تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۆلەت ئاشلىق زاپاس ساقلاش تارماقلىرى «گۈرۈچ تالىشىش» ئەھۋالىغا ئىنكاس قايتۇردى

  قىسمەن رايونلاردىكى ئايرىم تور نۇقتىلىرىدا گۈرۈچنى توپلىشىپ تالىشىپ سېتىۋېلىش ئەھۋالىغا قارىتا، دۆلەت ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ جىڭبو 1-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇنداق دېدى: جايلار تەمىناتنى دەل ۋاقتىدا كۈچەيتىپ، مۆلچەر مەزگىلىنى تېزلىكتە مۇقىملاشتۇرۇپ، بازار تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى؛ نۆۋەتتە ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاشلىق، ياغ بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم بولماقتا.

  لۇ جىڭبو مۇنداق دېدى: ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ ئاشلىق، ياغ ئىسكىلات قالدۇقى تارىختىكى يۇقىرى ئورۇندا تۇرماقتا، خام ئاشلىق زاپىسى ئىنتايىن مول، چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق تەييار مال زاپىسى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلدى، ماددىي ئەشيالارنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش ئاساسى كۈچلۈك. مەملىكىتىمىزنىڭ ئاشلىق، ياغ پىششىقلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، ناۋادا ئېھتىياجلا بولسىلا ھەر كۈنى 1 مىليون 500 مىڭ توننا شال، 800 مىڭ توننا بۇغداي پىششىقلىغىلى، 700 مىڭ توننا ياغ ئىشلىگىلى بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاشلىق، ياغ بازار سىستېمىسى ۋە تەقسىملەش-تەمىنلەش تورى مۇكەممەل بولۇپ، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىقلارنى تېز سۈرئەتتە تېرمىنال ئىستېمال بازىرىغا سالغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى