قىلىشى كېرەك» دېدى پارتىيە ئەزاسى بايىر.

  پارتىيە ئەزالىرىدىن سىرت، نىلقا ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن ئاھالە تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى سېپىگە قوشۇلدى. «بىز بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە چوقۇم ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىمىز» دېدى لو شاۋپىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى