تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى تەرەپ ماسكا سېتىشنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئالدامچىلىق دېلوسىنى پاش قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ شىنساۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خۇ پېڭچېڭ خەۋىرى) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىگەندىن سىرت، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىمۇ يۇقۇم ئەھۋالىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىشنى مۇھىم نۇقتا قىلدى. 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى تەرەپ ماسكىنى ساختا ئارىيەت ئېلىپ سېتىش ئالدامچىلىق دېلوسىنى پاش قىلدى.

  1-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتى خېيجياسەن مەسئۇلىيەت رايونى جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترىتى بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان، دېلو مەلۇماتىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆزىنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە بىر ئادەمنىڭ N95 ماسكا سېتىۋاتقانلىقىنى، باھاسىنىڭ 25 يۈەن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، قارشى تەرەپنى ئۈندىدارغا قوشقاندىن كېيىن، 200 نى زاكاس قىلغانلىقىنى، لېكىن پۇل تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋەتكەنلىكىنى، 5000 يۈەن زىيان تارتقانلىقىنى ئېيتقان.

  دېلو ئەھۋالىنىڭ رەزىللىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، جىنايى ئىشلارغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، خېيجياسەن مەسئۇلىيەت رايونى جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترىتى دېلونى ئىنكاس قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، جىنايەت گۇماندارىنى تېز سۈرئەتتە بېكىتكەن، ھەمدە 1-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 13لەردە قولغا ئالغان.

  سوراق قىلىش ئارقىلىق، گۇماندار ماسكا سېتىشنى سۇيىئىستېمال قىلىپ ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى. ھازى دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بېجىرىلمەكتە.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى تەرەپ يۇقۇم ئەھۋالىدىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن ھەر قانداق قىلمىشنىڭ قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالىدا، كەڭ ئامما ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، توردىن تېبابەتتە ئىشلىتىلىدىغان ماسكا قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغاندا، مۇنتىزىم مال سېتىۋېلىش تور بېكەتلىرىگە كىرىپ سېتىۋېلىپ، پۇل ئەۋەتىش، پۇل يۆتكەپ بېرىش، دەلىللەش نومۇرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تولدۇرغاندا، چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىنىپ ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىشىنى، ئەگەر ئالدىنىپ قالسا ۋاقتىدا 110غا تېلېفون قىلىشى ياكى يېقىن ئەتراپتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا بېرىپ دېلو مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى