تىيانشان تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 1-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، ئاپتونوم رايون(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان يەنە ئۈچ ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى دوكلات قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن بىرى، ئىلى ئوبلاستىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن بىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ئۈچ كېسەللىك مىسالىنىڭ يېقىندا ۋۇخەندە ساياھەت قىلىش ۋە تۇرۇش تارىخى بار ئىكەن.
1-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 24كىچە، ئاپتونوم رايون(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن جەمئىي 17نى دوكلات قىلغان. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىساللىرى ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە سەككىزى، ئىلى ئوبلاستىدا بەشى، تۇرپان شەھىرىدە بىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بىرى، بىڭتۇەن 7-شىسىدە بىرى، بىڭتۇەن 8-شىسى شىخەنزە شەھىرىدە بىرى بار ئىكەن. ھازىر ئېغىر كېسەللىك مىسالىدىن ئۈچى، خەتەرلىك كېسەللىك مىسالىدىن بىرى بار بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەن كېسەللىك مىسالى يوق.
نۆۋەتتە، 728 كىشى تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.