تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

80 پارتىيە ئەزاسى پىدائىي بولۇپ بىرىنچى ئۆتكەلنى ساقلىدى: «ھالقىلىق پەيتتە ئالدىدا مېڭىشىمىز كېرەك»

پىدائىيلار ۋوگزالدىن چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.

تىيانشان تورى خەۋىرى (شېن زۇشاۋ فوتوسى/خەۋىرى) «ياخشىمۇسىز! بەدەن تېمپېراتۇرىڭىزنى ئۆلچەپ باقاي!» 1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ، ئەگەر سىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا پويىزدىن چۈشسىڭىز، چىقىش ئېغىزىدا مۇنداق بىر توپ پىدائىيلارنى كۆرىسىز، ئۇلار بىر تەرەپتىن تېرمومېتىردا ئەمدىلا پويىزدىن چۈشكەن يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئەھۋالنى تەپسىلىي سوراپ تىزىملايدۇ.

ئۈرۈمچى ۋوگزالى مۇھىم كىرىش ئېغىزى، شۇنداقلا ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدىكى ھالقىلىق ئۆتكەللەرنىڭ بىرى.

يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئورگان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيەلىك كادىرلىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى ئىدارە-ئورگان كادىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن 80 نەپەر پارتىيە ئەزاسى ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ 1-سېپىدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش پىدائىيلار ئەترىتىنى قۇردى.

پىدائىيلار ۋوگزالدىن چىققان يولۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تىزىملىماقتا.

ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) ئۈرۈمچى ۋوگزالى تارماق رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كادىرى چى فېڭ ۋېيتەي پىدائىيلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ۋېيتەي پىدائىيلىرىنىڭ ھەممىسى ۋوگزالدىن چىقىش ئېغىزىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ، يولۇچىلارنى تىزىملاپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرىپ ئايرىيدىكەن.

«پىدائىيلار ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىپ، مۇداپىئە ئۇسۇلىنى ئىگىلىدى، ئىش ئورنىغا چىققاندا قاتتىق مۇداپىئە تەدبىرى قوللاندى» دېدى چى فېڭ.

25 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما گۇيمېي تۇنجى بولۇپ پىدائىيلىققا تىزىمغا ئالدۇردى، ھازىر ئۇنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى چىقىش ئېغىزىدا يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش.

ئۇ بىر ھەپتىدىن بويان خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى، ئۇ مۇخبىرغا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ 1-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەر سائەت 4:30دا خىزمەت قىلىشقا باشلىغان ئىدى، ئائىلىسىدىكىلەر سائەت 3تىن ئاشقاندا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ناشتىلىق تەييارلاپ بەردى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.

پىدائىيلار يولۇچىلارنى ساقلىماقتا.

«ۋوگزالغا كەلگەن يولۇچىلار مېنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ كۆپ بولدى، ئادەم كۆپ بولغاندا بىردەممۇ جىم تۇرغىلى بولمايدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا يولۇچىلارنىڭ مېڭىپ بولۇشى ئۈچۈن 20 مىنۇتقا يېقىن ۋاقىت كېتىدۇ، تېرمومېتىردا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەيدۇ، يولۇچىلار تۈگەپ، قولىنى چۈشۈرگەندە ئاندىن بىلىكىنىڭ تېلىپ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئازراق تۆھپە قوشالىغىنىمىزدىن خۇشال. پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھالقىلىق پەيتتە ئالدىدا مېڭىشىمىز كېرەك» دېدى » ما گۇيمېي.

50 ياشلىق پارتىيە ئەزاسى لى فاڭ تۇنجى قېتىم پىدائىي بولۇپ بۇ يەرگە كەلدى.

يولۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، پويىز قېتىم سانى، ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەش لى فاڭنىڭ خىزمىتى. بىر كۈن ئىچىدە ئۇ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۇچۇرىنى خاتىرىلىيەلەيدۇ.

«قول بىلەن خەت يازمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ، قولۇمنى قېتىپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن» دېدى 20 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە لى فاڭ. گەرچە ئۇ ئازراق چارچاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ناھايىتى خۇشال ئىدى. «چۈنكى بىز پارتىيە ئەزاسى، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى قەتئىي جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىنقى سەپتە مەزمۇت تۇرۇشىمىز كېرەك. ھازىر ئالاھىدە مەزگىل، شۇنداقلا ئامما بىزگە ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقىت، بىز بولساق ئامما تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ» دېدى ئۇ.

ئىگىلىنىشىچە، يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دىن ھەر كۈنى 400 ئورگان كادىرى، داۋالاش خىزمەتچىسى، مەھەللە كادىرى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ۋە خىزمەت ئەترىتى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى