تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

67 ياشلىق تەنھا بوۋاي ئۆيىدە كۆزىتىلدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق تامىقىنى يەتكۈزۈپ بەردى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز رېن چۇنشياڭ خەۋىرى، سۈرەتنى مەھەللە ئاھالە كومىتېتى تەمىنلىگەن): 1-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتە، 67 ياشلىق لەن بوۋاي پۈتۈشكەن ۋاقتى بويىچە ئىشىكىنى ئاچتى، بىر كىشىلىك چۈشلۈك تاماق پۈتۈشكەن بويىچە ئىشىك ئالدىغا قويۇپ قويۇلغانىدى، ئىسسىق پولو بوۋاينىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، مەھەللە خىزمەتچىسى نازىلە بوۋاينىڭ چۈشلۈك تاماقنى ئالغانلىقىنى كۆرۈپ، خاتىرجەم بولۇپ كېتىپ قالدى.

يالغۇز تۇرىدىغان لەن بوۋاي ئۈرۈمچى شەھىرى شۇيموگوۋ رايونى شۇيتاشەن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىتتىپاق شىمالىي مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئۇ بىرقانچە كۈن ئىلگىرى شىنجاڭغا باشقا ئۆلكە، شەھەردىن قايتقان خادىم بىلەن ئۇچراشقانىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭغا ئۆيىدىن چىقماي كۆزىتىشنى نەسىھەت قىلدى. لەن بوۋاي تاماق ئېتەلمەيتتى، ئەقلىي يان تېلېفونمۇ ئىشلىتەلمەيتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۈچ ۋاق تامىقى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ باش قاتۇرىدىغان ئىشى بولۇپ قالدى.

ئىتتىپاق شىمالىي مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جيا جىخۇينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بوۋاينىڭ سىرتقا چىقىشى قولايسىز بولغاچقا، ئېھتىياجىغا مەھەللە خىزمەتچىلىرى مەسئۇل بولغان. مەھەللە ئاھالە كومىتېتى خىزمەتچى خادىملارنى تاماق يەتكۈزۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھەقسىز ئۈچ ۋاق تاماقنى نۆۋەتلىشىپ بوۋاينىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىشكە، مەھەللىدىكى دېزىنفېكسىيە قىلىشقا مەسئۇل خادىملارنى دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇردى.

«بوۋاي يالغۇز تۇرىدىغان بولغاچقا، بەزىدە كەيپىياتى چېچىلاڭغۇ بولۇپ قالىدۇ، بوۋاينىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەش ئۈچۈن، تاماق يەتكۈزۈش گۇرۇپپىسى ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار پات-پات ئىشىكنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپ بوۋاي بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ تىت-تىتلىقىنى پەسەيتىپ، بوۋاينىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ھەرۋاقىت ئىگىلەپ تۇردى» دېدى جيا جىخۇي.

ئايرىش مۇھەببەتنى ئايرىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. جيا جىخۇي مۇنداق دېدى: ئالاھىدە مەزگىلدە، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئۆيىدىن چىقمىغان ئاھالىلەرگە قارىتا دەل ۋاقتىدا ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشى ياكى پىسخىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىشى، ھەر كۈنى تېلېفون، ئۈندىدار ياكى سىن ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، پىسخىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىشى، شۇنىڭدەك ئۆيىدىن چىقماي كۆزىتىلىۋاتقان ئاھالىلەر ئېھتىياجلىق بولغان كۈندىلىك بۇيۇملار ۋە يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا خاتىرىلەپ، بىر تۇتاش سېتىۋېلىشى، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈشى كېرەك.

ئاھالە شياۋئانىڭ ئائىلىسىدىكى تۆت جاننىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆيدىن چىقماي كۆزىتىلىۋاتقانلىقىغا بىرقانچە كۈن بولغانىدى، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلارنىڭ غەمخورلۇقى ۋە جىكىلەشلىرى ھەققىدە ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئادەم بىر نەچچە كۈن سىرتقا چىقمىسا، ئىچى سىقىلىپمۇ قالىدىكەن، ئەمما بىز چوقۇم بۇ قېتىمقى ئومۇمىي خەلقنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە ماسلىشىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نېمىگە ئېھتىياجىمىز بولسا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى دەل ۋاقتىدا بىزگە يەتكۈزۈپ بېرىۋاتىدۇ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇنىڭدىن تولىمۇ مىننەتدار. ئۇلار شۇنچە جاپا تارتىۋاتسا، بىز بەرداشلىق بەرمىسەك قانداق بولىدۇ».

شۇيموگوۋ رايونى چىداۋان تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى خۇيجەن مەھەللىسىدە، مەھەللە خىزمەتچىلىرى سىن ئارقىلىق ياكى ئىشىك ئالدىغىچە كۆكتات يەتكۈزۈپ بېرىش، كارىدور دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆيىدىن چىقمىغان ئاھالىلەرگە پىسخىكىلىق يېتەكلەش مۇلازىمىتى تەمىنلىدى.

خۇيجەن مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گوڭ يۈجيې مۇنداق دېدى: «بىز بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇلارغا يالغۇز جەڭ قىلمايۋاتقانلىقىنى، ھەممەيلەننىڭ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى چۈشىنىدىغانلىقىمىزنى، قوللايدىغانلىقىمىزنى، بۇ مەيدان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەكچى».

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ