تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېنىق دىياگنوز قويۇش تېزلەشتى! 30 مىنۇتتا نەتىجىسى چىقىدىغان تەكشۈرۈش دورا قۇتىسى تەستىقلاندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشيا، 1-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ياڭ جيەن): 1-ئاينىڭ 28-كۈنى، شېڭشياڭ بىيۇ پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورا قۇتىسى دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. بۇ خىل 30 مىنۇتتا نەتىجىسى چىقىدىغان تەكشۈرۈش تەجرىبە دورا قۇتىسى تەكشۈرۈش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇم جەريانىدىكى گۇمانىي كېسەللەر، بولۇپمۇ يوشۇرۇن يۇقۇملانغۇچىلارنى تېز تارقاقلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالالايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەھسۇلاتنى ئېلىمىزنىڭ بەدەن سىرتىدىن تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويۇش ساھەسىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىس دەي لىجۇڭ باشچىلىقىدىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش گۇرۇپپىسى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، «RNA بىر قەدەملىك ئۇسۇلى» تېخنىكىسىدىن پايدىلانغان، ھەر قانداق جايغا ماس كېلىدۇ، مەشغۇلاتى ئاددىي، تەكشۈرۈش ۋاقتى قىسقا. شېڭشياڭ بىيو پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئاپتوماتىك يادرو كىسلاتاسى ئېلىش ئەسۋابى ئارقىلىق كۆچمە مولېكۇلا دىياگنوز قويۇش سۇپىسىدا بىر ئادەم بىر ئاپپارات بىلەنلا كۈنىگە مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تەكشۈرەلەيدۇ، ئەڭ تېز بولغاندا 30 مىنۇتتا نەق مەيداندىلا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى چىقىرالايدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا، شېڭشياڭ بىيو پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ خىل تېز، توغرا، يۇقىرى ئۆتۈشۈشچانلىق يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش لايىھەسى دوختۇرخانىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، بۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى