تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ پوچتىسى يېشىل يول ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالارنى ھەقسىز يەتكۈزدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۇەن شياۋلى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جى خەيشيا خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبىسى(تۆۋەندە شىنجاڭ پوچتىسى دېيىلىدۇ)دىن ئىگىلىشىچە، بۇ شىركەت يېشىل يول ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالارنى ھەقسىز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا شىنجاڭ پوچتىسى يېشىل يول ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالارنى خالىس يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان ھەمدە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك شۆبە شىركەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىزىل كىرېست جەمئىيىتى، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىقلار بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ھەقسىز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

  پوچتا يوللانمىلىرىنى قوبۇل قىلىشتا توردا يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلدى، ئابۇنىچىلار پوچتا 11183 نومۇرغا تېلېفون قىلىش ياكى «EMS جۇڭگو پوچتا تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى» ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق زاكاس چۈشۈرسە بولىدۇ، ئاھالىلەر ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپ پوچتىدىن يەتكۈزۈش كەسپىنى بېجىرەلەيدۇ.

  توردا يەتكۈزۈش ھالقىسىدا، بۇ شىركەتنىڭ ھەر قايسى پوچتا يوللانمىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەركەزلىرى مەشغۇلات رايونىغا كىرگەن ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ، بارلىق ئىشلەپچىقىرىش خادىملىرىنىڭ ماسكا تاقاپ مەشغۇلات قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ يەتكۈزۈش خادىملىرى پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاپ، ئىش ئورنىغا چىققاندا ۋە ئىسمېنا ئالماشقاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسى تەكشۈرۈلدى؛ ھەر كۈنى ئىشلەپچىقىرىش مەيدانى ۋە پوچتا يەتكۈزۈش ئاپتوموبىللىرى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىندى.

  بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ پوچتىسى يەنە پوچتا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى يېشىل يولىنى ئېچىپ، تۈرلۈك پۇل ئىئانە قىلغاندا، تىجارەت تور نۇقتىلىرىدا ئىش بېجىرگەندە رەسمىيەت ھەققىنى كەچۈرۈم قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى